باغلىغان چىن ئىشتىياق، كۆزىنى تىكىپ يىراق. يۈرىكىدە ئوت -پىراق، ياندۇرۇپ نۇرلۇق چىراق.
ئاكىتۇرغا ئېچىپ بىر يول، ناخشىغا سېلىپ بىر ئۇل . سەپلەردە بولۇپ بۇلبۇل، ئاتىلىپ ئەلدە دۇل-دۇل.
بىر ئۆمۈر تەرلەر تۆكۈپ، ئىزدىنىپ ھەرۋاخ چۆكۈپ. ياماننى دادىل سۆكۈپ، ياخشىنى دىلغا پۈكۈپ.
خەلقىمگە كۆيگەن ئۆزى، ۋەتەننى سۆيگەن ئۆزى. پۈتۈن ئالەم يۇلتۇزى، پەيىنى يايغان توزى.
ئاپتۇر: سانجى داشىچۈ بازىرىدا |