-
تېخى يېقىندىلا دۇنيا قارا ئەپەندىم بلوگىنىڭ PR قىممىتىنىڭ 3 كە چىققانلىقى توغرىسىدا بىر يازما يوللاپتىكەن، ئۇ چاغدا بلوگىمغا قىستۇرۇپ قويغان PR قىممىتىنى كۆرسىتىش كودى بلوگىمنىڭ PR قىممىتىنى 2 دەپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. ماۋۇ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە تورغا چىقالمىغان. بۈگۈن سەھەردە قارىسام بلوگىمنىڭ PR قىممىتى 3 كە چىقىپ قاپتۇ. قارىغاندا Google قارى بلوگىمنى ياقتۇرۇپ قالغان ئوخشايدۇ... خېلى خۇش بوپ قالدىم. تىرىشىپ باقاي، كەلگۈسىدە بلوگىممۇ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك بلوگلارنىڭ بىرى بوپ قالامدۇ تېخى؟
تۆۋەندە بىر قىسىم بلوگلار(Blogbus.com) نىڭ PR قىممىتى بېرىلدى. باشقا بلوگگىرلارنىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەي، ئەگەر تەكشۈرۈپ كۆرمەكچى بولسىڭىز http://www.webmasterhome.cn/
ئۇنىڭدىن باشقا بلوگىمنىڭ زىيارەت مىقدارىغىمۇ دىققەت قىلىپ باقتىم. گەرچە كۈنلۈك زىيارەت قېتىمى نەچچە يۈز قېتىملاپ بولمىسمۇ، ئەمما كۈندە دىگۈدەك مۇقىم زىيارەت قىلىدىغان مېھمانلار بار. ئەزىز مېھمانلىرىمنىڭ قەدىمىدىن مەنمۇ مىننەتدار.
Blogbus.com نىڭ ئەسلىدە بار سىتاتسىتىكا ئىقتىدارى ئارقىلىق قىلىنغان زىيارەت قېتىمى 2009-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:20 گىچە جەمئىي 14605 ئادەم (قېتىم) بوپتۇ، ئەمما مەن كېيىنراق قويغان 我要统计 نىڭ سىتاتسىتىكىسىدا بولسا IP (ئوخشىمىغان) دىن زىيارەت قىلغانلار 7175 ئادەم، ئومۇمىي زىيارەت سانى بولسا 20027 ئادەم (قېتىم) بولغان. بۇ ئىككى خىل سانىغۇچ (سىتاتسىتىكا قىلغۇچ) ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى مەنمۇ بەك چۈشىنىپ كەتمىدىم.
تۆۋەندىكىسى بولسا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن بلوگىمىزنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ خەرىتىسى بېرىلدى (خەرىتە چوڭ بولغاچ ئىككى پارچە قىلىپ بۆلۈپ پارچىلاپ يوللاپ قويدۇم).
تۆۋەندىكى بوغلان بلوگىنىڭ قۇرۇلۇپ، ھازىرغىچە بولغان ئەڭ يوقىرى بولغان كۈندىلىك زىيارەت قېتىمى. ئېھتىمال بلوگۇم ئۈچۈن بەك كۈچ چىقىرالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن. شۇڭا بلوگ زىيارەت ئېقىمى دىگەندەك يوقىرى ئەمەس. بۇنىڭدىن كېيىن بلوگىمنى پات-پات يوقلاپ تۇرارسىزلەر...
评论
بلوگىڭىزنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىنى تىلەيمەن!
ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىنىڭ قىزغىنلىقى يوقىرى بولغان بىلەن ئەمما بۇ ئىشنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلار يەنىلا ساناقلىق بولۇپ قالماقتا بولسا سىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ توختاپ قالماي بىلوگىڭىزنى ھەقىقەتەن ئويلىغىنىڭىزدەك ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىدىكى بارماق بىلەن سانىغۇدەك ياخشى مەزمۇنلۇق بىلوگ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىڭىز ئۈچۈن تىرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن : شاھ ئۇيغۇر بىلوگى
مۇبارەك بولسۇن،
مۇبارەك بولسۇن.
مۇبارەك بولسۇنەي،
مۇبارەك بولسۇن.
بلوگىڭىزنىڭ PR قىممىتىنىڭ 3كە چىقىنىغا مۇبارەك بولسۇن!
بېكتىمزىدىكى كىنو-فىلىم ،mtv,mp3قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئېلان ئورۇنى بېكار بولۇپ (بۇرۇن بۇ ئورۇنلارغا Googleۋە alimama)نىڭ ئېلانلىرى قويۇلغان ھازىر ئۇئېلانى بۇ ئورۇنغا قويۇشنى توغرا كۆرمگەچكە شۇنداقلا باشقا خەنزۇچە بېكەتلەرنىڭ بېكىتىنىڭ ئېلانى قويۇپ ھېرىپ قالغاچقا بىلوگ ياسىغۇچىلار بىلەن ئېلان ھەمكارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى توغرا كۆردۇق...شۇ سەۋەبتىن بۇ ئېلان پائالىيەت ئوتكۇزۇلىدى ...بىلوگ بار تۈرداشلار بولسا شۇنداقلا تۆۋەندىكى شەرتنى قوبۇل قىلالالىسا مۇنبەرگە كېرىپ ياكى مۇنبەر توپنى قوشۇش ئارقىلىق بىزبىلەن ئالاقىلاسسا بولىدۇ ..
mp3بەتنىڭ كۆرۈش ئادرېسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
mtvبەتنىڭ كۆرۈش ئادرېسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
كىنو-فىلىم بەتنىڭ كۆرۇش ئادىرسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
بىز تەرەپتىن قويۇپ بىرلىدىغان ئېلان ئورۇنى :
سىز بىزنىڭ بېكەتتكى كىنو-فىلىم ،mtv,mp3,قاتارلىق ئورۇنلاردىن بىر ئورۇننى تاللايسىز ..سۇرەتلك ئېلان قىلنپ بىرىلدۇ .سۇرەتنىڭ چوڭ كېچكلكى 200*60بولسا بولىدۇ ..پەقەت بىرىلا ئورۇننى تاللايسىز ،ئېشلگەن سۇرەت ئېناق كۆركەم ئېشلەنگە بولۇشى كېرەك ..
ئەسكەرتىش:قويغۇچ قىسمغا ئېلان قويۇشتا بىلوگىڭىزىغا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدۇ ..مەسلەن :بىلوگىنىڭزنى خارەكترى دېگەندەك ---------------------------------
بىلوگ ياسىغۇچىلارنىڭ بىزىگە:
سزنىڭ قىلدىغىنىڭز سەل ئاۋار چېلىق بولۇشى مۇمكىن بېراق بىر قېتىم قىلۋالسىڭز قالغنى بەك ئاسان توختايدۇ ..
سىز پەقەت ھەرقېتىم يازما يولىغاندا يازمنىڭ ئاستغا ياكى ئۇستگە بىزنىڭ بىكەتنىڭ ئۇلنىش ئادىرسنى يېزىپ قويسىڭىزىلا بولىدۇ ..
تۆۋەندىكدىن تالسىڭز بولىدۇ ..-------------------------------------------------
ئەڭ يېڭى ئەسلى كود مۇنبرى(بىرلەشمە كۇلۇب)
Www.UyCluB.Net
UyCluB.Net
2.بىلوگ ھەققىدە بىلملەر بىرلەشمە كۇلۇبتا
Www.UyCluB.Net
UyCluB.Net
تۆۋەندىكى ئېككى تۈردىن بىرنى تالسىڭز بولىدۇ ..ھەرقېتىم يازما يۇلغاندا يازمىنىڭ رەڭگىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك ...
ھازىر بېكەتتە بار بولغان خەنزۇلانىڭ ئېلان ئورۇننى تالسىڭزىمۇ بولىۋىرىدۇ...
ھۆرمەت بىلەن:بىرلەشمە كۇلۇب
ئېھتىمال قىممەت كۆرسىتىش كودى ئۆزىنى يېڭىلىيالمايۋاتىدىغان ئوخشايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇ كودنى قايتا قويۇپ باقسىڭىز بولارمىكىن؟
تىرىشىڭ بۇرادەر، يەنىمۇ تىرىشىڭ!