بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پىسخىك قايتا شەكىللەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى

پىسخىك قايتا شەكىللەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى

ۋاقتى: 2015-10-24 ئاۋاتلىقى: 2136 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پىسخىك قايتا شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئىستىمالدىكى قىسقا ئاتىلىشى «مېڭە يۇيۇش» بولۇپ، بۇ غەرپ جاھانگىرلىكى كوممۇنىست دۆلەتلەردىكى سىياسىي ئاتموسفرانى قەبىھ كۆرسۈۈش ئۈچۈن تېپىپ چىققان تەشۋىقات ئاتلغۇسى بولۇپ، ھازىر بۇ سىياسىي ۋە جەمىيەتشۇناسلىق ساھەلىرىدە تېزلا قېلىپلاشتى. بۇ ئاتالغۇدا دېيىلگەن «مېڭە يۇيۇش» گويا كوممۇنىست دۆلەتلىرىدە دىكتاتور ھاكىمىيەت خەلقنىڭ مېڭىسىدىكى بارلىق كونا ئەقىدە، ئەنئەنىۋىي قاراش،... لارنى يۇيۇپ تاشلاپ، ئورنىغا كوممۇنىست مەپكۈرىسىنى قاچىلايدۇ، دېمەكچى بولۇدۇ.
ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ ھەرقانداق بىر ھاكىمىيەتتە ئوخشاشلا مەۋجۇت بىر تۈرلۈك دۆلەت پروگرامىدۇر. قايسى دۆلەت ئىتائەتكار پۇخرانى خالىمايدۇ؟ قانداق ھاكىمىيەت غەۋغاچى، ئۆكتىچى، غەليانچىلارنى ياقتۇرۇدۇ؟ سوئالنىڭ جاۋابى مەلۇم. ئۇنداقكەن، ھەرقانداق ھاكىمىيەت ئۆز پۇخرالىرىنى ئىتائەتكار، دۆلەت بىلەن بىردەكلىككە ئىگە پۇخرالاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى موھىم كۈنتەرتىپتە تۇتۇدۇ. بۇ ئۈستقۇرۇلمىنىڭ بارلىق ساھەسىدىن — ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، مائارىپ قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. غەرپلىكلەر پۇخرالارنى قايتا شەكىللەندۈرۈپ، ئىتائەتكار قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىككى يۈز يىللار ئىلگىرىدىن باشلاپ نەزىرىيىلەشتۈرگەن تۇرۇپ، پىسخىك قايتا شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئۇلاردا بولماسلىقى مۈمكىنمۇ؟ لاسسال (ماركىسنىڭ سابىق دوستى ۋە زاماندىشى) ئىنسانلارنى مەكتەپتىكى تەربىيە ئارقىلىق، مەكتەپ مۇدىرىمىز مۇنداق قىلىڭلار، دېگەن دەپ بىر ئۆمۈر قۇلىقىدا تۇتۇدۇغان قىلغىلى بولۇدۇ، دېگەن تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋە كېيىن بۇ ئىش سىستېمىلىق، پىلانلىق تەتقىقاتلار ئارقىلىق كۈنسېرى كونكرېت تۈس ئېلىشقا ۋە ھاكىمىيەتلەردە قوللۇنۇلۇشقا باشلىدى.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، غەرپ بىلەن شەرقنىڭ يولغا قويۇش ياكى ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىلا ئوخشىمايدۇ. غەرپلىكلەر ئەسىرلەرچە ئالدى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، بۇ ئىشنىڭ ئۇستىسى بولغاچقا، بۇ ئىشنى ئىنتايىن سىلىق يوللار بىلەن خەلققە يېقىشلىق شەكىللەر بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇدۇ؛ شەرق ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا، زالىملارچە، زوراۋانلارچە، يېقىمسىز ئۇسۇللاردا ئېلىپ بارىدۇ. بىرى، پۇخرانىڭ تەبىئىي تەلەپ-ئىستەكلىرىنىمۇ ھىساپقا ئالغاندەك قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىر يوشۇرۇن يۆلەندۈرۈش، يوشۇرۇن يېتەكلەش قوشۇپ قويۇدۇ. بۇ ھالدا پۇخرالار بىزنىڭ دېگىنىمىز بولدى دەپ ئويلىغاچقا، باش ئاغرىقى قىلمايدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ بېشى ساق بولۇدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆزلىگەن مەنزىلگە قاراپ ئوخشاشلا ئىلگىرىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ دۆلەت ھاكىمىيىتى «دۆلەت كۈلتۈرى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئەنە شۇ قايتا شەكىللەندۈرۈشنى پۈتۈن جەريانلار بويى، دەۋرلەر بويى زېرىكمەستىن داۋاملاشتۇرۇدۇ. دۆلەت كۈلتۈرى بىلەن ئەنئەنىۋىي (تەبىئىي ) كۈلتۈر ئارىسىدا بەزىدە سۈركۈلۈشلەرمۇ چىقىپ تۇرۇدۇ. ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مېتود ماھارىتى دەل مانا شۈركۈلۈشلەرنى قانداق ئازايتىش، ئەكسى ھالدا ئەنئەنىۋىي كۈلتۈردىكى مەۋجۇت ئېنېرگىيە پوتانسىيالىدىن قانداق پايدىلىنىپ، ئۇنى مەخسەت يولىدا خىزمەت قىلدۇرۇش ماھارىتىدۇر.
مەن ئىلگىرى بىر ماقالەمدە پىسخولوگلار كۆپ قوللۇنۇدۇغان بىرنەچچە مىسالنى تىلغا ئالغان ئىدىم. بۇ ھايۋانلارنى كۆندۈرۈش —قايتا شەكىللەندۈرۈشكە ئائىت مىسالدەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەمىشە ئىنسانلار ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى يورۇتۇشتا ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە. بىرىنچى مىسال مۇنداق:
بىر ئەينەك قاچىغا بىر چېكەتكىنى سولاپ قويۇپ، قاچىنىڭ ئاغزىغىمۇ بىر پارچە ئەينەكنى يېپىپ قويسىڭىز، ھەممە ياق كۆرۈنۈپ تۇرغاچقا، چېكەتكە تۇرغان يېرىنى بىر ئوچۇقچۇلۇق ھېساپلاپ، چىقىپ كېتىش ئۇرۇنۇشىدا سەكراشكە باشلايدۇ. بىر، ئىككى،... يۈز،... مىڭ،.... ئون مىڭ.... ئاخىرى چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇدۇ. بۇ پىسخىدىكى «چارىسىزلىق» پىسخىكىسى بولۇپ، يېڭى شەكىللەنگەن ئاڭ، ئۆز چارىسىزلىكىنى قوبۇل قىلىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. نەتىجىدە قاچىنىڭ ئۈستىدىكى ئەينەك پارچىسىنى ئېلىۋەتسىڭىزمۇ چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇش ھەركىتىنى تەكرارلىمايدۇ؛ مانا بۇ چارەسىزلىككە تەن بېرىش بولۇپ، يېڭىلگەن، پاسسىپ پىسخىكا.
ئىككىنچى مىسال: پىل بالىسى يېڭى تۇغۇلغاندا بىر كىچىك تەرەخكە باغلاپ قويۇسىز، پىل بالىسى يۇلۇقۇنۇپ سىناپ بېقىپ، بوشۇنالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندە يۇلقۇنۇشتىن توختاپ ياۋىشىپ ياتىدىغان بولۇدۇ. بۇ يوسۇن پىل بالىسى بىرنەچچە توننا ئېغىرلىقتىكى چوڭ پىلغا ئايلىنىدۇ. ئەمما شۇ چاغدىمۇ يەنىلا ھېلىقى كىچىك دەرەخ تۈۋىگە ئەكىلىپ باغلىسىڭىز تۇرۇۋېرىدۇ. گەرچە بۇنىڭدىنمۇ چوڭ دەرەخنى قومۇرۇۋېتەلەيدىغان كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، ئۆز كۈچىنىڭ پەرقىگە يېتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان «چارىسىزلىق»ىنى تەن ئالغان.
ئۈچىنچى مىسال: ئېيىقنى ئۇسۇل ئوينۇتۇش. بىر پولات تاختىنى ئاستى تەرەپتىن قىزدۇرۇسىز، ئۈستىگە بىر ئېيىقنى چىقىرىپ قويۇسىز ۋە بىر تەرەپتە داپ چېلىپ تۇرۇسىز. ئېيىقنىڭ پۇتى كۆيگەچكە گاھ ئۇ پۇتىنى كۆتۈرۈۋالۇدۇ، گاھ بۇ پۇتىنى كۆتۈرۈۋالدۇ. قىزىقتىن قاچۇرۇپ نۆۋەت بىلەن پۇتنى پولات تاختىن تارتىۋېلىش نەتىجىسىدە تەكرارلانغان بىر «پەي-پەيلەش» ھەركىتى ھاسىل بولۇدۇ. ئېيىق داپ ئاۋازى بىلەنلا باشلانغان پۇت كۆيۈشكە ئۇزاققىچە ئۇچراۋېرىش نەتىجىسىدە، پۇت كۆيۈش خاپىلىقىنى داپ ئاۋازى بىلەن باغلىق دېگەن خاتا تونۇشقا كېلىدۇ. ئەمدى «مەشق دەۋرى» ئاخىرلاشقان ئېيىق جامائەت ئالدىغا ئاچىقىلىدۇ. داپ چېلىنىشقا باشلىغان ھامان، ئېيىقنىڭ مېڭىسىگە داپ ئاۋازى بىلەن باغلىنىشلىق قىلىپ خاتىرىلەنگەن پۇت كۆيۈش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار قوزغۇلۇدۇ-دە، ئېيىق راستىنلا پۇتى كۆيۈۋاتقاندەك پەي-پەيلەشكە باشلايدۇ. بۇ تاماشابىنلارغا «ئۇسۇل، ئېيىقنىڭ ئۇسۇل ئوينىشى» سۈپىتىدە سۇنۇلۇدۇ.
بۇ مىساللارنىڭ ھەممىسى، شەرتلەندۈرۈشنى كونكرېت تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز ئۈچۈن ئوخشاش بولسىمۇ، ئوخشىمىغان ئىككى سىنىپقا تەۋە مىساللاردۇر. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى مىسال بىر سىنىپ بولۇپ، «چارىسىزلىك» (تەقدىرگە تەن بېرىش) پىسخىكىسى شەكىللەندۈرۈشنىڭ جەريانىنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈشكە يارايدۇ. ئۈچىنچى مىسال بولسا ئېيىقنىڭ داپ ئاۋازىغا شەرتلەندۈرۈشىدىكىدەك، مەلۇم تاشقىي شەرتكە باغلانغان شەرتلەندۈرۈش بولۇپ، «مەلۇم ئىش بولسىلا مانا مۇشۇنداق بولۇدۇ» تۇيغۇسى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
قايتا شەكىللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقانداق تۈزۈم ۋە ھاكىمىيەتتە مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە ئومۇملاشتۇرۇپ توختالدۇق.
ئەمدى ئۆزىمىزدە قانداق يېڭى پىسخىكىلار بارلىققا كەلدى؟ نېمىلەرگە شەرتلەندۈرۈلدۇق؟ قانداق نەرسىلەرنى «چارىسىزلىق» ئىچىدە قوبۇل قىلدۇق؟ دېگەنلەرنى قانداق بىلەلەيمىز؟
مەن بەزىدە توردا ئىنكاسلار ياكى ماقالىلاردا بەزى زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ، شەرتلەندۈرۈلگەنلىكىمىزدىن ئاغزىمىزغا «چۆپتەك» كېلىدىغان بولۇپ كەتكەن سۆز ۋە مەزمۇنلارنى كۆرۈپ قالىمەن. بىر قاراشقا بۇ بەك كىچىك، ئادەتتىكى (ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئادەتتىكى)، ھەتتا نورمال ھالغا كەلگەن ياكى كەلتۈرۈلگەن ئىشلار بولۇشۇغا قارىماي، بىر تەرەپتىن قارىسا، قورقۇنۇچلۇق بىر مەنزىلگە بېرىپ ئۈلگۈرگەنلىكىمىزنى، ھەتتا مۇشۇنداق بىر مەنزىلگە كەپ قالغىنىمىزنى سەزمەيلا قالغىنىمىزنى ھىس قىلغاندا بولسا قورقۇنۇچ ۋە ئۈمىتسىزلىكتىن تېنىم شۈركۈنۈپ كېتىدۇ.
بۇ ھال كۆپرەك تەۋەلىك ۋە كىملىك مەزمۇنلىرىدا كۆزگە تولا چېلىقىدۇ. بۇلارنى تەپسىلىي مىساللاردا كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ھەرقەدەمدە مىساللارغا ئۇچراپ تۇرۇدۇغان بولساقمۇ، ئەمما بۇنى ئېلان قىلىش ئاسان ئەمەس. شۇڭا بۇنىڭغا مەن بىر مەشھۇر (ياكى مەشھۇر دېۋېلىنغان) يازغۇچىمىزدىن بىرى بولمىش ئەخەت تۇردىنىڭ «سەرسان روھ» رومانىدىن بىر مىسال بېرىشىم مۈمكىن. مىسالنى بۇ يەرگە يېزىپ شەرھىلەپ ئولتۇرۇشمۇ ئەپسىز، شۇڭا بەت نومۇرىنى بېرەي: 463-بەت، تۆۋەندىن ئىككىنچى ئابزاست. (2009-يىلى 2-نەشرىنىڭ 1-باسمىسى) (بۇ ئابزاست: «ھارىس (بىر ئەرەپ) ئۇنىڭغا (باش قەھرىمان، قەشقەرلىك ئەكبەرگە) بىر كۈنى:... » دەپ باشلىنىدۇ.
بۇنىڭدا ئەرەپنىڭ تىلىدىن بېرىلگەن سۆزلەرنى تامامەن باشقا شەكىلدە دېيىش مۈمكىن ۋە شۇنىڭدىمۇ ھىچقانداق سوتقا تارتىلمايدىغان بولۇشىغا قارىماي، خۇددى چارىسىزلىككە ئۈگۈتۈلگەن چېكەتكە، ياكى كىچىك پىلغا ئوخشاش، شارائىت ئۆزگەرگەن ئەھۋالدىمۇ يەنىلا ئاشۇنداق شەكىلدە دېگەن. قوبۇل قىلدۇرۇلغان چارىسىزلىك، بۇ روماندا قوبۇل قىلدۇرۇلغان تەۋەلىكنى تەن ئېلىش شەكلىدە ئىپادىلەنگەن.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «ئەينەك قاچىنىڭ ئاغزى ئېلىۋېتىلگەن» ئەھۋالدىمۇ، ئۇنى دېمەي، ھەرقانداق باشقا بىر سۆز بىلەن شۇ مەزمۇننى ئىپادىلەپ (ياكى يەر ئىسمىنى ئىپادىلەپ)، سىڭدۈرۈلگەن (ياكى تېڭىلغان) ئىسىمدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ يۈز خىل تاللىما ئىمكانلىرى تۇرغان ئەھۋالدىمۇ، زۆرۈرىيەتسىز ھالدا ئاغزىمىزغا «چۆپتەك» ئېلىپ، ئۆز كىملىكىمىزنى، تەۋەلىكىمىزنى ئىپادىلەشلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ بىر قاراشقا بەك ئاددىي، ئەمما بۇنىڭ دەل ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئۆزى پاجىئەنىڭ قايسى دەرىجىگە، قايسى مەنزىلگە يېتىپ بارغانلىقىنى روشەن ئىپادىلەيدۇ. قورقۇنۇچلۇق تەرىپىمۇ دەل بۇنىڭ بىزگە ئەنە شۇنداق «ئۆز»لۈشۈپ، يوشۇرۇن ئېڭىمىزگىچە سىڭىپ كەتكەنلىكى ۋە بۇلارنى ئاللىقاچان قوبۇل قىلىپ بولغانلىقىمىزدۇر.
يەنە بۇنداق پىسخىكا شەكىللەندۈرۈشتە قورقۇنۇچنىڭ يىلىكلەرگىچە سىڭدۈرۈلۈش مېتودىمۇ بار بولۇپ، ھىسامنىڭ شۇنداق بىر كەچمىشى بولۇپتىكەن: بىر كۈنى ھىسام ئۈلپەتلىرى بىلەن بىر باراڭنىڭ ئاستىدا ئىچىشىپتۇ. كەيپلىرى كۆتۈرۈلۈپ، تۈنمۇ يېرىملىشىپتۇ. قايتماقچى بولۇپ ئۆرە تۇرۇپتىكەن، باشلىرى باراڭغا تېگىپ چۆچۈپ كېتىپتۇ. قوللىرىدىكى دۇتار-تەمبۇرلىرىنىڭ دەستىسىمۇ تاقىشىدىكەن، شۇڭا ئېڭىشكەن پېتى باراڭنىڭ ئاستىدىن قاتارلىشىپ چىقىشىپتۇ. بۇ ھال خۇددى ئوق يېغىپ تۇرغان جەڭ مەيدانىدىكى ئاكوپتا قولنى بەتلەپ ئېڭىشىپ مېڭىشقىلا ئوخشاپ قاپتۇ. مەستلىكتىكى ئەقىل تۇرغۇنلۇقى سەۋەپلىك قىسقا مۇددەتتىلا شارائىتقا كۆنۈپتۇ-دە، يېڭى شەكىللىنىشى بويىچە چوڭ كوچىلاردىمۇ، ئۆيلىرىگە تارقاۋاتقان تارماق كوچىلاردىمۇ ئاشۇ پېتى ئاكوپتا ماڭغان ئەسكەرلەردەك دۇتانى بەتلەپ مېڭىشى ھويلىسىغىچە كېلىپ تاكى خوتۇنلىرى ئاگاھلاندۇرغاندىلا ئېسىگە كەپتىكەن.
يوقۇرىدىكى ئەخەت تۇردىنىڭ قىلىقى مانا شۇنداق «باراڭ ئاستىدا شەكىللىنىپ قېلىش» بولۇپ، چوڭ كوچىدىمۇ يەنىلا دۇتارنى بەتلەپ ئېڭىشىپ مېڭىۋەرگەن!
باشقىمۇ نۇرغۇن مىساللارنى كۆرسۈتۈش مۈمكىن. قورقۇنۇچنىڭ يىلىككىچە سىڭدۈرۈۋېتىلىشى — كى بۇ قورقۇش مەلۇم كىشى ياكى كىشىلەردىن، مەلۇم ئوبېكتتىن قورقۇش بولۇپ، بۇنداق سىڭدۈرۈۋېتىلگەن قورقۇنچ ئۇ ئوبېكتتىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ، شارائىت تامامەن ئۆزگەرگەندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا داۋاملىشىدۇ. مەسىلەن: چەتئەلگە كۆچ ئەتكەن بەزى كىشىلەر (مەن بۇ يەردە دىكتاتور دۆلەت بولغان ئىراننى ياكى ئىران ئازەربەيجانلىرىنى مىسال بەرسەم پاكىزراق بولۇدۇغۇ دەيمەن؟) ئۇزاق غەرپ دۆلەتلىرىگە كەتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئاشۇ ئۇزاقتا قالغان ئىران ھۆكۈمىتىدىن قورقۇپ، ئالدى-ئارقىسىغا چەكچىيىپ قارايدۇ. خۇددى ھۆكۈمەت ھېلىمۇ ئۇنى پايلاپ تۇرغاندەكلا، ئەخمەدىي نىجات ئارقىسىدىلا گويا! بايرام كۈنلىرىدە چوڭ باغچىلاردا ھەرقايسى كۆچمەن گورۇپلار ئۆز توپلىرى بىلەن چوڭ باغچىلارغا يىغىلىپ ئۆز ئارا ئۇچرۇشۇدۇغان، ھەر توپ ئۆزىنىڭ نەدىلىكىنى يېڭىدىن كېلىدىغانلارنىڭ تېپىۋېلىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن مىللىي بايراقلىرىنى قاداپ قويۇدۇغان ئەھۋاللارمۇ بولۇدۇكەن، مانا شۇنداق ئەھۋاللاردا بەزى ئازەربەيجانلار ئۆزىنىڭ مىللىي بايرىقىدىن قورقۇپ توپقا بارمايدىغان، ھەتتا بىرەرسى كەلگۈسى جامائەت پائالىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ تېلىپۇن قىلسىمۇ «سىياسىي گەپ بولۇنمىسا بارىمەن، بايراق ئاسمىساڭلا بارىمەن» دەيدىغان ئەھۋاللار بارىكەن. مانا بۇ سىڭدۈرۈۋېتىلگەن قورقۇنچنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇلار ھەققىدە پىسخولۇگلارنىڭ تەھلىللىرى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئىلمىي بولۇشىدا گەپ يوق. شۇنداق بولسىمۇ كەمىنە چالاساۋات چامىمنىڭ يېتىشىچە تاتىلاشتۇردۇم. 


مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى