باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:
- تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1)
- autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
- ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
- winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ....
- alimamaسىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
- ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
- بىلوگباستىكى خەنزوچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
-
2010-10-12
شىنجاڭنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالى - [تور تەرمىلىرى]
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، قىسقارتىپ شىنجاڭ دېيىلىدۇ، ئاسىيا - ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 664 مىڭ كۋادرات كېلومېتىر، جۇڭگو زېمىنىنىڭ 6 دىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئەتراپتا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، موڭغۇلىيە، ھىندىستان، ئافغانىستاندىن ئىبارەت 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ؛ قۇرۇقلۇق چېگرىسى 5600 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ 4 تىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، شىنجاڭ جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن، چېگرلىنىدىغان دۆلەت ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون. شىنجاڭ قەدىمدە غەربىي دىيار دەپ ئاتالغان ، قەدىمدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138 - يىلى، خەن ۋۇدى جاڭ چيەننى غەربىي دىيارغا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن، غەربىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى بىلەن غەربىي دىياردىكى ئەللەر ئالاقە ئورناتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 - يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى ئۇرلى (ھازىرقى بۈگۈر چېگرىسى)دا غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەربىي دىيار خەن سۇلالىسىنىڭ تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن. چىڭ ھۆكۈمىتى چيەن لوڭنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە غەربىي يۇرت دېگەن نامنى شىنجاڭ دەپ ئۆزگەرتكەن، 1884 - يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۆلكىسىنى تەسىس قىلغان، ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچى بولغان. 1949 - يىلى شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان، 1955 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان، مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى بولغان (موڭغۇلچىدىكى مەنىسى گۈزەل يايلاق). شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ، جەمىئي 47 مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەزەلدىن بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك، شىبە، مانجۇ، ئۆزبېك، رۇس ۋە تاتار قاتارلىق 13ى بار. 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 20 مىليون 951 مىڭ 900گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى تەخمىنەن %7 .60 نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدا ھازىر 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 7 ۋىلايەت، 2 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 32 چېگرا ناھىيە (شەھەر)، 6 مىللىي ئاپتونومىيە ناھىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 87 ناھىيە (شەھەر)، 43 مىللىي يېزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 853 يېزا - بازار بار. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شىنجاڭنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى ، 14 شى، 175 دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تۈەن - مەيدان بار، ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 580 مىڭ. شىنجاڭ دېڭىز - ئوكيانلاردىن يىراق، 4 ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. شىنجاڭ تەۋەسىدە قاتمۇقات مۇزلۇق چوققىلار، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار، بىپايان يايلاقلار، يۇلتۇزدەك تارقالغان بوستانلىقلار بار. 3 تاغ 2 ئويمانلىقنى ئوراپ تۇرىدۇ. شىمالدا ئالتاي تېغى، جەنۇبتا قاراقۇرۇم تېغى بار، تەڭرىتاغ شىنجاڭنى جەنۇب ۋە شىمالغا ئايرىپ تۇرىدۇ. تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى جەنۇبىي شىنجاڭ، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى شىمالىي شىنجاڭ دېيىلىدۇ، قۇمۇل، تۇرپان بۆلىكى شەرقىي شىنجاڭ دېيىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى 530 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 330 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيادىكى 2 - چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2100 كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 380 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى 2 - چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ. جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان گۈربانتۈڭگۈت قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 48 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئۇ جۇڭگودىكى 2 - چوڭ قۇملۇق. شىنجاڭدا كۆل جىق، سۇ دائىرىسى كۆلىمى 5 مىڭ 505 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە باغراش كۆلىنىڭ دائىرىسى 980 كۋادرات كىلومېتىر ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى. شىنجاڭنىڭ شەرقىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان ئايدىڭكۆل دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن بولۇپ، بۇ جاي جۇڭگودىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئەڭ تۆۋەن جايى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى تىپىك مۆتىدىل كىلىماتقا تەۋە ، 2007 - يىلى ئوتتۇرىچە تېمپۇراتورىسى 10.9 سېلسىيە گرادۇس، يىللىق ئوتتۇرىچە تەبىئىي ھۆل يېغىن مىقدارى 165.6 مىللىمېتىر بولغان. تاغلاردىن ئېرىگەن قار سۇلىرى نۇرغۇن دەريالارنى ھاسىل قىلغان ، بوستانلىقلار ئويمانلىقلارنىڭ چېتىگە ۋە دەريا ۋادىلىرىغا جايلاشقان، بوستانلىق ئومۇمىي كۆلىمى ئاپتونوم رايونىمىز كۆلىمىنىڭ %5 ىنى ئىگىلەيدۇ، تىپىك بوستانلىق ئىكىلوگىيىسى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى مەملىكەت بويىچە سۇ بايلىقىنىڭ %3 ىنى ئىگىلەيدۇ، چوڭ - كىچىك دەريا جەمىئي 570تىن ئاشىدۇ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 90 مىليارد 380 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر ئۈستى سۈيى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنىڭ 2.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 55 مىليارد 410 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ، مۇزلۇق زاپىسى 2 ترىللىئون 130 مىليارد بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇزلۇق زاپىسىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەيدۇ، «مۇزلۇق ئامبىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. شىنجاڭ ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولغاچقا، ھاۋاسى قۇرغاق، سۇ بايلىقى پەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ۋاقىت-بۇشلۇقتا تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ، شۇڭا بەزى جايلاردا سۇ بايلىقى يېتىشمەيدۇ. يېزا ئىگىلىك يېرى كۆلىمى 63 مىليون 81 مىڭ گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر 4 مىليون 114 مىڭ 200 گېكتار بولۇپ، كىشى بېشىغا 2.95 مودىن توغرا كېلىدۇ، بۇ مەملىكەت بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ 1 .2 ھەسسىسىگە تەڭ. ئورمان كۆلىمى 6 مىليون 765 مىڭ گېكتار، يايلاق كۆلىمى 51 مىليون 120 مىڭ گېكتار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت يايلاق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ٪20نى ئىگىلەيدۇ، مەملىكەت بويىچە 5 چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى، ئىچكى مولغۇلدىن قالسىلا، مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ قۇياش نۇرى ئېنېرگىيىسى، يەر ئىسسىقلىقى، شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى مول، جۇڭگودىكى ئاپتاپنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن ئۆلكە - رايوننىڭ بىرى، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاپپتاپ چۈشۈش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2600 سائەتتىن 3500 سائەتكىچە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى (2)
شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقىنىڭ تۈرى تولۇق، زاپىسى مول، ئېچىش ئىستىقبالى كەڭ. ھازىر بايقالغان قېزىلما بايلىق 138 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 99 خىلىنىڭ زاپىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، 10 خىلىنىڭ زاپىسى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ، 58 خىلىنىڭ زاپىسى ئالدىنقى 10 - ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، خروم، نېكىل، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال، تۇز تۈرىدىكى قېزىلما، بىناكارلىق ماتېرىيالى قىلىنىدىغان مېتاللوئىد قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى ئىنتايىن مول. مەملىكەت بويىچە 2 - قېتىملىق نېفىت- گاز بايلىقىنى باھالاشتا، شىنجاڭنىڭ نېفىت بايلىقى 20 مىليارد 920 مىليون توننا بولۇپ، ئېلىمىز قۇرۇقلۇق نېفىت بايلىقىنىڭ %30 ىنى ئىگىلىدى؛ تەبىئىي گاز بايلىقى 10 ترىليون 400 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ %34 ىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭنىڭ مۆلچەرىي كۆمۈر بايلىقى 2 ترىليون 190 مىليارد توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر زاپىسىنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ساياھەت بايلىقى ۋە ئېتنوگراگىيىلىك ساياھەت بايلىقى مول، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل ھەم ئۆزگىچە ، ھەيۋەتلىك مۇز چوققىلار، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار، گۈزەل ئوت يۇرتى، قۇملۇقلارنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان بوستانلىقلار بار. مەدەنىيەت كۆپ مۇجەسسەملەنگەن، مىللىي ئۆرپ - ئادىتى قويۇق، داڭلىق قەدىمىي يادىكارلىقلار كۆپ، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور. «جۇڭگونىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى» بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، جۇڭگودىكى ساياھەت بايلىقىنىڭ 6 چوڭ تۈر بويىچە 68 خىل ئاساسىي تۈرنىڭ ئاز دېگەندە 56 سى شىنجاڭدا بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ٪80نى ئىگىلەيدۇ. 2007 - يىلنىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدا دۆلەت A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 165ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 3ى، 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 15ى، 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 69ى بار؛ دۆلەت سانائەت، يېزا ئىگىلىك ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 34ى بار. مەشھۇر تەبىئىي مەنزىرە رايونلىرىدىن بۇغدا كۆلى، قاناس كۆلى، نارات يايلىقى، باغراش كۆلى، سايرام كۆلى، بايىنبۇلاق يايلىقى قاتارلىقلار بار. شىنجاڭنىڭ ئانتوپورولوگىيىلىك ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، 5000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان قەدىمكى يېپەك يولىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي ۋە ئوتتۇرا غول لىنىيىلىرىدە يۈزلىگەن قەدىمكى شەھەر خارابىلىرى، قەدىمكى قەبرىستانلىق، مىڭ ئۆي، بوز يەر ئېچىش خارابىسى قاتارلىق قەدىمكى مەنزىرە ئىزنالىرى قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە يارغول قەدىمكى خارابىسى، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھەر خارابىسى، كروران قەدىمكى خارابىسى، قىزىل مىڭ ئۆيى، ئىپارخاننىڭ قەبرىسى قاتارلىقلاردا جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئۇچرىشىش تارىخى خاتىرلىنىپ، قەدىمىي شىنجاڭنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى نامايەن قىلىنغان. شىنجاڭنىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ ۋە ئۆزگىچە، تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچى زور. شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى 4000 دىن ئاشىدۇ. قار لەيلىسى، سوغىگۈل، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان، سۈپىتى ياخشى، سورتى ۋە تەبىئىيتى ئۆزگىچە. شىنجاڭ يەنە كېلىپ كۆپ خىل مېۋىلەرنىڭ پەيدا بولۇش مەركىزى، ئىككىلەمچى مەركىزى، مېۋە بايلىقى مول بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۈپەتلىك سورتى 300 خىلدىن ئاشىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ «مېۋە - چىۋە ماكانى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى 700گە يېقىن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياۋايى ھايۋانلار تۈرىنىڭ %11نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدا دۆلەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 116 خىلى بار، بۇ مەملىكەت بويىچە قوغدىلىدىغان ھايۋاننىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 28 خىلى، 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 88 خىلى بار، ئۇلار موڭغۇلىيىنىڭ ياۋا ئېتى، تىبەت قۇلىنى، تىبەت بۆكىنى، يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئاق يەلكە بۈركۈت، قارا بويۇن تۇرنا قاتارلىق خەلقئارادا ئاز قالغان ياۋايى ھايۋانلار.
شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى (3)
ئازاتلىقتىن بۇرۇن، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ناتورال ئىگىلىك بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى قالاق، سانائىتى يوق دىيەرلىك ئىدى. شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلاردا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شەھەر - يېزا قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى غايەت زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. خەلق ئىگىلىكى ئۇچقاندەك ئېشىپ، ئومۇمىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. 2007 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 352 مىليارد 316 مىليون يۈەنگە يېتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2 .12، 2000 -يىلدىكىدىن بىر ھەسسە، 1978 - يىلدىكىدىن 7. 16 ھەسسە ئاشتى. كەسپ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، 1 -، 2 -، 3 - كەسپلەرنىڭ سالمىقى 1978 – يىلدىكى 35.7:47.0:17.3 ۋە 2000 - يىلىدىكى 21.1:39.4:39.5 دىن 2007 - يىلىدىكى 17.8:46.8:35.4 گە تەڭشەلدى. ئومۇمىي مالىيە كىرىمى 64 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %32.2، 2000 - يىلىدىكىدىن 3.3 ھەسسە ئاشتى. يەرلىك مالىيىنىڭ ئادەتتىكى خام چوت كىرىمى 28 مىليارد 586 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %30.3، 2000 - يىلىدىكىدىن 2.6 ھەسسە، 1978 - يىلدىكىدىن 39 ھەسسە ئاشتى. ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى پەيدىنپەي ئۆستى. 2007 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ 313 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %16.3، 2000 - يىلىدىكىدىن %82.7، 1978 - يىلىدىكىدىن 31.3 ھەسسە ئاشتى؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3183 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %16.3، 2000 - يىلىدىكىدىن %96.7، 1978 - يىلىدىكىدىن 25.7 ھەسسە ئاشتى؛ شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ ئىشلىتىش كۆلىمى 1980 - يىلىدىكى 5.42 كۋادرات مېتىردىن 2007 - يىلىدىكى 20.38 كۋادرات مېتىرغا، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ كۆلىمى 1980 - يىلىدىكى 7.8 كۋادرات مېتىردىن 2007 - يىلىدىكى 22.45 كۋادرات مېتىرغا يەتتى. يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، يېزا ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى. 2007 - يىلى، يېزا ئىگىلىك قوشۇلما قىممىتى 62 مىليارد 872 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %7.1، 2000 - يىلدىكىدىن %48.8، 1978 - يىلدىكىدىن 7.5 ھەسسە ئاشتى. ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 8 مىليون 670 مىڭ 400 توننىغا يېتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا «شىنجاڭ تەۋەسىدە تەڭپۇڭ بولۇش، ئازراق ئېشىنچا بولۇش»تەك ئىستراتېگىيىلىك نىشانغا يەتتى. پاختا مەھسۇلاتى 2 مىليون 900 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %8.4 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %38.2 ىنى ئىگىلىدى. زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %21.8كە يەتتى. ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇمىي كۆلىمى 13 مىليون مودىن ئاشتى، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتى 4 مىليون 119 مىڭ 800 توننىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا 10 مىليون مو باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى شەكىللەندى. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلدى، شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىدىن 16سى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىدىن 186سى، ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىدىن 245ى بار، كەسىپكارلار 348 مىڭ كىشىگەيەتتى ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تىجارىتى شىنجاڭدىكى %60تىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، قۇلماق، پەمىدۇر، زاراڭزا، ئالقات، قوغۇن، ئۈزۈم، نەشپۈت، ئالما، ئۈرۈك، ئانار، ياڭاق، چىلان قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا داڭقى بار، بۇنىڭ ئىچىدە شوخلا قىيامىنىڭ ئېكىسپورت مىقدارى خەلقئارا سودا مىقدارىنىڭ 4/1ىنى، قۇلماق مەھسۇلاتى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى، ئالقات %50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق تاۋار پاختا، قۇلماق ۋە پەمىدۇر قىيامى ئىشلەش بازىسى، مەملىكەت بويىچە مۇھىم چارۋىچىلىق ۋە قىزىلچا شېكىرى ئىشلەش بازىسى بولۇپ قالدى. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تېز بولدى. قىزىلما بايلىق ئېچىش ۋە يېزا ئىگىلىك، قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش يېتەكچى كۈچ قىلىنغان، نېفىت - تەبئىي گاز ئېچىش، نېفىت خىمىيە سانائىتى، پولات - تۆمۈر، كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنىرگىيىسى، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق ماتېرىيالى، خىمىيە سانائىتى، تىببىي دورىگەرلىك، يېنىك سانائەت، يېمەكلىك قاتارلىق تۈرلىرى نىسبەتەن تولۇق، مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بارلىققا كەلدى. جۇڭغار ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقى ۋە تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىقىدىكى 3 چوڭ نېفىتلىك ھەمدە قاراماي، مايتاغ، ئۈرۈمچى، كورلا، پوسكام قاتارلىق نېفىت خىمىيە بازىسى قۇرۇلدى. باۋگاڭ، شېنخۇا، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى، دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 20 نەچچە داڭلىق چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ شىنجاڭدىكى كارخانىلارنى قايتا تەشكىللەش ۋە بايلىق ئېچىشقا ئاكتىپ قاتناشتى، بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلار جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ. 2007 - يىلى سانائەت قوشۇلما قىممىتى 137 مىليارد 848 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %15، 2000 – يىلدىكىدىن 1.2 ھەسسە ئاشتى. ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ مىقدارى پۇختا قەدەمدە ئاشتى. 2007 - يىلى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ خام نېفىت مەھسۇلاتى 26 مىليون 43 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.8، 2000 - يىلدىكدىن ٪33.9 ئاشتى؛ تەبئىي گاز مەھسۇلاتى 21 مىليارد 33 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪28.1، 2000 - يىلدىكىدىن 4.9 ھەسسە ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى؛ خام نېفىت پىششىقلاش مىقدارى 17 مىليون 58 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪5.6، 2000 - يىلدىكىدىن ٪70.4 ئاشتى؛ كۆمۈر مەھسۇلاتى 50 مىليون 186 مىڭ 400 توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %11.1، 2000 - يىلدىكدىن ٪79.3 ئاشتى؛ توك 41 مىليارد 687 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7 .16، 2000 – يىلدىكدىن 1.3 ھەسسە ئاشتى. زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى تەدرىجىي ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدا پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەت 30غا يېتىپ، غەربىي شىمالدىكى 5 ئۆلكە بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا، مەملىكەت بويىچە 16 ئورۇنغا ئۆتتى، مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 102 مىليارد 390 مىليون يۈەنگە، ئومۇمىي بازار قىممىتى 317 مىليارد 431 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇ شىركەتلەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا خېلى زور مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. 2007 - يىلى ئىىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 185 مىليارد 84 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %1. 18 ئاشتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئىىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى جەمئىي 1 تېرىللئون 264 مىليارد 297 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %6. 18 تىن ئاشتى. زور بىر تۈركۈم سۇچىلىق، قاتناش، خەۋەرلىشىش، ئېنېرگىيە ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈرلەردە ئىش باشلاندى ۋە پۈتتۈپ ئىشقا كىرشتۈرۈلدى. ھازىر شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 2925 كىلومېتىرغا يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئىقتىساد رايونلىرىغا تۆمۈريول تۇتاشتۇرۇلدى. تاشيول قاتناش مۇساپىسى 145 مىڭ 200 كىلومېتىرغا يېتىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز، 7 دۆلەت يولىنى ئاساسىي رامكا قىلغان، شەرقتە گەنسۇ، چىڭخەيگە، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ئەللىرىگە، جەنۇبتا شىزاڭغا تۇتاشقان، شىنجاڭ ئىچىدە 68 ئۆلكە يولىغا ۋە ۋىلايەت - شەھەرلەرگە، ناھىيە - يېزىلارغا تۇتاشقان تاشيول قاتنىشى ترانسپورت تورى بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر پۇقرالار ئايروپورتتىدىن 12 سى، ھاۋارايى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان زاپاس ئايروپورتتىن 1ى، ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدىن 153 ى بولۇپ، جۇڭگودىكى 52 چوڭ، ئوتتۇراھال شەھەر ۋە چەت ئەلدىكى 43 شەھەرگە تۇتاشقان ھاۋا ترانسپورت تورى بارلىققا كەلدى، ئاۋىئاتسىيە مۇساپىسى 160 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئايروپورت ئەڭ كۆپ، ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نېفىت - گاز تۇرۇبا يولى ئومۇمىي مۇساپىسى 6793 كېلومتېرغا يېتىپ، «غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۇرۇبىسى، ئۈرۈمچى – لەنجۇ تاييار ماي تۇرۇبىسى، پىچان – لەنجۇ خام نېفىت تۇرۇبىسى، جۇڭگو – قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبىسى دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك چوڭ يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 2007 – يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، مۇقىم تېلېفون ئابونتى 6 مىليون 962 مىڭغا يېتىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەر يۈز ئادەمگە 33.7دىن توغرا كەلدى؛ كۆچمە تېلېفون ئابونتى 8 مىليون 83 مىڭغا يېتىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەر يۈز ئادەمگە 39.4دىن توغرا كەلدى؛ ئالاقە تورى ئابۇنتلىرى 1 مىليون 578 مىڭغا يېتىپ، ئوپتىك كابېلنى ئاساس قىلغان، رەقەملىك مېكرو دولقۇن ۋە سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىشىنى ياردەمچى قىلغان زامانىۋى يەتكۈزۈش تورى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتىكىنى قاپلىدى. ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارى داۋاملىق ئۆستى. ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت تىرىشىپ ياخشىلاندى، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، تۈزلەڭلىكنى كۆكەرتىش، چۆل يېپىنچىسىنى قوغداش ۋە تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى قۇملىشىشنى تۈزەش، «3 شىمالى» ئېھاتە ئورمىنىنى قوغداش 4 - قەرەللىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيىلىك قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە ئولتۇراقلىشش مۇھىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سېلىندى. 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن جەمئىي 28ى قۇرۇلۇپ، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 214 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى، بۇ شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ ٪12.9نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن 9ى بار؛ تەستىقلانغان دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيىلىك ئۈلگە رايوندىن 8ى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 127 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ ٪6.7نى ئىگىلەيدۇ؛ دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيىلىك ئىقتىدار مۇھاپىزەت رايونىدىن 2سى بار، كۆلىمى 180 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى (4)
شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، جۇڭگونىڭ غەرپكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلاندى. چېگرا بويلىرى، كۆۋرۈك بويى (يارۋروپا - ئاسىيا 2 - چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى) ۋە قاتناش غول لىنىيىلىرىنى بويلاپ، خەلقئاراغا، مەملىكەت ئىچىگە كېڭەيگەن ھەر تەرەپلىمىلىك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ دائىرىلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ھالىتى تەدرىجىي بارلىققا كەلدى. ھازىر 1 - دەرىجىلىك پورتتىن 17سى، 2 - دەرىجىلىك پورتتىن 12سى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە پورت سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونىدىن 3ى (ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، شىخەنزە ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى)، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىدىن 3 ى (غۇلجا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چۆچەك چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، بورتالا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى)، ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش رايونىدىن 1 ى ھەمدە جۇڭگو – قازاقىستان چېگرا ئىقتىساد - سودا ۋە مەبلەغ ھەمكارلىق رايونى (جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى)، ئوچۇق شەھەر، ناھىيىدىن 75 ى بولۇپ، 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى. 2007 - يىلى تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 13 مىليارد 716 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %50.7، 2000 - يىلدىكىدىن 5.1 ھەسسە، 1978 - يىلدىكىدىن 583.7 ھەسسە ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىمپورت سودا سوممىسى 2 مىليارد 213 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ ٪16.1ىنى ئىگىلىدى؛ ئېكىسپورت سودا سوممىسى 11 مىليارد 503 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ ٪83.9ىنى ئىگىلىدى؛ چېگرا ئاز سوممىلىق سودا ئومۇمىي سوممىسى 9 مىليارد 417 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ ٪68.7ىنى ئىگىلىدى. چېگردىن ئۆتكەن مال مىقدارى 19 مىليون 490 مىڭ توننىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاتاۋ پورتىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مال مىقدارى 17 مىليون 300 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئومۇمىي ئۆتكۈزۈلگەن مال مىقدارىنىڭ ٪87.4ىنى ئىگىلەپ، جۇڭگودىكى قۇرۇقلۇق پورتىدا مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى جەھەتتە 2 - ئورۇندا تۇردى. تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز زورايدى، 1978 - يىلدىن تارتىپ چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ 812 مىليون دوللارغا يەتتى. 1992 - يىلدىن باشلاپ 16 نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. «ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسى» جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى ۋە قوشنا دۆلەتلەر ئىچىدە تەسىرى خېلى زور ئىقتىساد- سودا كاتتا يەرمەنكىسى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا يۇقىرى قاتلاملىق مۇنبىرى، تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى، ئۈرۈمچى كىيىم - كېچەك بايرىمى، قەشقەر جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق سرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 3 - كەسىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ساياھەتچىلىكنى ئېچىش، مەھەللە مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، سودا ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، 3 - كەسىپ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ 3 - كەسپىدىكى مۇھىم تايانچ بولۇپ قالدى. 2007 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ئىچكى ساياھەتچى 21 مىليون 260 مىڭ ئادەم - قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪28 ئاشتى؛ ئىچكى ساياھەت كىرىمى 19 مىليارد 292 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %4. 29 ئاشتى؛ خەلقئارا ساياھەتچى 438 مىڭ 400 مىڭ ئادەم - قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %9. 20 ئاشتى؛ ساياھەت تاشقى پېرېۋوت كىرىمى 162 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪26.5 ئاشتى؛ ساياھەت كىرىمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى٪5.3كە يەتتى. يېڭىچە ئوبوروتچىلىق ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، زەنجىرسىمان تىجارەت تور نۇقتىسى 3 مىڭغا يەتتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 84 مىليارد 770 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪16.5 ئاشتى. ئۆي - يەر - مۈلۈك، قاتناش ترانسىپورت، ئامباردا ساقلاش ھەمدە پوچتا – تېلېگراف، خەۋەرلىشىش، توپ ۋە پارچە سېتىش، يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ كۆلىمى داۋاملىق كېڭەيدى. پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، ئۇچۇر ۋە قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكتە يېڭى يۈكسىلىش بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئوبوروتچىلىقنى زامانىۋى ئوبوروتچىلىققا ئۆزگەرتىش قەدىمى تېزلەشتى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك ئىسلاھات ، ئېچىۋېتش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ جانلىق، ئەڭ تېز تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويدى. 2007 - يىلىنىڭ ئاخىرى، خۇسۇسىي كارخانىلار 68 مىڭ 900غا، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 91 مىليارد 360 مىليون يۈەنگە، كەسپكارلىرى 707 مىڭ 900غا يەتتى؛ يەككە سودا - سانائەتچىلەر 483 مىڭ 200گە، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 10 مىليارد 880 مىليون يۈەنگە، كەسپكارلىرى 789 مىڭغا يەتتى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى مۇھىم تەركىبىي قىسىمغا ئايلاندى. ئىقتىساد تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلىرىمۇ ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدى. پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 462 مىڭ 600گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 259 مىڭ 400 بولۇپ، ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئومۇمىي سانىنىڭ ٪56.08نى ئىگىلەيدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇستەقىل تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئاپپاراتىدىن 116 سى بار؛ پوست دوكتور ھەرىكەتچان (خىزمەت) پونكىتىدىن 27سى قۇرۇلدى، قۇملۇقنى تىزگىنلەش تەتقىقاتى ۋە يات تەنىچىلىك ھايۋان كلونلاش تېخنىكىسى خەلقئارادىكى ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتتى. 10 - بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە چوڭ - چوڭ پەن تېخنىكا نەتىجىسى تۈرلىرىدىن جەمئي 1167سى قولغا كەلتۈرۈلدى. 2007 - يىلى، 220 تۈردە پەن - تېخنىكا نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلدى، 1534 تەتقىقاتقا پاتنېت ھوقۇقى بېرىلدى، پەن - تېخنىكا خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا ۋە جەمىئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا. مائارىپ ئىشلىرى پۇختا تەرەققىي قىلدى. 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەر 6670 گە، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 4 مىليون 25 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار %5 .58 نى ئىگىلەيدۇ؛ ھەر خىل مەكتەپلەردىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار 272 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلار 158 مىڭ. ئاپتونوم رايون بويىچە «9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى>» تەربىيىسىدە بولغانلار ئاپتونوم رايون ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ %8 .99 ىنى ئىگىلىدى، ياشلار ۋە قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ساۋاتسىزلىق نىسبىتى % 2 تىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تەربىيە ئېلىش مۇددىتى 8 يىل ئۆپچۆرىسىدە بولدى؛ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتىن 32 سى بار ، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرستا ئوقۇۋاتقانلار 216 مىڭ 400گە يېتىپ، 1978 - يىلدىكىدىن 1. 14 ھەسسە ئاشتى. 2000 - يىلدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچكى جايلاردىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىشنى قارار قىلدى. ھازىر ئوقۇتۇش كۆلىمى ئىچكى جايلاردىكى 28 شەھەردىكى 50 ئوتتۇرا مەكتەپكە كېڭەيدى، يىلىغا 5 مىڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. 2004 - يىلدىن باشلاپ، ئىچكى جايلاردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ شەكلىنى قوللىنىپ، شىنجاڭدىكى 8 شەھەردە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئېچىلىپ، يىلىغا 5 مىڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ. مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللەنمەكتە، رادىئونىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى %5. 93 كە، تېلېۋىزىيىنىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى %5. 93 كە يەتتى. داۋالاش - ساقلىق ساقلاش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ناھىيە، يېزا، كەنت دەرىجىلىك داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش تورى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە سەھىيە ئاپپاراتى 7465 كە، كارىۋات 81 مىڭ 700گە، سەھىيە تېخنىك خادىمى 104 مىڭ 700گە يەتتى، ھەممە ناھىيە (شەھەر)دە دوختۇرخانا، سەھىيە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى ۋە ئانا - بالىلار ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى بولۇش، يېزا (بازار)لاردا شىپاخانا ، ھەممە كەنتتە داۋالاش ئورنى بولۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. دۆلەت شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش ۋە ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، 2007 - يىلنىڭ ئاخىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت مەمۇرلىرى 58 مىڭ 900گە يېتىپ، مەمۇرلار ئومۇمىي سانىنىڭ ٪4.01نى ئىگىلىدى، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئىختىساسلىق باشقۇرغۇچىلار ۋە ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئىقتىساد، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ئىشلىرى ساھەلىرىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىغا ۋە ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر خىل مائارىپتا كۆپ خىل ئازا سانلىق مىللەت يېزىقى بويىچە دەرس ئۆتۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساس مائارىپ باسقۇچىدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، مۇڭغۇل، شىبە، رۇستىن ئىبارەت 7 خىل تىلدا ئوقۇتۇش يولغا قويۇلىدۇ. شىنجاڭدىكى گېزىتلەر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە، مۇڭغۇلچە، شىبەچىدىن ئىبارەت 6 خىل يېزىقتا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى گېزىت 134 خىلغا، ژورنال 206 خىلغا يېتىدۇ؛ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە، مۇڭغۇلچىدىن ئىبارەت 5 خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق تىلىدا ئاڭلىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي داستانى ‹‹جاڭغىر››، ‹‹ماناس›› قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى»نى «دۇنيا ئىنسانىيەت ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزدى، 14 تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كاتالوگىغا كىرگۈزۈلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك رايون بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر قاتار مىللەت، دىن سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقتى ھەمدە يولغا قويدى، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيىنىڭ دىننىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىننىي زاتلار، دىننىي سورۇنلار ۋە ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە دىنىي پائالىيەت سورۇنى 24 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەسچىددىن 23 مىڭ 900ى، دىن خىزمەتچىلىرى 29 مىڭغا يېتىپ، بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان ئىدىيىۋى تەربىيە پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق ۋە ئەمەلىيلەشتۇردۇق. 1983 - يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۇدا 26 يىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، ‹‹ 3 ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيىسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ھەر قايسى دىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشى، جەمئىيەت مۇقىم، چېگرا مۇداپئەسى مۇستەھكەم، ھەر مىللەت خەلقى خاتىرجەم تېرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىز تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە ۋە گۈزەل ئىستىقبالغا يۈزلەنمەكتە. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ ئاپپاراتىنى ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشكنى كەڭ ئېچىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكېلوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ باي، تېخىمۇ ئىناق، مۇقىم قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىمىز.
مەنبە : يەكەن مائارىپ ئۇچۇر تورى
评论