-
دەسلەپكى مەلۇم مەزگىل ئىچىدە بلوگ يېڭىدىن تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقىنى ئۈچۈن كۆپ قىسىم بلوگگىرلار بىلەن ئورتاق ئىلگىرلەش مەقسىتىدە باشقا بلوگلارنى Boghlan بلوگىنىڭ دوستانە ئۇلانمىسىغا قوشقان. ھازىرغىچە بلوگچىلىق بىزلەردىمۇ خېلى تەرەققىي قىلىپ قالدى، بىرەر ياشتىنمۇ ئاشتى. بىر قسىم دەسلەپتە ئىش باشلاپ داۋاملىق تۈردە بلوگ يېزىۋاتقانلار بار، كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ باشقىلارنىڭ نېنىنى "مېنىڭ نېنىم" دەۋاتقانلارمۇ بار ياكى بىر كۆرۈنۈپ قويۇپ يوقاپ كەتكەنلەرمۇ بار. شۇ سەۋەب بىلەن بوغلان بلوگى "دوستانە ئۇلانما" غا قوشۇلغان بلوگلارنىڭ داۋاملىق دوستانە ئۇلانما تىزىملىكىدە تۇرۇش-تۇرماسلىقى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر بولدى.
شۇ سەۋەبلىك تۆۋەندىكىدەك تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويىمىز. تۆۋەندىكىدەك شەرتكە توشمىغان بلوگلار دوستانە ئۇلانما تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ (چەتئەلدە ئوقۇش، تەتقىقات، بىلىم ئاشۇرۇش بىلەن بولىۋاتقانلارنىڭ بلوگى بۇنىڭ سىرتىدا):
1. يېڭى يازما بىلەن يېڭىلانمىغان ۋاقتى بىر يېرىم ئاي (45 كۈن) دىن ئاشقان بلوگلار؛
2. كۆچۈرۈلمە يازمىلار پۈتۈن بلوگدىكى يازمىلارنىڭ %55 دىن ئاشقا بلوگلار؛
3. مەزمۇنى ساغلام بولمىغان، ئىجادىيلىقى يوق بلوگلار؛
ھازىرچە ئېسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇلار، مەنمۇ دوستانە ئۇلانمىغا قاتقان بلوگلارنى ئارىلاپ تۇرىمەن، "ئەتە ئوڭشىلىپ قالار، ئۆگۈن تۈزىلىپ قالار" دەپ ئاخىرى تاقىتىم تاق بولدى، شۇ سەۋەبلىك بۇ باياناتنى يازدىم. كەڭ قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەيىپكە بۇيرىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ باياناتتىكى مەزمۇنلار 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
تىزىملىككە قوشۇلمىغان بلوگلار بولسا تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن. بىر قىسىم بلوگلار قايتىدىن قوشۇلىدۇ.
-كەمىنە بوغلاندىن
2009-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى كېچە سائەت 11:30
评论
ئادىرسىم :http://flim.blogbus.com
http://phon.blogbus.com/files/12425695510.gif
خۇددى بوغلان ئەپەندىم دىگەندەك، كۆزنەك ئۇلىنىشلىرىدىمۇ مۇشۇ مەسىلە ساقلانماقتا، شۇڭا كۆزنەك ئۇلىنىشلىرىنىمۇ رەتلەش زۆرۈر بولۇپ قالامدۇ قانداق دىگەن مەسىلىنى ئويلاپ قالدىم. قانداقلا بولمىسۇن بوغلان ئەپەندىمنىڭ بۇ قارارىنى شەخسەن مەن قوللايمەن.
خېلى ئۇزاق ۋاقىت تەخرى قىلغاندىن كېيىن بۇ باياناتنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇنىڭغا بەلكىم بىر قىسىم بلوگگىرلارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ھازىرقى جاھاندا باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغانلارغا جاھان تار. ھەممىمىز بىر نىيەتتە تىرىشساق، قوللىساق، ئىنشائاللا ئىشلىرىمىز ياخشى بولغۇسى.
تىرىشايلى، ئۈمىداۋار بولايلى. تېنىڭىز سالامەت، ئىشلىرىڭىز ئوڭ، بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نىيتى خالىس بولسۇن!
يەنە ماڭا ئوخشاش بلوگگىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئالاھىدە ئويلاشقانلىقىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. مەنمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە بلوگىمنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا تىرىشىمەن.