GALAXY S4
27 2013-04-16 ئاپتور: تۈر: تۇرمۇش, قوراللار, ھەمبەھر خەتكۈچ: ،

مەن يانفون ئېلىپ بولالمىغان بايقۇش

يېقىندىن بېرى يانفون ئالىمەن دەپ ئېلىپ بولالماي ساراڭ بولاي دېدىم. «مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق، گۆشكە ئامراق.» دەپ، مەن شۇ يانفوننىڭ نوچىسىغا ئامراق، يانچۇقتا شۇنىڭغا چۇشلۇق پۇل يوق. ئادەتتىكىراق يانفوننى ئالغۇم كەلمەيدۇ، قىممەتراقىغا پۇلۇم يەتمەيدۇ…
GALAXY S4
بۇ رەسىمنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. سامسۇڭ GALAXY S4 ناملىق ئەقلىي يانفون، ئاخباراتلاردا ماختاپ ئۇچۇرىۋەتكەن يانفونلارنىڭ بىرى. ماڭا دەل مۇشۇ يانفۇننىڭ ئىشقى چۈشكىلى ئۇزۇن بولدى. مانا ئەمدى ئېلان قىلىنغاندا قارىسام، باھاسى مۆلچىرىمدىكىدىن خېلىلا يۇقىرى چىقتى، 5199 يۇەن دېگەن ئاز پۇل ئەمەس-تە!؟ ھازىرقى يانكومپتېرىممۇ بۇنچە قېممەت ئەمەس مېنىڭ. شۇڭا پەسكۇيغا چۈشۈپ قالدىم.

يانفون ئىشلىتىش تارىخىم

مېنىڭ يانفون ئىشلىتىش تارىخىم بەك ئۇزۇن ئەمەس، ئەمما شۇ قىسقىغىنا ۋاقت ئىچىدە مەن ھەرخىل يانفونلارنى ئىشلىتىپ باقتىم.
1. تۇنجى يانفونۇم مىتال قاپلىق لىيەنشىياڭ يانفونى ئىدى. بۇ يانفوننىڭ تىپىنى بىلمەيمەن، ئەمما سۈپەت جەھەتتىن كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىغاچقا بەكلا نارازى بولغان ئىدىم. ئاقىۋەتتە يۈتۈپ كەتتى، مەنمۇ يۈتتۈرۋەتكىنىمگە قايغۇرۇپ ھەم خۇش بولۇپ يۈردۈم.
2. تۇنجى يانفونۇم يۈتكەندىن كېيىن بىر مەزگىل يانفونسىز ياشىدىم. ئەمما تونۇش-بىلىشلىرىم «سېنى تېپىش تەسكە چۈشتى» دېگەن باھانىدا ماڭا رەڭسىز ئېكرانلىق NOKIA يانفوندىن بىرنى تېپىپ بەردى، شۇنىڭ بېلەن بىر مەزگىل ئاشۇ ئەڭ ئىپتىدائىي يانفوننى ئىشلەتتىم.
3. يېرىم يىلدەك ۋاقىتتىن كېيىن ئەقلىي يانفونغا قىزىقىپ قالدىم. ئۇ چاغلاردا Symbian سىستېمىلىق يانفونلار قاتتىق مودا بولغان ئىدى. مەنمۇ مىڭ تەستە NOKIA 5320 ماركىلىق ئەقلىي يانفوندىن بىرنى سېتىۋالدىم. شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمغا ھېچنېمە توغرا كەلمەيتتى. شۇنداق رازى بولغان، ھەم ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن يانفونۇم ئىدى. خېلى ئۇزۇن ئىشلەتتىم، ئەمما بەختكە قارشى يۈتتۈرۋەتتىم. راستىنى دېسەم بۇ يانفون ئۆزەمنىڭ بىخەستىلىكىدىن باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئۆزۈمگە قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى. شۇنىڭ بېلەن قەتئىي يانفون ئىشلەتمەيمەن دېگەن قارارغا كەلدىم.
4. شۇ يانفوننىڭ ئىچ ئاغرىقىدا يانفوننى كۆرسەممۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتەتتىم. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى بۇ ئىشلارمۇ ئۆتمەشكە ئايلاندى. شۇ چاغدا مەكتەپلەردە تېلگرافنىڭ يانفونلىرى ئېتىبار باھادا سېتىلىۋاتاتتى. مەنمۇ 300 يۇەنگە 12 ئايدا 600 يۇەن قايتۇرۇپ بېرىدىغان يەنە بىر ئىپتىدائىي يانفوننى بىجىردىم. بۇ يانفونۇم ھازىرمۇ يېنىمدا بار، كونىراپ كەتكەچكە ئىشلەتكۈدەك يېرى قالمىدى.
5. ئالاھەزەل بىرەر يىلدەك ۋاقت يانفون ئىشلەتمىدىم. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىنمۇ ئادەتتىكى بىر كېسەك يانفوننى ئىشلىتىپ تۇرىۋاتىمەن. تېلىفون ئورۇش ۋە ئۇچۇردىن باشقا ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بېلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون خىللاشقا رەسمىي كىرىشىپ كەتتىم.

يانفون خىللاش تارىخىم

تور ئارقىلىق بازاردا سېتىلىۋاتقان زور كۆپ قىسىم يانفونلارنى بىر قاتار كۆرگەن بولساممۇ، ماڭا ياققۇدەكلىرى بەك ئاز چىقتى. سىرتقى كۆرۈنۈشى سەتلىرىنى مەن ياقتۇرمىدىم، ئۇزلىرىنىڭ باتارىيىسى، سىغىمى ۋە سىغىم كارتىسى تەرەپتىكى كەمچىلىكلىرى سەۋەبىدىن ئېلىشتىن ۋاز كەچتىم. توردا كۆپتۈرۈپ سېتىلىۋاتقان(قانچىلىك راستلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس) شىياۋمى يانفونىغىمۇ قىزىقىپ باقتىم، ئەمما ئەينى چاغدىكى لىيەنشىياڭ يانفونىدەك ناچار چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم. بۈگۈنمۇ شىياۋمى 2S يانفونىنىڭ تېلگراف ئۈچ كارتىنىڭ ھەممىسى تونۇيدىغان نۇسخىسىدىن بىرنى تالىشىۋالغانتىم، ئەمما پۇل تۆلەشتىن ۋاز كەچتىم. مانا ھازىر بۇ يەردە بىلوگ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

مانا مەن مۇشۇنداق بايقۇش! مەن يانفون ئېلىپ بولالمىغان بايقۇش! بۇنداق يانفون تاللىشىم قاچانغىچە داۋاملىشاركىن؟

ھازىرچە 27 ئىنكاس بار

  • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
    پېقىرمۇ خېلى بىر مەزگىىل سامسۇڭنىڭ ئۇچۇر يوللاش ۋە تېلفون قۇبۇللاشتىن باشقا چوڭ ئىش قىلىغىلى بولمايدىغان يانفوننىمۇ ئىشلەتتىم .سىلمۇ ئوخشاشكەن.
    مەنمۇغۇ زېت ن 880س نىتىن بىرنى ئالغان يوقسازلىقتا 400 گە ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ.ئەسلى ئۇيغۇرچىكەن، قوڭنى غىت قىسماي سېستىما قاچىلاپ يۈرۈپ كېيىن ئۇيغۇرچە تورغا چىققۇم كېلىپ ئاخىرى ئانا تىلنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قويە دەپلا سېتىۋەتتىم 200 گە 1 ئاي بولا بولماي . ھازېر خۇۋاۋىي س 8812 نى ئىشلىتىپ يامان ئەمەس قۇلاق تىنجىغۇ.
    سىلىگىمۇ چىقىپ قالار بىرەسى .مەنمۇ تېخى شىياۋمىنى دوسلىرىمغا تەۋىسىيە قىلىپ يۈرىپتىمەن . جىق ياخشى ئەمەسمۇ نېمە ؟(يامان جىق سۆزلەپ كېتىپەىمەنغۇ خۇددى باش پېرسۇناژ مەندەك.)

    • نۇرقۇت دەيدۇ: جاۋاب

      شىياۋمىنى توردا ماختايدىغانلارمۇ جىق، تىللايدىغانلارمۇ جىق. ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ بولغىلى بولمىدى. شۇڭىمۇ ئىشەنچ قىلماق تەسكەن. ئۇكاممۇ مۇشۇ يانفونغا قىزىقىپ قاپتىكەن، ئۇنى-بۇنى دەپ يۈرۈپ، ھازىرچە ئالمايدىغانغا كۆندۈردۈم. ياخشى چىقسىغۇ چىقتى، ياخشى چىقماي قالسا بىز تەرەپتە رېمۇنت قىلىدىغان يېرىمۇ يوق ئۇ ئاقەتنىڭ.

  • ھە شۇنداق قىلىپ بىلوگنى قايتىدىن تىرىلدۈردۇق دەيلىك،ھەي…مۇشۇ يانفون توغىرلىق پاراڭ بولسا قورسىقىم كۆپىدۇ مېنىڭ…ئەسلەپ باقسام،مەن ناھايىتىمۇ كۆپ يانفون ئىشلىتىپ بېقىپتىمەن.ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىشلەتكىنىم نوكىيا 5500 ئىدى،توردىن نېمكەش ئالغان مال،ئەمما،-زە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئىشلىتىپتىمەن،ئاخىرىدا بولماي بۇزۇلۇپ ئولتادى(مەندىغۇ ھەققىمۇ قالمىدى بايقۇشنىڭ)ئەمما ماختىغىنىم ئەمەس،ھازىرقى ھەر قانداق يانفون دېتالى ئىشلەيتى كاساپەتتە.خەق نەچچە مىڭ يۈەنگە يانفون ئىلىپ،نېمە ئاتالمىش«ئۈندىدار»ئەڭگەن-بەلەڭگەنلەرنى قاچىلاپ،ماختىنىپ يۈرگەندە،مەن ئاشۇ كېسىكىمگە ئۇنىڭدىن يامىنىنى قاچىلىساممى مېنى چاندۇرمىغان،مانا ئەمدى يوق بولدى…رەھمىتىنىڭ ياتقان يېرى رېمۇنتخانا،ئالتە ئاينىڭياقى ئۆلۈك-تىرىكى نامەلۇم…
    شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئەقىلسىز يانفونۇمنى ئامالنىڭ يوقىدىن ئۇزىتىپ قويۇپ،مەندىن ئەقىللىقراق يانفون ئىزدىدىم،سونىينىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بۇرۇندىن ھەۋىسىم بولغاچ،ئىككى مىڭ سوم بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ خوشلىشىپ،بىرتال كېسەك ئالغان،ئەپسۇس ئۇمۇ مېنى داغدا قويدى،بىر ئاي ئىشلىتىپلا زىيىنىغا ساتتىم،مانا ھازىر «تۈرمىدىن قېچىش»فىلىمى بىلەن مودا بولغان موتوروللا بىلەن جان بېقىۋاتىمەن،ئاز كۈندە يا پۇچۇق ئالما5 ياكى سامسۇڭ ئالايمىكى دەپ چىشىمنى بىلەۋاتىمەن…

    • نۇرقۇت دەيدۇ: جاۋاب

      پۇچۇق ئالمىنىڭ باتارىيىسى يەتمەي باشنى ئاغرىتىدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئاكامنىڭ يانفونى قاچانلا قارىسا باتارىيىسى تۈگەشكە ئارانلا تۇرىدۇ، ياكى بىر باتارىيىنى ئالماشتۇرغىلى بولمىغان. شۇڭىمۇ ئالمىنى ئويلاشمىدىم. Sony EXperia Z, HTC One دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى باتارىيىسىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان نېمىلەركەن، شۇڭا بۇلارنىمۇ ئويلاشمىدىم. يۈرەكنىڭ بىر يېرى Galaxy S4 دەپلا تۇرىدۇ. تېلگراف ياكى بىرلەشمىنىڭ ئىككى يىللىق توختام بېلەن ساتىدىغان نۇسخىسىدىن بىرنى ئالايمىكىن دەپ ئويلىشىۋاتىمەن. قانداق بولار؟

  • بولسا يەنە ئويلاشسىلا،ھامىنى پۇلىسىنى بىراقلا تۆلىمىسىلە توختام ئىمزالىمايدۇ ئاۋۇ قاپاقباشلا،شۇڭا مەن دەيمەن قىلتاققا چۈشۈشتىن بۇرۇن،قىلتاقنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىغان تۈزۈك، دىمەكچىمەنكى،بۇرۇن مېنىڭ بىر دوستۇممۇ مۇشۇنداق توختام بىلەن يانفون ئالغان،توختام توشۇشقا 4 كۈن قالغاندا ئاچچىق سەۋەبلىك توختامنى بۇزدى،شۇنىڭ بىلەن يانفون تىلگېراف تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغاندىن تاشقىرى،يانفون كارتىسى شۇ ھامان بېكار قىلىنىپ،200يۈەن توختامنى بۇزغانلىق جەرىمانىسىنى تۆلەپ توختاپ قالغان.ئەمدى مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلىگەندە بىز ھامىنى پايدا ئالمايمىز،ماۋۇ سىلى دەۋاتقان توختام قانداق توختامكىن ،ھەقىچان پۇلنى ئاۋۋال تۆلىسىلە،پۇلنىڭ ھەممىنى بۆلۈپ سۆزلىشىش ھەققىگە ئۇرۇپ بېرىدىغان توختامغۇ دەيمەن.

    • نۇرقۇت دەيدۇ: جاۋاب

      نەق ئۆزى، مەن شۇنداق تىپتىكىنى ئالايمىكىن دەۋاتقان. بۇنىڭ زىيانلىق تەرىپى بارمۇ؟ قانداق بولسا توختام بۇزغان بولىدۇ؟

  • سادا دەيدۇ: جاۋاب

    بلوگنىڭ ئەسلىگە كەلگىنىنى تەبىرىكلەيمەن.
    يانفون مەسىلىسىگە كەلسەك ئالدىراپ كەتمىسىلە،ئېسىللىرى چىقىۋاتىدۇ.S2 نى ئىشلىتىۋاتقىلى 2 يىل بولۇپ قاپتۇ،بەك ياقتۇرىمەن بۇ كاساپەتنى….

    • نۇرقۇت دەيدۇ: جاۋاب

      رەھمەت. مەنمۇ شۇ يەنە 1-2 ئاي ساقلاپ ئاندىن ئېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. مۇشۇ ئارىلىقتا يېڭى چىقىدىغان يانفونلارنىڭ ھەممىسى ئېلان قىلىنىدىغاندەك قىلىدۇ. شۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرسىنى ياقتۇرۇپ قالارمەن، ياكى بولمىسا كونىسىنىڭ باھاسى چۈشسە ياخشىراقىدىن بىرنى ئالارمەن.

    • نەشىرىنى يېڭىلاپ باقتىڭما؟ مەن بىر سىناپ باقاي دەيمەن لېكىن بۇزۇپ قويۇپ قۇشناچىمدىن تاياق يەپ كەتمەي دىدىم…

  • پۇسات دەيدۇ: جاۋاب

    بىلوگ ئەسلىگە كەلگىنى ياخشى بوپتۇ .
    يانفون تاللاپ ئالغانغا يەتمەيدۇ ، مەنغۇ پۇلۇم قايسىغا يەتسە شۇنى تاللاپلا ئېلىپ ئىشلەتكەن . ساقلاپ ئولتۇرسىڭىز يانفوننىڭ نوچىلىرى كەينى -كەينىدىن چىقىۋېردۇ . كۈڭۈلنى بىردە توختىتىپ ۋاققىدە ئېلىۋەتكەن ياخشى .

    • نۇرقۇت دەيدۇ: جاۋاب

      رەھمەت.
      دېمىسىمۇ شۇنداق بولۇپ قالىدىكەن. Lumia920نى شۇنداق ئالغۇم كەلگەن، كېيىن قارىسام توم، ئېغىر چىقىپ قالدى. Windows Phone نىڭ ئەپ، ئويۇنلىرىنىڭ ئاز بولۇشىمۇ ئېلىشتىن توسۇپ قويدى. كېيىن شىياۋمى ئالايمىكىن دېدىم، ئەمما سۈپىتىگە ئىشەنچ قىلالمىدىم. ماۋۇ Galaxy S4 شۇنداق يارىغان، ئەمما زىيادە قىممەت چىقىپ قاراپ ئولتۇرىدۇ. ئامال يوق-تە

      • مەنچە سامسۇڭنىڭ 1000~2000ئارلىقىدىكى يانفونلىرىمۇ شۇنداق ياخشى،بەك نوچىسىغا ئېسلىۋالسىلا كىيىن چاتاق چىقمىسۇن(يوشۇرۇن ھېجايغان چىراي ئىپادىسى باتى مەۋەدە).ياكى بولمىسا ئالىم بىر تال ئەپ بەرمىسۇنمۇ، دوڭجىڭدا يانفون بايرىمى بولۇۋىتىپتۇ،بىر كىرىپ چىقسىلا،سىلىگە يارىغۇدەكلىرىمۇ چىقىپ قالىدا!

        • نۇرقۇت دەيدۇ:

          قارىغان مەن، تۈزۈكرەكى يوقكەن. بىر بولسا كۆرۈنۈشى سەت، بىر بولسا باتارىيىسىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدىكەن. بۇ ئىككى شەرتكە چۈشمىگەننى قەت.ىي ئويلاشمايمەن.

  • بلوگىڭىز ئەسلىگە كەپتۇ مۇبارەك بولسۇن!
    ھازىرقى ۋاقىتتا تېلېفون تاللاش مۇ بىر ئىش ئىكەن ، مەن خۇاۋىي 8825d نى يېڭى چىققاندا ئاندورىد قا قىزىقىپ ئالسام قېيىشقاندەك پەنشىن قىلغىنى ئېلىپ قاپتىمەن ، سۆزلەشسە قۇلاق قىزىيدىغان چىقىپ قالدى ،ئۇنمۇ خوش دەپ coolpdad5870 دىن بىرنى ئالغان دەسلەپتە خېلى يامان ئەمەس بارغانسىز ئاستىلاپ كەتتى ، ئاخىرى ئۇزۇن يىللىق ئارزۇيۇم بۇيۇنچە ئانا تىلىمىزدىكى bilkanu12 تېلىفۇننى ئىشلىتىۋاتىمەن ! بۇمۇ باھا قارغاندا خېلى ياخشى دەپ ئويلۇدۇم ،ئاندورىد تېلېفۇنى ئىشلتىشتىن ۋاز كەچمىسەم سېتىشنى ئويلاشمىدىم ،ئەمما يېقىنىڭ ياقى ئالمىغا بولغان ھەۋەس سەل كۈچلۈك كىلىپ قېلۋاتىدۇ،دۇكان ئاچىقلى بىر يىلچە بوپ قاپتۇ ،تەجىېر بەمگە ئاساسلانغاندا ، huawei, coolpad ماركىدىكى تېلېفۇنلارنى خىنەنلىكلەر ئىشلەپچىقاردىمكى دەپ ئويلاپ قالىمەن، تېلېفونىڭ تىپنى جىق ئۆزگەرتكىنى بىلەن ئاساسى ئىقتىدارىدا پەرىق يوق دىيەرلىك ،شۇ ئارقىلىق باھانى ئۆستۈرۈپ ئارىلىقتىن پايدا ئېلۋاتىدۇ مىڭچە ،بۇ شىركەتتە تېخنىك مۇتەخەسسىستىن بىر بار دېسەك بازا كۈزۈتۈپ سودىغان دىئاگۇنۇز قويىدىغانلار 100 دىن ئاشدىغاندەك ، قىسقى تېلېفون ئالغاندا شەكلى ،كامېراسى ،شەكلىگە قاراپ كەتمەي مۇقىمراق تېلىفۇننى تالىغان تۈزۈكرەك ئىكەن ، بۇ جەھەتتە ئالمنىڭ تېلېفونلىرى ياخشى تاللاش بولغىدەك.

    • نۇرقۇت دەيدۇ: جاۋاب

      شۇڭىمۇ ماركىسىز يانفونلارغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ. ئىشەنچ قىلغىلى بولىدىغاننى ئالاي دېسە تىخى بەكلا قىممەت. تاللىماق راستلا تەس بولىدىكەن.

    • كولپەد ئالغاندىن باشقا بىر نېمە ئالغان ياخشى،ئەمما خۇۋاينىڭ يانفونلىرىمۇ بوپ قويىدۇ،ئۆزىنى ئانچە داڭلاپ كەتمەيدىغان جوڭشىڭنىڭ يانفونلىرى باشقا يانفونلارنى كەينىدىرەك تۇرسىمۇ،سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.چۈنكى ھەربىي سانائەت ئۈسكۈنىلىرى ياسايدىغان كاساپەتلەرنىڭ مەھسۇلاتى مەنچە باشقىسىغا قارىغاندا ياخشى.

      • نۇرقۇت دەيدۇ: جاۋاب

        بۇرۇن ئىشلەتكەن تېلېگرافنىڭ دۆت يانفونى جۇڭشىڭنىڭ ئىدى.بەزى ئۇچۇر يوللىغىلى بولمايدىغان، تېلىفون ئۇرسا خېلى تەستە ئۇلىنىدىغان چاتىقى بار ئىدى. شۇڭىمۇ لىيەنشىياڭ، جۇڭشىڭ دېگەنلەرنى ئويلىشىپ باقمىدىم.

  • ئەقىدە دەيدۇ: جاۋاب

    مەنمۇ نۇرغۇن يانفۇنلارنى ئىشلىتىپ باقتىم ھازىر ساناپ بولالمايمەن ھازىرچە مۇشۇ يېقىندا ئىشلەتكەنلىرىمنى سۆزلىگەچ تۇراي ئالما ئۈچ نىمۇ ئىشلىتىپ باققان ئىدىم شۇنىڭ بىلەن ئالمىغا ھۆ بولدۇم سامسۇڭ ئىشلىتىپ باقاي دەپ تىلگىرافنىڭ كارتىسىنى تونۇيدىغان قوش كارتىلىق i519تىپلىق تېلفۇنىدىن بىرنى ئىشلەتكەنتىم تىلگىراف كارتىسى كۆڭلۈمنى رازى قىلدى تېلفۇنمۇ ياخشى چىققان ئىدى لېكىن روت ھوقۇقى ئالالماي 920يۈەنگە ئالغان تېل فۇننى ئانچە ئۇزاق ئىشلەتمەيلا 450كە سېتىۋەتتىم (سامسۇڭ تېلفۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنى روت ئالغىلى بولمايدىكەن شۇڭا مۇشۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىش كېرەككەن) ئۇ پۇلغا يەنە 500نى قېتىپ زتې نىڭ تېلفۇنىدىن بىرنى سېتىۋالغانتىم بۇ كاساپەتنىڭ باتارىيەسىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدىكەن شۇڭا ھازىرقى قولۇمدىكى n880fزتې نى ئىشلىتىۋاتىمەن خېلى يامان ئەمەس چىقتى شۇڭا تېلفۇن سېتىۋالغاندا ئالدىرماي تەپسىلى ئويلىشىپ سېتىۋالغان تۈزۈك ئىكەن

    • سامسۇڭنىڭ كامىراسىنى دېمىسە باشقا يەرلىرى تازا يارىمايدۇ ماڭا… ئالدىنقى قېتىم سونىي بىلەن سامسۇڭنىڭ كامىراسىنى بەسلەشتۈرۈپ باققان، بىر مىلىيارد پېكسىللىق سونىي كامىرا،سەككىز مىلىيون پېكسىللىق سامسۇڭ كامىراغا ئۇتتۇرىۋىتىپ ئولتۇردى…

      • نۇرقۇت دەيدۇ: جاۋاب

        Galaxy S4 كە ئوخشاش باتارىيەسىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان، چوڭ-كىچىكلىكى، قېلىنلىقى شۇنىڭغا يېقىنلىشىدىغان، ئىنىقلىقى 1280*720 بولغان باشقا يانفون بولغان بولسىمۇ ئويلىشاتتىم، چاتاق يېرى يوقكەن ئەمەسمۇ! كامىرا دېگەن نەرسە يانفونغا نىسبەتەن بەڭ چوڭ ئىشلىتىشىمۇ يوق مېنىڭچە. ئاساسلىق ئىقتىدار ئۇ بولمىغاندىكىن.

    • نۇرقۇت دەيدۇ: جاۋاب

      ئاكام ئالما 4S ئىشلىتىدۇ، قاچانلا قارىسام باتارىيىسى قالمىغىلى ئارانلا تۇرىدۇ، شۇڭا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئويلاشمىدىم. يەنە كېلىپ ئالمىنىڭ بېكىنمە سىستېمىسى بۇرۇن كۆزۈمگە سىغمايدۇ.

      ئاندرويىد يانفونلارنى بەك خىللاپ بولالمىسام ئەرزانراق Windows Phone دىن بىرەرنى ئىشلىتىپ تۇرايمىكىنمۇ دەيمەن. ئەرزان ئاندرويىدنىڭ يىنىك ماڭمايدىغىنى ئىنىق، باشقا سىستېمىدىكىلىرى قىممەت ، ياكى بولمىسا ئومۇملاشقان يانفون سىستېمىسى ئەمەس. شۇڭا Windows Phone 8 لىك Lumia 520 دېگەن يانفونغىمۇ كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويىۋاتىمەن.

      • لۇمىياغا بۇ يىلچە كۆز تاشلىمىسىلا بولدى،بىر قوتازنىڭ پۇلىسى ئىكەن كاساپەت… مەنچە بولسا ھاجەتتىن چىقسا شۇ ئەۋزەل.

        • نۇرقۇت دەيدۇ:

          مەنمۇ قىممىتىگە قارىمىدىم. Lumia 520 دېگىنى 1200 ئەتراپىدا، ئەڭ ئەرزىنى ھازىر. شۇغىنىسى چىرايىدا ئاستى-ئۈستى قىسمىدا جىقلا بېكار يەر باركەن، شۇ كۈزۈمگە سىغماۋاتىدۇ.

  • كەلپىن دەيدۇ: جاۋاب

    مەنمۇ نۇرغۇن تېلفۇن ئىشلىتىپ باقتىم، ئەڭ بۇرۇن Nokia نىڭ N73 دىگەننى، ئۇنىڭدىن كىيىن 5230 دىگەننى..بۇ ئىككىلىسى خېلى بولىدىغان تېلفۇنلارتى، ئۇيغۇرچىنى نورمال تونۇتقىلى بولاتتى، كىيىن Android سېستىمىسى چىققاندىن كىيىن قىزىقىش پەيدا بولۇپ ئىككىلىسىنى دوست-بۇرادەرلەرگە ئەرزان باھادا بېرىپ 中兴U880 نى ئىشلەتتىم، بۇ تېلفۇننىڭ Root ھوقۇقىغا ئېرىشىپ خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرسام شۇنداق ياراپ كەتتى، لېكىن توربەتتە ئە بىلەن ى ئۇلانمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تېلفۇننىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتتى، سەۋەبى سەپلىمىسى ئانچە بەك يۇقىرى ئەمەستى، شۇنىڭ بىلەن بارا-بارا زىرىكىپ شىياۋمى تېلفۇنىغا قىزىپ قالدىم ۋە پۇللارنى يىغىپ سوراپ دىگەندەك شىياۋمى نىڭ 2-تىپىنى ئالدىم، Root ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كىيىن خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرسام كومپىيوتېرغا ئوخشاشلا توربەتنى شۇنداق چىرايلىق كۆرسەتتى، ئىقتىدار جەھەتتىنمۇ خېلى رازى بولدۇم، ھازىر بولسا سېستىمىسىمۇ ئۇيغۇرچە بولسىكەن دەپ شۇ ئۈمىتتە.

    • نۇرقۇت دەيدۇ: جاۋاب

      سىز شىياۋمى ئىشلىتىۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟ ھېس قىلىشىڭىزچە بۇ تانفون قانداقراقكەن؟ توردىكى گەپ-سۆزلەرگە ئىشەنمەك تەسكەن. شۇڭا تونۇشلاردىن بىر سوراپ باقاي دېۋىدىم. ئۇكامنىڭ بۇ يانفوندىن بىرنى ئالغۇسى بەكلا بار.

  • مەن سىزنىڭ 2-باسقۇچلۇق دەۋرىڭىزدە تۇرۋېتىپتىمەن. ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونغا قىززىمايدىغان بوپ قاپتىمەن. ھازىرچە مەن ئۈچۈن ھىچ بىر ھاجىتى بار يەرنى تاپالمىدىم.

جاۋاب يېزىش(ئىسىم، ئې-خەت، تور بېكەت) تاقاش

ئىسىم:

ئې-خەت:

تور بېكەت:

    دوستانە ئۇلىنىشلار
    ھەمكارلاشقان بلوگداشلار
    بلوگ تۈرلىرى
    تۈرلەر بۇيىچە كۆرەلەيسىز!
    تەلەي قاپىقىغا قاراپ بېقىڭ!
    تەلەيلەر سىزنى ساقلاۋاتىدۇ!
    نۇرقۇت دۇنياسىغا كىرىڭ!
    پروگراممىرلار دۇنياسى
    نۇرقۇت دۇنياسىغا كىرىڭ!
    نۇرقۇتتىكى FinalDream
    سىنا مىكروبلوگىم(291)
    دەرھال مەرھەمەت قىلىڭ!
    بارمۇ مىكروبلوگىم(48)
    دەرھال مەرھەمەت قىلىڭ!
    دىلكەش مىكروبلوگىم(67)
    دەرھال مەرھەمەت قىلىڭ!
    ئەلكۈيى مىكروبلوگىم(832)
    دەرھال مەرھەمەت قىلىڭ!
    گۈدۈك مىكروبلوگىم(3188)
    دەرھال مەرھەمەت قىلىڭ!
    نۇرقۇت سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ:
    تور خاتىرەمگە خۇش كەپسىز! ھۇزۇر ئالغايسىز!