«يەتتە قىزلىرىم» نىڭ روھى قورۇنۇپ قاپتۇ.
[align=justify] دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇچتۇرپانغا باردىم. دوستۇمنىڭ يول باشلىشى بىلەن "يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى" گە باردۇق. كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. بۇ قەبرە پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىلگەندەك تۇرىدۇ. قەبرىگە يېزىلغان يەتتە قىزنىڭ ئىسىملىرى ئۆچۈرۈلۈپتۇ، سېرىق ھەل بېرىپ تەرجىمىھالى پۈتۈلگەن قارا تاختا پارچە-پارچە قىلىۋېتىلىپ، پارچىلىرى تىزىپ قويۇلۇپتۇ، خەتلەر تولۇق ئەمەس، چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ روھى قانچە قورۇنغاندۇ-ھە؟
ئۇنىڭ يېنىدىكى يەنە بىر قەبرە تېمىنىڭ ئىچ يۈزىگە قەبرە كۆرگىلى كەلگەنلەر ئۆزىنىڭ ئىسىمى، يۈرتى، كەلگەن ۋاقتى قاتارلىقلارنى پەستىن تۇرۇسقا تاقاشقىچە يېزىپ تامنىڭ ئاق يېرىنى قويماپتۇ، بۇ نېمە دېگەن مەدەنىيەتسىزلىك؟
بىر بلوگدا يەتتە قىزلىرىم ھەققىدىكى يازمىدا كىشىنى ئاچچىق يۈتكۈزىدىغان بىر نەچچە قۇر ئۇچۇرنى كۆرۈپ، تورداشلارنىڭمۇ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم:
«يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى» ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان ئاقتوقاي تاغ تىزمىلىرىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى رىشاتكا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ چىڭ ئىمپېراتورى چيەنلوڭنىڭ 30- يىللىرى (مىلادى 1765 – يىلى) زۇلۇمغا قارشى ئۇچتۇرپاندا يۈز بەرگەن ئاتا – بالا (بەزى مەنبەلەردە ئاكا – ئۇكا دېيىلىدۇ) رەھمىتۇللا بەگ ۋە ئەسمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ (جىگدە يېغىلىقى) قاتناشچىلىرىدىن ئايال پالۋان مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ مەقبەرىسىدۇر .
«يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى» ئىككى ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل تاۋاپگاھ ۋە زىيارەتگاھ بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئورۇن «ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى» قىلىپ بېكىتىلگەن .
ئەپسۇسكى، ئۇﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﻪشھۇﺭ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﮕﺎھ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺭەھبەﺭﻧﯩﯔ «ﺑﯘ ﺩېگەن ئەكسىنئىنقىلاﭘﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ قەﺑﺮﯨﺴﻰ، ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ»، ﺩېگەﻥ پەﺗﯩﯟﺍﺳﻰ بىلەﻥ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
تۆۋەندە بۇ ھەقتە تارىخ ئىشتكەيسىلەر:
چىڭ سۇلالىسى (ئىمپېرىيىسى) دىيارىمىزنى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن، دىيارىمىزغا قارىتا ئىنتايىن ئېغىر بولغان زۇلۇم، ئاسمېلياتىسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ. بىز ھازىر ئۇنتۇپ قېلىشقا يۈزلىنىۋاتقان «چەنتو» دېگەن ھاقارەتلىك نام ئەنە شۇ دەۋرنىڭ ئاچچىق يالدامىسىدۇر.
چيەنلوڭ زامانىسىدا چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن خوجىلار ئارىسىدىكى بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا، خوجىلار تەرەپتىن ئىپارخان چيەنلوڭ خانغا ئەسىر چۈشىدۇ. ئىپارخان چيەنلوڭ خاننىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئانا يۇرتى ئىشقىدا كېچە – كۈندۈز يىغلاپ ئۆتىدۇ. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن، چيەنلوڭ خان ئىپارخانغا مەخسۇس ئۇيغۇر پاسونىدىكى بىر يۈرۈش ھويلا – ئارام تەييارلايدۇ، بۇنىڭغا دىيارىمىزغا خاس بولغان ھەرخىل دەل- دەرەخ تىكىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.
يۇقىرىقى سەۋەبلەرگە كۆرە، 1765 – يىلى مۇئەللىپ (قىسمەت) نىڭ ئانا يۇرتى ئۇچتۇرپان شەھىرى (شۇ يىللاردا ئۇچتۇرپان شەھەر ئىدى) گە جىگدە ئالۋىنى چۈشىدۇ. ئۇچتۇرپاننىڭ شۇ چاغدىكى ئامبالبېگى ئابدۇللا بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرگۈچىسى سۇچىڭ ئۆزىنىڭ بىر قاتار سىياسىي قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇچتۇرپان دىيارىدا نامى چىققان رەھمىتۇللا بەگنى كۆزدىن يوقىتىشنى نىيەت قىلىپ، ئۇنى بۇ ئىشقا باش قىلىش باھانىسى بىلەن، نەچچە مالتاققا جىگدە كۆچىتىنى تىكتۈرۈپ، بېيجىڭغا يولغا سالىدۇ. رەھمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدىكى بۇ كارۋان ياڭخې (ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزا، «ئاچاتاغ» دەپ ئاتىلىدۇ) غا كەلگەندە، كارۋان ئىچىدىكى چىڭ چېرىكلىرىنى كاتتىسى (سۇچىڭنىڭ ئوغلى) ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى ئۇرۇپ – سوقۇپ، بىر نەپىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئىشلەمچىلەر سۇچىڭنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاھان تارىخىدا مەشھۇر بولغان «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىدۇ.
بۇ ئىنقىلاب داۋاملىشىپ ئالتىنچى ئېيىغا قەدەم قويغاندا، ئىنقىلاب بېشى رەھمىتۇللا بەگ، ئىزباسارى (ئوغلى، بەزى ماتېرىياللاردا ئىنىسى دەپمۇ قارىلىدۇ) ئەسمىتۇللا بەگلەر خائىنلارنىڭ كاساپىتى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. ئىگىسىز قالغان خەلقنىڭ تەرەپ – تەرەپكە چېچىلىپ كېتىشى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان پەيتتە، رەھمىتۇللا بەگنىڭ قىزى مايسىخان ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن بېسىپ (ئۆزى بىلەن قۇرداش ئالتە قىزنىڭ ھەمكارلىقىدا) خەلقنى تەشكىللەپ تاغ، جىلغا، ئورمانلىقلاردا يوشۇرۇنۇپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بىرىدۇ.
مايسىخان باشچىلىقىدىكى بۇ قوزغىلاڭچى قوشۇن ئۈچ ئاي جاپالىق جەڭ قىلىدۇ. ئەمما ئەسكىرىي كۈچ جەھەتتە غايەت زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە چىڭ قوشۇنى يورۇق تاڭغا تەشنا خەلقنى قانلىق باستۇرىدۇ.
ئاقىۋەت، بۇ جەسۇر يەتتە قىز ئاقتوقاي تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئۈستىگە قامىلىپ قالىدۇ. چىڭ چېرىكلىرى تەرەپ – تەرەپتىن قىستاپ كېلىدۇ. دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ، دەپسەندە قىلىنىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرگەن بۇ يەتتە قىز تاغدىن سەكرەپ، باتۇرلارچە قۇربان بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدىن كېيىن، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇچتۇرپان شەھرىدە قەتلىئام (ئومۇمىي قىرغىن) يۈرگۈزىدۇ، ئۇچتۇرپان دىيارىدا ئادەم زاتى قالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئەنە شۇ ۋەقەلەرنىڭ قەلەمگە ئالغۇچىسى موللا شاكىر ئۆزىنىڭ «زەپەرنامە» داستانىدا مۇنداق يازىدۇ: «ئۇچتۇرپان شەھرىدە ئاتا ئۈچۈن يىغلايدىغان بالا، ئەر ئۈچۈن يىغلايدىغان خوتۇن قالمىدى. توشقان دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۈچ يىلغىچە (قان ئېقىپ تۇرغانلىقتىن) ئىچكىلى بولمىدى.»
ئاخىرىدا قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى بۇ قېتىمقى ئۇچتۇرپان «جىگدە يېغىلىقى» چىڭ سۇلالىسىنىڭ دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغالغان (دىيارىمىزدىكى) تۇنجى قېتىملىق خەلق ئىنقىلابىدۇر.
ﻣﺎﻳﺴﯩﯩﺨﺎﻥ: ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﺩﺍﺭﻯ،ﻗﻪﻟﻪﻣﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻟﻪﻣﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﻘﺘﺎ ئۇنىڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﻏﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﺰ: ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﯗﯞﺍﻧﺪﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻦ،چېچەﻧﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺟﺎﯞﺍﭘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯘ ھەممىنى ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ.
ﺩﯨﻠﺒﻪر: ﻛﯚﭖ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻮﻳﭽﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﻖ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ؛
ﺯﯙﮬﺮﻩﮔﯜﻝ: ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺗﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﺪﻩﻙ ﻧﯘﺭﻟﯘﻧﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ؛
ﻗﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﺴﺎ: ﺗﻪﻗﻘﻰ-ﺗﯘﺭﻗﻰ ﺗﯜﭘﺘﯜﺯ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﺷﻪﻣﺸﺎﺩنى ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﺪﯗ؛
ﮔﯜﻟﺌﺎﻳﯩﻢ: ﺑﯘﻻﻗﺘﻪﻙ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯚﻛﺘﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻼ ﻛﯚﺯﻟﯜﻙ ﻗﯩﺰ؛
ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﻧﯩﺴﺎ: ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯚﺳﺴﯩﻤﯘ،ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﺭﻛﻪ ﻗﯩﺰ ؛
يەتتە قىز توغرىسىدىكى تارىخىي مەزمۇن julaliq.com مۇنبىرىدىن ئېلىندى. |