باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • سودا ئالاقىلىرىدە بولۇشى زۆرۈر بولغان ئۈچ خىل كىنىشكە - [تۇرمۇشۇم ۋە تەسىرات]

    2009-05-11


    يېقىندا بىر قىسىم سودىگەرلەر سورۇنىدا قۇلاق موللىسى بولۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم. سودا جەريانىدا شىركەت ياكى شەخسلەر ئارىسىدىكى ئېلىم-بېرىمنىڭ ھېچقانداق دەتالاشسىز، توغرا، راۋان، ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى، سودىنىڭ بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ كىنىشكە بەكلا مۇھىم ئىكەن. سودىگەر دوستلار بۇنىڭدىن كېيىنكى سودا ئالاقىسىدا دىققەت قىلسا بولغۇدەك.

    1. مال تەمىنلىگەن شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى (营业执照)
    بۇنىڭدا ئاساسلىقى سىز مال سېتىۋالغان تەرەپنىڭ تىجارەت كىنىشكىنىڭ كۆپەيتىلمىسى تەمىنلىنىپ، كۆپەيتىلمە ئۈستىگە شۇ شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ئىسمى قەلەمدە يەنە يېزىلىپ، ئۈستىگە شۇ شىركەتنىڭ (قارشى تەرەپنىڭ) مەمۇرىي تامغىسى بېسىلىشى كېرەك ئىكەن.

    2. مال تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ شۇ مالنى سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىگە تەكشۈرتكەنلىكى ۋە تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە يەتكەنلىكى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكىلاتى (检验报告)
    بۇ مال تەمىنلىگۈچى ۋە مال ئالغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى بولمىسا بولمايدىغان شەرت بولۇپ، چوقۇم مۇشۇ شەرت بولغىنىدا كېيىنكى ھەر قايسى ۋىلايەت، رايۇنلار ئوتتۇرسىدىكى سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىك ئۇرۇنلىرىنىڭ ھېچبولمىغاندا بىھۇدا ئاۋارە قىلىشىدىن ساقلىنىپ قېلىشىقا خېلى پايدىسى بولىدىكەن.

    3. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى توختام ياكى مال تالۇنى (销售合同后者货单)
    بۇنىڭدا ئاساسلىقى مال تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ قانداق ئۆلچەمدىكى قانچىلىك مالنى قانچىلىك باھادا قايسى ۋاقىتتا قارشى تەرەپ (سىزگە) تەمىنلەيدىغانلىقى (ئەڭ بولمىغاندىمۇ مال سانى، باھاسى دىگەندەك ئىككى تۈر چوقۇم بولىدۇ) ئەكس ئېتىدىكەن، سىز مال تاپشۇرىۋالغاندا بۇنىڭدىن بىر نۇسخا تاپشۇرىۋالىدىكەنسىز.

    分享到: