-
2008-08-01
ئاقسۇ دىيارىمىزدا كۈن تۈتۇلدى
2008-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى (جۈمە) رايۇنىمىز-ئاقسۇ شەھرىنىڭ 50 كىلومېتىر كىلىدىغان يۇرتىمىزدا ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:04 (شىنجاڭ ۋاقتى) ئۆتكەندە كۈن يېرىم ئاي شەكلىدە[ solar eclipse] تۇتۇلدى. مۇشۇ ۋاقىتتا مەكتىپىمىزدىكى 8 ئوقۇتقۇچى بىر تال كۆزەينەكنى تەڭ تالىشىپ تۇرۇپ بۇ ھادىسىگە ئىشتىراك قىلدۇق. بۇ مەن چوڭ بولغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ھادىسە.
ھېچ ئامال قىلالماي، ئاخىرى شام ئارقىلىق ئەينەكنى ئىسلاپ تۇرۇپ ئاخىرى Sony ماركىلىق رەقەملىك ئاپپاراتتا رەسىمگە تارتىۋالدۇق. كۈن تۇتۇلۇش تەخمىنەن 25~30 مىنۇتلار ئەتىراپىدا داۋاملاشتى.
كۈن تۇتۇلغاندا [solar eclipse ]كۈننىڭ تۇتۇلۇش قىسمى ئاۋال قۇياشنىڭ ئوڭ تەرەپ يوقىرى بۇرجىكىدىن باشلىنىپ، بارا-بارا سول تەرەپ ئاستىنقى تەرەپكە ئۆتتى. كۈن تۇتۇلغاندا ئاسماندا بىر پارچىمۇ بۇلۇت يوق، ئەمما خۇددى قۇياشنى قېلىن بۇلۇت توسۇۋالغاندەك بىر خىل ھالەت يۈز بەردى. مەكتەپتىكى نەچچىلىگەن ئوقۇتقۇچىلار، يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ مەنزىرىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندۇق.
رەسىملىرىنى يوللاپ قويماقچى ئىدىم. ئەپسۇس ئاپپاراتنىڭ سىمى بولمىغاچ مۇمكىن بولمىدى، يەكشەنبە كۈنى چوقۇم يوللاپ قويىمەن. ئەپۇ قىلغايسىزلەر.
دوستلار سەمىگە: كۈن تۇتۇلغاندىكى تارتىلغان سۈرەتنى ئەسلى 3-ئاۋغۇستلا يوللىۋەتمەكچى ئىدىم (بلوگىمدا دىگىنىم بويىچە). ئەپسۇس بىر ئاغىينەم ئىلگىرى تارتىلغان قىزىنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىۋېلىش باھانىسىدا بىر ئەكەتكەندىن كېيىن ئاپپاراتنى ئەكەپ بولالماي، مەنمۇ يالغانچى بوپ قالدىم. سۈرەت بەكمۇ ياخشى تارتىلىپ كەتمىدى، ئەمما ئەسىردە بىر كېلىدىغان ئالاھىدە ھادىسە بولغاچقا، دوستلارنىڭ بەھىرلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم. ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.
كەمىنە بوغلاندىن
随机文章:
دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 10 ئىنگلىزچە تاق سۆز 2008-09-17بىزلەردىكى غەيرىي روھىي ھالەت 2008-07-25«خىزمەت» تىن تۇغۇلغان ئوي 2008-06-27تۆنۈگۈن ئىمتىھان ئالدۇق 2008-06-19بىز يىگىتلەرگە نېمە بولدى؟ 2008-06-18
收藏到:Del.icio.us
|
评论