قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 628|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خاندولۇق: سانائەت نېمىلەرنى ئىلىپ كېلىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2

دوست

2784

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18913
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 956
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ھازىرقى زامانىۋى جەمىئىتىمىزگە نىسبەتەن ،ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى ئاللىقاچان تارىخقا ئايلاندى،ئەمما سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەئىنسانىيەت ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى رولى ھازىرغىچە توختاپ قالغىنى يوق،ئۇنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە قانۇنىيىتى ھىلھەم ھازىرقى زامان كىشىلېرىنىڭ پايدىلىنىشىغا بولىدىغان ياخشى ئۆرنەك بۇلالايدۇ.ئىقتىسادىي قۇرۇلما جەھەتتىكى ئۆزگىرىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان دۆلىتىمىز،جۈملىدىن رايونىمىز شىنجاڭ بۇ ئۇلۇغ تارىخنى قايتا ئەسلەپ،ئۇنىڭدىكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يولىمىزغا يېتەكچى ئىدىيە قىلىشقا بولىدۇ.
 
     ئەمەلىيەتتە ،«سانائەت ئىنقىلابى» دېگەن ئۇقۇم ئىزچىل تارىخشۇناسلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلدى.ئامېرىكىلىق گىرىك تارىخشۇناس لېفتىن سىتاۋروس سىتاۋرانىيوس ئۆزىنىڭ «يەرشارىنىڭ ئومۇمىي تارىخى» دېگەن كىتابىدا،سانائەت ئىنقىلابى بولسا ئىنتايىن تىز ،ئۇشتۇمتۇت بولغان ئۆزگىرىشنىڭ تاماملىنىشى بولماستىن، بەلكى 18-ئەسىردىن ئىلگىرىلا ئاللىقاچان باشلانغان، شۇنداقلا ھەرخىل رېئال مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىزچىل داۋاملىشىپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ئىزچىل جەريان،دەپ قارىغان.سانائەت ئىنقىلابى 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشلانغان بولۇپ، سودا ئىنقىلابى ئىلىپ كەلگەن ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىسى بىلەن زورباغلىنىشلىققا ئىگە.پايدىسى يۇقىرى سودا كارخانىلىرى،تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋەتۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشى 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ كۈتۈرىلىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.  

     19-ئەسىردە سانائەت ئىنقىلابى ئەنگلىيەدىن ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا تارقىدى.تارقىلىش شەكلى بولسا تەبىئىي بايلىقلارنىڭ تەمىنلىنىشى ۋە دىنىي جەمئىيەت ياكى فېئودال مەجبۇرىيەتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدىغان ئەركىن يۈتكىلىشچان ئەمگەك كۈچى قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق ئىدى.سانائەت ئىنقىلابى ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدابېلگىيە،فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسى،ئىتالىيە،چاررۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدابولمىغان دۆلەتلەردىن ئامېرىكا،ئەنگلىيەنىڭ بەزى مۇستەملىكە دۆلەتلىرى،ۋەياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالدى.بۇ جەرياندا ئەنگلىيە بارا-بارا «دۇنيازاۋۇتى» لىق ئورنىنى يوقىتىپ قويدى.ئەمەلىيەتتە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگىلىيەسانائىتى ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ كەينىدە قالغان ئىدى.1980-يىللارغا كەلگەندەئەنگىلىيە سانائىتى ئاللىقاچان دۇنيادىكى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلىك ئورنىدىن ئايرىلىپ قالدى.1995-يىلىغا كەلگەندە ياۋروپا-ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى% 2.6~ %3ئارىلىقدا بولسا،ئاسىيانىڭ %8.7كەيەتكەن،بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ 1995-يىلدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش كۆرسەتكۈچى%10.2يەتكەن.

     21-ئەسىرگە كىرگەندىن كىيىن ،يەرشارىلىشىشنىڭ كەسىپ تەقسىماتى سانائەت ئىنقىلابىنىڭئىزچىل ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى،يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى دۇنيا سانائەتئىشلەپچىقىرىشىدىكى يېڭىدىن قوشۇلغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىشقا باشلىدى.جۇڭگوبۇنىڭ ئىچىدىكى بايراقدار بۇلۇش سۈپىتى بىلەن «دۇنيا زاۋۇتى» سېپىگە قىستىلىپ كىرىشكە باشلىدى.2000-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن باشلاپ ،جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى كۈچى 100تىرىليون يۈەندىن 640تىرىليون يۈەنگە يەتتى(2014-يىللىق سىتاتسىكا) ،بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدىكى سانائەت ئىنقىلابى باشلىنىپ 200نەچچەيىلدىن كىيىن ،جۇڭگو سانائەت ئىنقىلابىنىڭ قۇياش نۇرىدىن بەھرىمەن بۇلۇشقاباشلاپ،كۆلىمى ئەڭ چوڭ «دۇنيا زاۋۇتى» غا ،يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىنقىلابى ۋەئىچىۋىتىلگەن سودىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتدارىغا ئايلاندى.

     دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، سانائەت ئىنقىلابىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تەسىركۆرسىتىش جەريانى بولسا بىر قانۇنىيەتلىك جەريان. سانائەت ئىنقىلابى پەيدا قىلغان مۇھىم تەسىرلەر ،دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ھىلھەم

     ئۆزىنىڭ ئوخشاش رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.مۇنداقچەئىيتقاندا ئىنتېرنېت يېڭىچە ئىقتىسادى شەكلىنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسى ھەرقانچەيۇقىرى بولسىمۇ ،دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيىتى يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ.تۆۋەندەبىز سانائەت ئىنقىلابىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق تەسىرلىرىگەنەزەر سىلكىپ باقايلى:
 
     سانائەت ئىنقىلابىنىڭ بىر مۇھىم تەسىرى شۇكى-نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى

     سانائەت ئىنقىلابى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىنى پەيدا قىلدى ۋە بۇ ئۆرلەش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ۋە ئۈنۈمنىڭ كۈتۈرىلىشىگەتۈرتكە بولدى،ئىقتىساد ئامىلى نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالدى، ئۇنىڭدىن باشقا مېدىتسىنا ۋە سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى نوپۇس كۆپىيىشىگە نىسبەتە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىككىلەمچى سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.

     جۇڭگو ھازىرمۇ دۇنيادىكى نوپۇس كۆلىمى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، ئەمگەك يېشىغا ماس كېلىدىغان ئەمگەكچىلەر سانى جەھەتتە زورئەۋزەللىككە ئىگە ،ئەمما كەلگۈسىدە قېرىلىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۈتۈرىلىشى نوپۇس ئەۋزەللىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىكى ئاكتىپ رولىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىشى مۇمكىن.
 
     سانائەت ئىنقىلابىنىڭ يەنە بىر زور تەسىرى بولسا-شەھەرلىشىش
  
    سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىياتى ۋە زاۋۇت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ،نۇرغۇنلىغان نوپۇسنىڭ سانائەت مەركەزلىرى ھېسابلىنىدىغان شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەشكە جەلپ قىلدى.سانائەتلىشىش ئىلىپ كەلگەن شەھەرلىشىش دولقۇنى دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا ئوخشىمىغان تەرەققىيات ھالىتىنى پەيدا قىلدى. ئالدى بىلەن ياۋروپا ،ئاندىن ئامېرىكا،ياپونىيە ،ئەڭ ئاخىرىدا يېڭى گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلەر سانائەتلىشىش ۋەشەھەرلىشىشنىڭ تىز سۆرئەتلىك دەۋرىگە كىردى.نۆۋەتتە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرئاللىقاچان سانائەتلىشىش قەدىمىنى تاماملاپ بولدى،شەھەرلىشىش دۇلقۇنىمۇ مۇقىم،پىشىپ-يېتىلىش دەۋرىگە كىردى.
 
     سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئۈچىنچى تەسىرى بولسا-بايلىقنىڭ ئېشىشى
  
     سانائەت ئىنقىلابى دۇنيا خاراكتېرلىك كۆلەم ئارقىلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە تەبىئىي بايلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى،ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تارىختىن بۇيانقى يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىپ،نۆۋەتتىكى بايلىقلارنىڭ مىسلىسىز جوغلىنىشى ۋە ئېشىشىنى ئېلىپ كەلدى.ئەگەر بايلىقلارنىڭ تەقسىملىنىشىدىن ئىبارەت مۇرەككەپ مەسىلىنى ئويلاشماي،نۆۋەتتىكى ئومۇمىيلىقتىن چىقىپ قارىساق،دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بايلىقىنىڭ ئېشىشى ئاساسىي جەھەتتىن سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تارقىلىش ئوربىتىسى بۇيىچە مېڭىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.

     دۆلىتىمىز جۇڭگو 21-ئەسىرگە كىرگەندىن كىيىنلائاندىن بايلىقنىڭ تىز ئېشىش دەۋرىگە كىردى،دۆلەت ۋە پۇقراۋى بايلىق زور دەرىجىدەئاشتى.جۇڭگو دۇنياغا مەبلەغ سېلىشقا،دۇنيادا بازىرىدا ئىستېمال ھەرىكىتى قىلىشقاباشلىدى،بۇ جۇڭگودا بايلىقىنىڭ ئاشقانلىقىنىڭ بىر نەتىجىسى.
  
     سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تۆتىنچى زور تەسىرى بولسا-ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈردى

  شەخس بايلىقىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى بولسا مەۋجۇتلۇقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئاساسىدا ،شەخسنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى ۋە تەلىپى تېخىمۇ ئاشتى.نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھەشەم بۇيۇملىرىنى ئىستېمال قىلالايدىغان بايلىقى بار بولدى،جەمىئەتتەيىڭى بىر ئىستېمال قاتلىمى پەيدا بولدى.خۇددى شېكىسپېر ئېيتقاندەك«مودا كىيىملەرمەڭگۈ ئادەتتىكى كىيىملەردىن كۆپ» دېگىنىدەك ،ئىستېمال قاتلاملىرىنىڭ شەكىللىنىشى ،ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ۋە ھەشەم ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ھېكايىسى قاتارلىقلار خۇددى قايتىلىنىپ ئوينىلىۋىرىدىغان ئويۇنغا ئوخشاش،تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە يېڭى گۈللەنگەن بازاردۆلەتلىرىدە ھىلھەم ئوينالماقتا.

    سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تارىخى ۋەتەرەققىياتىنى ئەسلىگىنىمىزدە ،بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات يولىمىز بولسا تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى قانچە تىز بولسۇن،سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆزگىرىش قانچە زور بولسۇن ،بىز چوقۇم سانائەت ئىنقىلابى تارىخىدىكى ئاساسى قانۇنىيەتكە ئەگىشىپ مېڭىشىمىزكېرەك؛سانائەت ياسىمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،ئادەم كۈچى بايلىقىدىن تۇلۇق پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شەھەرلىشىش قەدىمىنى تېزلەشتۈرۈش،خەلقنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار سانائەت ئىنقىلابى تارىخى بىزگە قالدۇرغان تەرەققىيات ئوربىتىسىدۇر.

     مەنبە:  http://iz.yanbilog.com/index.php?mid=404&m=view&id=13473&pc=1
bagdax

0

تېما

0

دوست

369

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   34.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83822
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-1
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بەزى تەرەققىياتلار مەلۇم نەرسىگە تەۋە قىلىنىۋاتىدۇ، بىراق سانائەت ئىنىقىلاۋى بۇ تەرەققىياتنىڭ ئاساسى ئىگىسى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمايۋاتىدۇ.

0

تېما

0

دوست

1296

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  71009
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 382
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-3
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل تىما

0

تېما

0

دوست

189

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84323
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-1
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
سانائەتلىشش ۋە شەھەرلىشش ھەققىي مەنىدىكى ھازىرقى زامان مىللىتى بولۇشتا چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان يول .
bagdax
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )