ھېكمەت:
يىگىت رايىنى ياندۇرۇش نامەردنىڭ ئىشى_
ئەلشىر ناۋائى
:بالام چوڭ بولغاندا نېمە قىلىسەن؟ :چوڭ بولغاندا ئۇچقۇچى بولىمەن ئاپا.... :چوڭ بولغاندا نېمە قىلىسەن؟ :چوڭ بولغاندا ئالىم بولىمەن دادا.... نۇرغۇن يىللار ئۆتتى.لېكىن ئۇ بالىلا ئەمەس نۇرغۇن بالىلار ئۇنداق قىلالمىدى،ھەتتا ئارزۇلىرىنى نەلەرگىدۇ يوقاتقان ئىدى.ئۇنداقتا ئۇلار چوڭ بولمىدىمۇ ؟ نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئاشۇ سەبىي چاغلىرىدا ئالىم بولىمەن،شاھزادە بولىمەن،مەلىكە ئالىمەن دېگەن گۈزەل ئارزۇسى بار بالىلار ئاخىرى ئۇنداق قىلالمىدى.
توغرا بىز ئىشەنمىدۇق.ئۇلارنىڭ ھازىرلا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىدۇق.شۇڭا ئۇلار چوڭ بولۇشنى ساقلىدى.كىچىك ۋاقتىدا يىقىلىپ كەتسە چوڭ بولغاندا تۇرۇشنى ئويلىدى.ھەممە ئىشنى چوڭ بولغاندا قىلىشنى ئويلىدى.ئەمدى چوڭ بولغاندا بولسا ھېچنىمىنى ئويلىمايدىغان بولۇپ قالدى.
بىز ئىشەنمىدۇق.ئۇلارنىڭ داڭلىق ئادەم بولۇشىنى ئويلىدۇقيۇ ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشەنمىدۇق.ئۇنىڭ ئارزۇلىرىغا سوغۇق سۇ سەپتۇق.ياشلار بىرەر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن مويسىپىتلاردىن،ئاكىلىرىدىن مەسلىھەت سورىدى.لېكىن ئۇلار بۇنى قىلايمۇ دېسە تەس دېدى.ئۇنى قىلايمۇ دېسە سەن تېخى كىچىك دېدى.
ئۇ ئالىم بولماقچى ئىدى،بىز ئۇنى كۆپ كىتاب كۆر ياكى ئۆگىنىش قىل دېدۇق.ئۇ توختىماي ئۆگەندى.ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن زېرىكتى.ئالىم بولۇش ئەسلى زېرىكىشلىك ئەمەس ئىدى.ئەمما بىز ئۇنى ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا قويۇپ بەرمىدۇق.ئۇنىڭ پۇتبول چولپىنى بولغۇسى بار ئىدى.بىز ئۇنى سەن بەرىبىر رونالدو بولالمايسەن دېدۇق.ئۇ ئاخىرى ئۇنىڭدىنمۇ ئۈمىد ئۈزدى.
ئاخىرى قانداق بولدى؟ ئۇ ھېچنىمە قىلالمىدى .قىلالىسىمۇ ئارزۇيىڭىزدەك قىلالمىدى.ئۇنىڭغا سىز ئۆي ئېلىپ بەردىڭىز.تويىنى قىلىپ بەردىڭىز ،بالىسىنى باقتىڭىز.لېكىن ئۇ سىزگە ئۇنچىلىك قىلىپ بېرەلمىدى.ئۆتۈنەي،بالىڭىزنى چوڭ بولغىلى قويۇڭ!سىزمۇ بالىڭىزنىڭ كۆيۈنىشىگە موھتاج!
كارخانا جەمئىيەتلەردە بولسا بىز ياشلارغا ئىشەنمىدۇق.باشقىلارنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ بارغاندا ياكى دۇكانغا كىرگەندە كىچىك بالىلار تۇرغان بولسا چوڭلار بارمۇ دېدۇق.ئەسلى ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا ئىدى.ئۇ بالا شۇنىڭدىن باشلاپ چوڭ بولۇشنى ساقلىدى.ئاخىرى چوڭ بولمىدى.
بىز ياشلارنى زايا قىلدۇق.ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرى ئۇرغۇپ تۇرغان ئىدى.تەۋەككۈل روھى ۋە مۆجىزىگە بولغان ئىشەنچى چوڭلاردىن كۈچلۈك ئىدى. كېسەل كۆرسەتمەكچى بولغانلار تەجىربىلىك ياشانغان دوختۇرلارنى ئىزدىدى.ئىشقىلىپ ھەممەيلەن ئىش كۆرگەن ئۇستامنى ئىزدىدى.لېكىن ئەينى زاماندا 11 ياشلىق ناۋايى 80 ياشلىق لۇتفىنى بىر مىسرا شېئىر بىلەن مەغلۇپ قىلغان ئىدى.
شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن ناۋايى ئەلشىرلەر چوڭ بولالماي قالدى.نى نى تالانتلار بېسىقىپ قالدى.پۇرسەت چوڭلارغا بېرىلدى.ھوقۇق ھەممە يەردە چوڭلارنىڭ بولدى.چوڭلارنىڭ دېگىنى دېگەن بولدى! بىز ياشلارغا پۇرسەت بېرەيلى.ئۇلارنىڭ ئىچى سىقىلىپ مۇھەببەتلىشىپ ياكى ئويناپلا يۈرمىسىۇن.ئەمەلگە ئاشمايدۇ دەپ قارىغان پىلانلىرى ئۈچۈن تىرىشسۇن.تەنتەربىيەگە قىزىقسا توپچى بولسۇن.سودىغا قىزىقسا سودىگەر بولسۇن.ئالىم بولغۇسى بولسا جاھان كەزسۇن.
ئەي ياشلار بىزمۇ سەۋەبنى ئاتا ئانىمىزدىن ياكى باشقىلاردىنلا كۆرۈپ كەتمەيلى.ئارزۇنىڭ بىزنى قىينىشىغا چىدىماي،ئويۇن تاماشاغا بېرىلمەيلى.ئارزۇ بىزنى قىينىغانسېرى شۇنچە ئىرادىلىك بولايلى.مەيلى مۇھەببەت بولسۇن ۋە ياكى مۇۋەپپىقىيەت بولسۇن ئوخشاشلا بىزنىڭ باتۇرلارچە ھەرىكىتىمىزگە موھتاجدۇر.
تەجىربىلەرگە تايىنىپ ئېھتىياتچان قېرىلارچە ياشاش ئۇسۇلى ۋە بىر بىرىنى قوللىماسلىق ئاخىرى بىزنى ئىلگىرلەتكەن تەغدىردىمۇ يۈكسەلدۈرمەيدۇ.
2016-يىلى 22-نويابىر قۇمۇل
ئابدۇرەشىد ئابدۇلئەھەد ( نادىر ) |