Quote:
بۇ مەزمون 26 - قەۋەتتىكى torpak نىڭ 2008-02-17 23:02 دە يوللىغان يازمىسى“”:
مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى قوزغاشقا ماۋزېدۇڭ ئىمزا قويغان، لېكىن «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ھوقۇق تارتىۋېلىش مەقسىتىدە پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنى بالايى ئاپەتكە دۇچار قىلغان، ئۇيغۇر ئالىمى جىيەن بوزەن قانداق قازا قىلغان؟ تېيىپجان ئېلىيوف، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنلار قانچىلىك جەبر زۇلۇم تارتتى. بۇنىڭ ھەممىسىدە تۆت كىشىلىك گۇرۇھنىڭ بىۋاسىتە قولى يوق ئەلۋەتتە، ئەمما ۋاسىتىلىك قولى بار. ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ ھەتتا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بوۋىمىزمۇ پارتىيىنى كۈيلەپ شېئىر يازدىغۇ، مەن ھەممىسىنىڭ شېئىرىنى ئاساسەن ئوقۇپ چىققان، گەرچە پۈتۈنلەي ئوقۇپ بولۇشقا قادىر بولالمىساممۇ.
بوزقىر ئەپەندى، سىز نىمشېھىتقا قارا چاپلىماڭ، مەنمۇ باي ناھىيىسىدىن، نىمشېھىت بىلەن بىر يۇرتلۇق، نەۋرىسى مەندىن بىر سىنىپ تۆۋەن ئوقۇيتتى، قىزى بۈۋىھەجەر مەدەنىيەت ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ خېلى كۆپ شېئىرلىرى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان. نىمشېھىت بوۋىمىزنىڭ نەۋرىسى ئالىم تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئىمتىھان بەرگەنمۇ ئەيتاۋۇر بىلمىدىم. كۆرۈشمىگىلى بەك ئۇزۇن بولدى. بۇرۇن مەندە نىمشېھىتنىڭ بىر شېئىرلار توپلامى بار ئىدى. بەك ياخشى شېئىرلىرى بار ئىدى. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان، كاتىپ بولغانغۇ دەيمەن. كېيىن جەڭدە يارىلىنىپ يېرىم جان دېگەن مەنىدە نىمشېھىت دەپ تەخەللۇس قويۇپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. باي ناھىيىسىدە قەلەم بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى نىمشېھىتنى ھازىرمۇ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشىدۇ. بوۋىمىزنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا قانداقتۇر ئۇيغۇر، خەنزۇ ياكى باشقا مىللەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى ئۆز ۋاقتىدىكى سىياسەت قايسىبىر مىللەتكە كۈلپەت سالمىدى. مەن قايسىبىر ماقالىدە ئۇيغۇردىن ئالىم چىقماق تەس دېگەندەك يەرنى ئوقۇغاندەك قىلغان. ئۇنداق قىلماڭلار قېرىنداشلار!!! ئاتا بوۋىلىرىمىز ئەۋلىيا ئەمەس، ئىنسان، ئادەتتىكى ئىنسان. ئادەم تىللىساڭلارمۇ تىللاڭلار، ئەمما قالايمىقان تىللىماڭلار، ئاتا بوۋىلىرىمىزنى بىز قەدىرلىمىسەك ھېچكىم بىز ئۈچۈن قەدىرلەپ بەرمەيدۇ. پاكىتلىق سۆزلەڭلەر،
بوزقىر ئەپەندى كىتاب چىقىرىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، ئاۋۋال خەت ئۇرغۇچى خادىم ئورىگىنالنى ئۇرۇپ ئۆلچەملىك قىلىپ قەغەزگە بېسىپ چىقىرىپ، نەشرىياتقا ئاپىرىدۇ. ئۇنى ئاۋۋال كوررېكتور، ئاندىن تەھرىر كۆرىدۇ. بۇ جەرياندا كىتابنى كوررېكتور 2 قېتىمدىن 4 قېتىمغىچە، تەھرىر 2 قېتىمدىن 5 قېتىمغىچە كۆرىدۇ. كوررېكتور خەتنىڭ ئىملاسىنى كۆرىدۇ. تەھرىر كىتابنىڭ مەزمۇنى، ئىشەنچلىك مەنبەسى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرىدۇ. مۇشۇنداق قايتا - قايتا چىقىرىش ئارقىلىق يەنى 3 قېتىمدىن 5 قېتىمغىچە ئاق قەغەزگە چىقىرىش ئارقىلىق خاتالىق بايقالمىغاندا ئاندىن لىيۇسەنزى دەيدىغان نېپىز بىر ماي قەغەزگە بېسىپ چىقىرىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن باش تەھرىر كۆرۈپ قول قويىدۇ. ئاندىن كۆپەيتىپ بېسىشقا زاۋۇتقا يوللايدۇ. بۇ كىتاب شەخسلەر چىقارغان كىتاب ئەمەس، نەشرىياتنىڭ ئۆزىدىن چىققان. كوررېكتور، تەھرىرلەر ئاساسەن 15-20 يىللىق سىتاژغا ئىگە كىشىلەر. ئۇلارنىڭ كۈندە قىلىدىغان ئىشى مۇشۇنداق زىل ئىشلار، سىز پىششىقمۇ ياكى ئۇلار پىششىقمۇ؟ شەخسلەر چىقارغان بەزى كىتابلار چىقىمنى تىجەش ئۈچۈن كۆرۈش قېتىم سانىنى ئازلىتىدۇ. شۇڭا بەزى ھاللاردا خاتالىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئىشنى قىلىپ باققانلار بىلىدۇ. سىز ئامال بار قورسىقىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ، كەڭ دائىرىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈڭ، ئۇنداق تېيىز، يۈزەكى تەپەككۇر ئاسانلار باشقىلارنى خاتا يولغا باشلاپ قويىدۇ.
تورپاك ئەپەندى:
1. بوزقىر ھېچقاچان نىمشېھىتقا قارا چاپلىمىدى .ئۇنىڭ يازمىسىنى چۈشىنىپراق ئىنكاس يېزىڭ.
2. بىلىڭكى ئەينى چاغدا سول سىياسەتنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلغىنى باشقا بىراۋلار ئەمەس دەل باي ناھىيسىدىكى كاللىسى قىزىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار.
رىياللىقنى ئېتىراپ قىلىش، خاتالىقنى تۇنۇش ھېچقاچان ئاتا -بوۋىسىنى تىللىغانلىق بولمايدۇ.مۇبادا ئاتا بوۋىلار ھەقىقەتەن خاتا قىلغان بولسا خاتالىقى ئۈچۈن تەنقىتلەش كېرەك، ئەشۇ خاتالىقنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىبرەت دەرىسلىگى قىلىپ ياش ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىگەسىڭدۈرۈش كېرەك.
3. نىمشېھىت 3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە ھۆكۈمەتتە كاتىپ بولمىغان ، گېزىتخابىدا خىزمەت قىلغان. ئۇ 3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە يارىلانمىغان.قەشقەردىكى جەڭدە يارىلانغان.سىز شائىرنىڭ يۇرتىدىن بولغاندىكىن ئاۋال ئۈگىنىپ ئاندىن بىر نەرسە دەڭ. پەرىزىڭىزنى پاكىت ئورنىدا قويماڭ.
4. كىتاپ چىقىرىش بىلەن بۇ تېمىنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بار مەن چۈشەنمىدىم.سىز « كوررېكتور، تەھرىرلەر ئاساسەن 15-20 يىللىق سىتاژغا ئىگە كىشىلەر. ئۇلارنىڭ كۈندە قىلىدىغان ئىشى مۇشۇنداق زىل ئىشلار، سىز پىششىقمۇ ياكى ئۇلار پىششىقمۇ؟ ... بەزى ھاللاردا خاتالىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ» دىيىش ئارقىلىق بۇ كىتاپتا خاتالىق بار دىمەكچىمۇ ؟ ياكى خاتالىق يوق دىمەكچىمۇ ؟
5. بوزقىرغا ئېيىتقان « كەڭ دائىرىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈڭ، ئۇنداق تېيىز، يۈزەكى تەپەككۇر ئاسانلار باشقىلارنى خاتا يولغا باشلاپ قويىدۇ» دىگەن پىكرىڭىزدىن سىزنى خېلى پىشقان بىلىم ساھىبى بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدىم. شۇڭا سىزنىڭ كەڭ تەپەككۈر يۈرگۈزۈلگەن، بوزقىرنىڭ يازمىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز.