تېز خەۋەر: خالمۇرات غوپۇر مەملىكەت بويىچە يەنە شەرەپ قۇچتى
ۋاقتى: 2016-01-23
ئاۋاتلىقى: 4917 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تېز خەۋەر: خالمۇرات غوپۇر مەملىكەت بويىچە يەنە شەرەپ قۇچتى
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاكادېمىك، پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر 2015-يىللىق ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ياقتۇرغان مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ باھالاندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «2015-يىللىق ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ياقتۇرغان مەكتەپ مۇدىرى» نى باھالاش پائالىيىتى 2000 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپتە قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 48 نەپەر مەكتەپ مۇدىرى باھالاپ چىقىلغان.
مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلى خالمۇرات غوپۇر يالغۇز تېببىي پەن تەتقىقات ساھەسىدىلا ئەمەس، مائارىپ باشقۇرۇش ساھەسىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەممەيلەنگە شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بېغىشلماقتا! بولۇپمۇ ياش بوغۇنلارغا ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئىختىساسلىقلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا...
پەخىرلىك ئالىم، ئوغلانىمىز خالمۇرات غوپۇر ھەققىدىكى بۇ خۇشخەۋەرنى كەڭ تارقىتايلى! پەرزەنتلىرىمىز، ئىنى-سىڭللىرىمىز ئىلھام ئالسۇن، مەدەت ئالسۇن!!!...
مەنبە: ئەلداۋا سالونى
مەنبە: ئەلداۋا سالونى