باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • ئۇلۇغ ئارزۇلىرىمىز، تىلەكلىرىمىز، ئىنتىلىشلىرىمىزنىڭ شاراپىتىمۇ قانداق بۈگۈن سەھەر (2009-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى) ئەتىگەن سائەت 8:28 مىنۇت ئۆتكەندە ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئاكىمىز بىلەن ئاقسۇ ئايرۇدورۇمىدا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق...

  • ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى NASA نىڭ كالىفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئىشلەۋاتقان گۇرۇپپا ئالەم بوشلۇقىدىكى تېلېسكوپنى يەر شارى باشقۇرۇش مەركىزىدە تۇرۇپ تەڭشەشتە ئىشلىتىدىغان بىر يېڭى تېخنىكا كەشىپ قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تېخنىكىنى ئىجاد قىلىشتىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى دوكتور ئەركىن سىدىق بىلەن بۇ تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى (يەھۇدىي مۇتەخەسسىس) نى ئالاھىدە مۇكاپاتلىغان.

    بەلكىم سىز تۆۋەندىكى سۆھبەتنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بولسا كىچىككىنە ۋاقتىڭىزنى قويۇپ ئاڭلاپ بېقىڭ، چوقۇم ياخشى نەپ ئالالايسىز.  

  • ئامېرىكا NASA دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇدلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرىۋاتقان ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىم تۈركىيدە ساياھەت قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيدىكى ئوقۇغۇچىلارغا كائىنات توغرىسىدا ئانا تىلىمىزدا لىكسىيە سۆزلەپتۇ. لىكسىيە مەزمۇنىنى باشقا دوستلارغىمۇ بىلدۈرۈش، ئالىمىمىزنىڭ كائىنات توغرىسىدا ئانا تىلىمىزدا بەرگەن لىكسىيسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ كۆچۈرۈپ قويدۇم، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىزلەر...



我要啦免费统计