- تىزىملاتقان
- 2015-12-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-12-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2525
- نادىر
- 0
- يازما
- 212
ئۆسۈش
17.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sintax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-12-1 04:15
1-ئاياللار بىرى زىيادە سەزگۈرلۈكتىن ، يەنە بىرى زىيادە گومۇشلۇقتىن بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ .
2-ئايالى دىتسىز ئەر ئاسان قېرىيدۇ ، ئېرى دىتسىز ئايال ئاسان يولدىن چىقىدۇ .
3-ئەرنىڭ شىجائىتى ئايالغا ئايال بولۇشنى ئۆگەتسە ، ئايالنىڭ مۇلايىملىغى ئەرگە ئەرلىك خاراكتىر ئاتا قىلىدۇ .
4-ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشى ئائىلىنى ۋەيران قىلسا ، ئەرلەرنىڭ بۇزۇلۇشى پۈتكۈل دۇنيانى ۋەيران قىلىدۇ .
5-ئەركىشى دۇنيانى لايىھىيەلىسە ، ئايال كىشى ئەرنى لايىھىيەلەيدۇ .
6-ئاياللار پەسكەش ئەلدە ئەخلاق بۇزۇلسا ، ئەرلەر پەسكەش ئەلدە ھەممە نەرسە بۇزۇلىدۇ .
7-ئاياللىرى ھاماقەت مىللەتنىڭ ئەرلىرى ھىيلە-مىكىرگە ئۇستا كىلىدۇ ، ئەرلىرى ھاماقەت مىللەتنىڭ ئاياللىرى بۇزۇق -پەسكەش كىلىدۇ .
8-سەن ئاۋال ئايالىڭغا ئۇنىڭ ئاياللىقىنى ھېس قىلدۇر ، ئاندىن ئۇ سېنىڭ ئەر ئىكەنلىكىڭنى ئېيتىپ بىرىدۇ .
9-ئاياللارنىڭ بەختسىزلىكى -كۆڭۈلدىكىدەك ئەر بىلەن تۇرمۇش قۇرالمىغانلىقىدىن بولسا ، ئەرلەرنىڭ بەختسىزلىكى ئۆزلىرىنىڭ دىتسىزلىقىدىن بولىدۇ .
10-ئاياللار ئەرلەرنىڭ كۆڭۈل خوشلۇقىغا ئايلىنىپ قالغاندا ، ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .
مەنبە : ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ›› ژورنىلى 2004-يىللىق 4-سان ، ‹‹ تەپەككۇر
مىۋىلىرى ›› سەھىپىسىدىن |
|