-
ئۇلۇغ ئارزۇلىرىمىز، تىلەكلىرىمىز، ئىنتىلىشلىرىمىزنىڭ شاراپىتىمۇ قانداق بۈگۈن سەھەر (2009-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى) ئەتىگەن سائەت 8:28 مىنۇت ئۆتكەندە ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئاكىمىز بىلەن ئاقسۇ ئايرۇدورۇمىدا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق.
ئالىمىمىزنىڭ 21-ماي ئۈرۈمچىگە چۈشكۈنىدىن خەۋەرسىزلا يېنىپ كەپتىكەنمەن. 28-چىسلاغا كەلگەندە بىلىك كۇلۇبىدىكى ئەركزاد ئەپەندىنىڭ يازمىسىدىن ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە ئاقسۇغا كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم. شۇ سەۋەب بىلەن تور ۋە تېلېفۇن ئارقىلىق Yawuz ئەپەندى (ئىسمى تۇرسۇنجان)، arkzad ئەپەندى (ئىسمى ئابلىكىمجان) لەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالىم ئاقسۇغا كەلگەندە ئۆز-ئارا خەۋەرلىشىدىغانغا كېلىشتۇق. تۆنۈگۈن 31-ماي چۈشتىن كېيىن تۇرسۇنجان ئەپەندىنىڭ ئالىمنىڭ بۈگۈنكى كۈندە (1-ئىيۇن) ئاقسۇغا چۈشىدىغانلىقىنى، ئايرۇدورۇمغا چىقالايدىغان-چىقالمايدىغانلىقىنى ھەققىدىكى تېلېفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. شۇ ۋاقىتتىكى ھاياجىنىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. شۇ چاغدا تېلېفۇندا سۆزلىشىپ بولۇپ، خوشاللىقىمدىن ئاغزىم قۇلىقىمغا يېتەيلا دەپ قالدى (ھى،ھى،ھى...)، خوشاللىقىمدىن دادام-ئاپامنىڭ ئالدىدا سەكرەپ كەتكىلى تاس-ماس قاپتىمەن. ئاشۇنداق بىر شۆھرەتلىك ئالىم بىلەن دىدار-مۇلاقات بولۇش ئاسان دەمسىز؟! شۇنداق ئەسىرگە يېقىن شەھەرگە يولغا چىقتىم. ئۇزاق ئۆتمەي يولدا ئابلىكىجانمۇ شۇ ھەقتە تېلېفۇن قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۈگۈن سەھەردە بىر يەرگە يىغىلىپ، ئايرودورۇمغا بىرلىكتە چىقدىغانغا كېلىشتۇق.
كېچىدىن سائەت 1:00 ياتقىنىمغا قارىماي، سەھەر سائەت 3:30 لار بىلەنلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. سائەت 4:30 غىچە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى پۈتكۈزۈپ تۇرسام ئابلىكىمجان سائەت 4:35 تە ئاۋاتتىن بىر قانچە ئاغىينىسى بىلەن يولغا چىققانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفۇن قىپتۇ. سائەت دەل 5:00 تە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئابلىكىمجانلارنى ساقلىدىم. سائەت 5:30 دا ئۇلار كەلدى. يېرىم سائەتلەر پاراڭلىشىپ تۇرغاندىن كېيىن، سائەت 6:00 لەر بىلەن تۇرسۇنجانغا تېلېفۇن قىلساق، ئايرۇدورۇمغا چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، بىزلەر پاراڭلاشقاچ ئەتىگەنلىك ناشتىنى قىلىپ، سائەت 7:00 دە ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ ئىنىسى ئىلھام ئەپەندى بىلەن كەسپىي ئىنىستىتوتنىڭ ئالدىدا كۆرۈشتۇق ۋە ئايرودورۇمغا يۈرۈپ كەتتۇق. ئايرۇپىلان ئەسلى ئەتىگەندە سائەت 6:00 دە ئۇچماقچى بولغانىكەن، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەن بىلەن 6:20 دە يولغا چىقىپتۇ، 8:20 دە ئاقسۇ ئايرودورۇمىغا قوندى، دەل سائەت 8:26 ئۆتكەندە ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. شۇ چاغدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلارنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش ئاجىزلىق قىلىدۇ. بىر تۇغقان قېرىنداشلارمۇ ئۇنچىلىك كۆرۈشۈپ كەتمەس ئىدۇق دەپ ئويلىدىم.
كۈتىۋېلىشقا چىققانلاردىن مەن (تۇرغۇن ئېزىز بوغلان)، ئابلىكىمجان (ئاۋات ناھىيە بەشئېرىق ئوتتۇرا مەكتەپ كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى)، باتۇر داۋۇت قورغار (يازغۇچى، مائارىپچى)، ئابلەتجان (ئاۋات ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى مۇپەتتىش ئىشخانىسىدىن)، ئەخمەتجان (ئاقسۇ <ئۇچقۇر> تېز يوللانما شىركىتىدىن)، ئىلھامجان (ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ ئىنىسى)، ئۇنىڭدىن باشقا بىز بەك تۇنۇشمايدىغان يەنە بىر ئەپەندىم بىلەن يەنە بىر خانىم (بۇلارمۇ ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ قېرىنداشلىرى ئوخشايدۇ) قاتارلىقلار دىدارلاشتۇق ۋە قىسقىغىنا ئەھۋاللاشتۇق، ئالىمىمىز ھەممىمىزنىڭ ئىسمىنى ۋە ئەھۋالىمىزنى بىردىن-بىردىن سوراپ چىقتى. ئارىلىقتا ئاغىينىلەردەك چاقچاقلىشىپمۇ قويدۇق. ئۇچۇق-يورۇق، خۇشچاقچاقلىقىغا گەپ كەتمەيدىغان شۇنداق تۈز، خۇشپىئېل ئىكەن. يۈك-تاقلارنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق ۋە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن خۇش ئۈمىدلىرىمىز، تىلەكلىرىمىز بىلەن خوشلاشتۇق، ۋاقتى يەتكەندە بىزلەر بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشتى. ئارىلىقتا ئابلەت ئەپەندىم ۋە بىرقانچىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ:"مەن مائارىپچىلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن" دىدى، شۇنداقلا ئۆزى ئېلىۋالغان فۇتۇ ئاپپاراتتا ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئاپپاراتىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا رەسىمگە چۈشتۇق. ئېھتىمال سىمايىمىز ۋە خاتىرە سۈرەتلىرىمىز ئالىمىمىزنىڭ گېپى بويىچە مەرىپەت تورىغا چىقىشى مۇمكىن. بۇ خەۋەرنى ئەڭ ئالدى بىلەن يەتكۈزگۈچى بوغلان بلوگىدىن بوغلان ئەپەندى، شاھىتلىرى يوقىرقىلار.
تۆۋەندە ئالىمىمىز بىلەن دىدارلىشىشنىڭ يالدامىسى بولغان ئاددىي سۈرەتلەر:
بۇ رەسىملەر قانداقتۇر بىرەر داغدۇغا ياكى ئۆزىمىزنى بازارغا سېلىش ئەمەس، بەلكى ئالىمىمىزنىڭ پەزىلىتى، خۇشپىئېللىقى، خۇشچاقچاقلىقى، دوستانلىقىنى دوستلارغا بىلدۈرۈش.
قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى، ئالىمغا بولغان ھۈرمىتىڭلارنى بىلدۈرۈپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن...
رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇبۇ تېما بوغلان بلوگىغا ۋە تىرىشچانلار مۇنبىرى، بىلىك كۇلۇبىغا يوللاندى. باشقا جايلارغا يوللىماقچى بولسىڭىز تولۇق ئادىرىسىنى ئەسكەرتىڭ!
评论