ئالدىنقى يازما:
./read.php?tid=10127
ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺳﺎﯞﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
ئاپتورى: مەمەتئىمىن تۇدىمەت
تەھرىرلەپ يوللىغۇچى: يۈسۈپئېلى ياسىن
ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻫﻪﻛﯩﻢ ﺋﯩﺒﻨﯩﺴﯩﻨﺎ "ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ"ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ، ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﯩﻤﯘ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﺗﻤﺎﻱ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺧﯘﺭﺍﭘﯩﻲ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﺍ، ﺑﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺑﯘ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﻪ 4.5 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺳﯘ (ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ) ﯞﻩ 103 ﺗﺎﻝ ﺗﺎﺵ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﯘ ﯞﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﺵ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﻪ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﻪ ﺗﺎﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﻼ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩﺍﯞﺍﻻﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯘ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﻘﯩﭽﻪ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ؟ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ 3 ﺧﯩﻞ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ:
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ: ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯚﺯ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ: ﻳﻮﻗﺴﯘﺯﻟﯘﻕ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯚﺯ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﻮﻗﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ: ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻳﻪﻧﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻴﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﯩﺪﺍ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮﯓ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻫﯩﻢ، ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﺎﺷﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ، ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮﯓ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺳﺎﯞﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪ، ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺎﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﻪﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ، ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ 20 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ 高血压))، ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ( 冠心病)، ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ 糖尿病) ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺭﻭﻟﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ؛ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻭﺭﺍ ﯞﻩ ﺩﻭﺭﺍ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺧﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ. ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯚﺯﻯ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷﻨﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ، ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺳﯘﻧﺪﯗﻡ:
1. ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﮔﯚﺵ، ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﻣﯧﻴﻰ، ﺟﯩﮕﻪﺭ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ، ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﯧﺮﯨﻘﻰ، ﻗﺎﻳﻤﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﯧﺸﯩﯖﯩﺰ 40 ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ.
2. ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺳﻪﻣﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯔ. ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻜﻨﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯔ.
3. ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﯔ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﯘ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﺗﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﯞﻩ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺗﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﺎﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
4. ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺋﯩﭽﻤﻪﯓ. ﭼﺎﻱ، ﺷﻮﺭﭘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘﻳﯘﻕ ﺋﺎﺷﻨﻰ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯚﯕﮕﻪﭺ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯚﯕﮕﻪﭺ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﻳﺪﯗ.
5. ﺗﯘﺯﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ. ﺗﯘﺯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻣﺎﺩﺩﺍ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯘﺯﻧﻰ ﻧﻮﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ، ﺑﻪﺯﻯ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
6. ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻤﻪﯓ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺯﻭﺭﻟﯩﻤﺎﯓ. ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﺸﯩﺶ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﻗﻮﻝ ﺗﯩﺘﺮﻩﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
7. ﺧﺎﻡ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺧﺎﻡ ﮔﯚﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻗﻮﻳﻤﺎﯓ. ﺧﺎﻡ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺧﺎﻡ ﮔﯚﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺧﺎﻡ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ، ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
8. ﺧﺎﻡ ﮔﯚﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﭼﺎ- ﻗﯘﭼﺎ ﯞﻩ ﭘﯩﭽﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﻣﺎﯓ. ﺧﺎﻡ ﮔﯚﺷﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﭼﺎ-ﻗﯘﭼﺎ ﯞﻩ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﮔﯚﺷﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﭼﺎ-ﻗﯘﭼﺎ ﯞﻩ ﭘﯩﭽﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺧﺎﻡ ﮔﯚﺷﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯔ.
9. ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻕ (ﭘﻼﺳﺘﯩﻚ) ﺧﺎﻟﺘﯩﻐﺎ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﻤﺎﯓ. ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻕ ﺧﺎﻟﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺭﻩﯕﺴﯩﺰ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻕ ﺧﺎﻟﺘﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﭼﯩﻼﯓ.
10. ﭘﯘﻝ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯩﻠﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﻟﭙﯘﻛﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯﻣﻪﯓ. ﭘﯘﻝ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻧﻪﺭﺳﻪ. ﭘﯘﻝ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﭘﯘﻟﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﻣﯩﻜﺮﻭﺑﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
11. ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﯓ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺋﯧﻐﯩﺮﺋﺎﻳﺎﻍ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﻻ ﺑﺎﺭ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﯓ. ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺭﺍﻛﯩﻨﯩﻼ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
12. ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﯓ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺧﺮﻭﻳﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻐﺎ ﺧﺮﻭﻳﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﻪﻛﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ.
13. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﯔ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺪﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﻪﻙ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎﻱ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻤﯘ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ.
14. ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻤﻪﯓ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯩﯖﺸﯩﻐﯘﭺ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﯔ.
15. ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯚﺯ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ.
16. ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯧﺮﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
17. ﻫﻮﺭﻣﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﻫﻮﺭﻣﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻫﻮﺭﻣﯘﻥ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
18. ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﯓ. ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﻯ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﺵ 40 ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻜﻪ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
19. ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﯓ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﮕﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ.
20. ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﺧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯔ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻫﻪ ﺩﯦﺴﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺗﻮﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﯨﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ.
21. ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﯔ. ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﯘﺭﻣﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﺎﻟﺘﺴﯩﻲ ﻛﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
22. ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﯞﺍﺳﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﺘﺘﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﺑﻪﺯﻯ ﺳﯩﺮﻻﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﯘﺭﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻫﺎﯞﺍﺳﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﺖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ.