-
ئىقتىسادىي كىرىزىس نۇرغۇنلىغان ئاددىي پۇقرالارنىڭ ھەميىنىنى كىچىكلىتىپلا قالماي، خېلى كۆپ ساندىكى پۇلدارلارنىمۇ بۇ بەختسىزلىكتىن ئامان قويمىدى. مېيىلىن ۋە كەيجيې (美林和凯捷集团) گوروھى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى "يەر شارى ئىقتىسادى دوكلاتى" (全球财富报告-WorldWealthReport) دا كۆرسىتىلىشىچە، 2008-پۈتۈن يەر شارىدىكى "ئادەتتىن تاشقىرى يوقىرى ساپ كىرىملىك كىشىلەر" (超高净值个人) نىڭ (ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 30 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىنى مەبلەغ قىلىپ سالالايدىغان كىشىلەر) نىڭ سانى %25 ئازىيىپ، پەقەت 78000 ئادەملا قالغان. 2008-يىلدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس تۈپەيلىدىن، پۈتۈن دۇنيادىكى ئادەتتىن تاشقىرى بايلانىڭ ساپ كىرمى %24 ئازايغان.
جۇڭگودىكى پۇلدارلارنىڭ سانىمۇ بۇ دوكلاتتا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا كۆرستىلىشىچە، جۇڭگودىكى مىليۇن دوللارلىق پۇلدارلارنىڭ سانى 364 مىڭ ئادەم مۆلچەرلىنىپ، ئەنگىلىيدىكى پۇلدارلار سانىدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى 4-ئۇرۇنغا ئۆتكەن. شىياڭگاڭدىكى پۇلدارلارنىڭ سانى 2008-يىلدىكىدىن %61 ئازايغان، شۇنىڭدەك ھىندىستان، ئەنگىلىيە ۋە روسىيەلەردىمۇ پۇلدارلارنىڭ سانى چوڭ كۆلەمدە ئازايغان.
دوكلاتتا يەنە ئاسىيا-تىچ ئوكيان رايۇنىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنڭ كەلگۈسىگە ياخشى باھا بېرىلدى.
مەنبە: http://finance.qq.com/a/20090626/005144.htm
评论
خەلق پۇلىدا 10مىليون پۇلى بارلار ھوقوق تۇتقانلارنىڭ ئىچىدە ساماندەك، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغىنىلا خالاس. شۇڭا بۇ توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.