:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • ئىككى كۈندىن بويان 890 ئېلان ھەمكارلىقى بېكەت سېستىمىسىنى يېڭىلاش سەۋەبىدىن ئىلگىرىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئۆچۈرۈپ تاشلاندى . شۇڭا ئىلگىرى 890 ئېلانلىرىنى قويغان بارلىق بېكەت ھەم بىلوگلارنىڭ ئېلان ئورنىدا ئەسلىدىكى ئېلان يوق ياكى id خاتا ، قايتىدىن تىزىملىتىڭ دىگەن ئۇچۇر چىقىۋالدى . مەنمۇ ئېلگىرى باشقىلارنىڭ ئېلانىنى بۆلۈپ قۇيۇپ قويغان بولغاچقا بىلوگىمدا شۇنداق ئۇچۇر كۆرۈنىۋېلىپ بەكلا ئىچىمنى پۇشۇردى ، تۈنۈگۈن چۈشىتن كىيىن ئۇلارنىڭ بېتىگە نۇرمال چىققىلى بولغاندا كىرىپ قارىسام ئەسلىدىكى ئەزالىق ئۇچۇرلىرى يوق ، ئامالسىز قايتىدىن تىزىملىتىپ باقتىم . تىزىملىتىش بېتىمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەن بۇلۇپ ، ئەڭ ئاۋال جەزىملەشتۈرۈش(تەكشۈرۈش ) تۈرى قۇشۇلغانكەن . تۆۋەندە مەن تىزىملىتىش ئۇسۇلىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن :( بۇ جايدىن كىرىپ تىزىملىتىشنى باشلاڭ )
    1. بېكەت ، بىلوگ ئادرىسىنى تولدۇرۇش .

  •  نەقىل :
    ھەممىمىزگە مەلۇم ئويغۇر تور بېكەتلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، ئازغىنە 5-6 يىللىق بوران - چاپقۇندا تاۋلىنىپ ، بۈگۈنكىدەك زور قوشۇننى ھاسىل قىلدى . بۇنى جاپاكەش تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ غەيرەت - جاسارىتى ، قابىل باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۈن - تىنسىز ئەجرى ۋە كەڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلارنىڭ سەمىمىي قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە . دەسلەپكى ئاددىي شەكىلدىن ھازىرقىدەك مەخسۇسلاشقان ، ھەربىر سەھىپە ئېنىق ئايرىلغان مۇكەممەل شەكىلگە كېلىشكە ئەگىشىپ ، ھەممە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنى ۋە تورداشلارغا لازىملىق بولغان ئىشلىتىلىشچان قوراللارنى بىر يەرگە جەملەيدىغان ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى .
     ئۇلارنىڭ ئاساسلىق رولى تور دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى ، ئەڭ مۇنەۋۋەر تور بېكەتلىرىنى بىر يەرگە جەملەپ ، ئۇنى كەڭ تورداشلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئىدى . ھازىرغىچە نۇرغۇن تورداشلار بىر قەدەر داڭلىق تور بېكەتلەردىن باشقا يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى تازا نامى چىقمىغان تور بېكەتلەرنى ئاساسەن ئالدى بىلەن ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىگە كىرىپ ئاندىن زىيارەت قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى .

  • 10blog1

    Blog دىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش – پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بلوگگىر ( Blogger، بلوگ نەشىر قىلغۇچى، بلوگ يازغۇچى ) لار قوشۇنىمۇ تېز زورايدى. كۆركەم لايىھىلەنگەن، مەزمۇنى رەڭدار، پايدىلىقلىقى يۇقىرى بلوگلار ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. Blog بىزگە يېڭىچە ياشاش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئاتا قىلىپ،بلوگ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە سورۇنىمىز بولۇپ قالدى. Blog بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، Blog ھاياتىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرمەكتە.

  • بىلوگبۇستىكى ئىككى تىزىملىكنى تاپالمىدىم
     ئالدىنقى بىر ئايدا تورغا چىقالماي ، ئەمدى تورغا چىقىپ قارىسام ، بىلوگبۇسنىڭ ئارقا سەھنىسىدىكى ئىككى خىل تىزىملىك يوقاپ كەتكەندەك تۇرىدۇ . يەنى بارلىق بىلوگ (全部博客(دىگەن بىلەن ئايرىم قانال 自频道 دىگەن ئىككى تۈر يوق ، بىلوگگىرلار سىلەرنىڭمۇ ئاشۇنداقمۇ ياكى مىنىڭ تىزىملىكىم ئازلاپ قالدىمۇ؟ ئىلگىرى بارلىق بىلوگلار دىگەن تىزىملىك بار چاغدا بىر ھېسابات نۇمۇرى ئاستىدا بىر قانچە بىلوگ بولسا ئىختىيارى بىلوگ 默认博客 نى تاللايدىغان جاي بار بولىدىغان ، لىكىن ھازىر ئۇنداق قىلغىلى

  • ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
     بىر بىلوگنى قۇرغانكەنمىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئېقىم مېقدارىنىڭ كۆپ بۇلىشىنى ، زىيارەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ( بۇ ئارقىلىق ئېلان قۇيۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ئازراق بولسىمۇ كىرىم قىلىشنى ) ئويلايسىز .  لىكىن سىز بىلوگىڭىزغا يازمىلارنى يوللاۋەرسىڭىز ، يازمىڭىز ھەرقانچە بەك ياخشى بولسىمۇ ، تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلىمىسىڭىز سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى بىلىدىغانلار چىقمايدۇ ياكى زىيارەت مېقدارى كۆپەيمەيدۇ . شۇڭا ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۆز بىلوگىڭىزنى تەشۋىق قىلىپ بېقىشىڭىز كېرەك . تۆۋەندە مەن بىر قانچە خىل ئۇسۇللارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن . پايدىلىنىپ باقارسىز .

باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]