باھارىم بار
ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﯖﻪﻟﻪﻳﻤﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻧﯩﮕﺎﺭﯨﻢ ﺑﺎﺭ ،
ﺗﯩﻚ ﺗﺎﻏﻤﯘ ﺗﻮﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﺎﺩﺍﺭﯨﻢ ﺑﺎﺭ .
ﯞﻩﺗﻪﻥ ﭼﯩﻠﻠﯩﺴﺎ ﮔﻪﺭ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﮔﻪﺭ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺑﯧﺸﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭ ﮬﻪﻣﺮﺍ ،
ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﺥ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻢ ﺑﺎﺭ .
ﺑﯩﻠﯩﯖﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺟﺎﻧﺪﯨﻦ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﻪﻻ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪﻻ ،
ﯞﻩﺗﻪﻥ - ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﻱ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﮬﺪﯗ - ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻢ ﺑﺎﺭ .
ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪﻣﻤﯘ ﮔﻪﺭ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ،
ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﮬﯚﺳﻨﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﮭﯩﺸﺘﻪﻙ ﻻﻟﻪ ﺑﺎﻏﯩﻢ ﺑﺎﺭ .
ﺑﻮﻟﯘﺭ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻣﯘﺑﺎ ﮬﯚﺭﻟﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻏﯩﻤﻨﻰ ،
ﺋﺎﺑﻰ ﻛﻪﯞﺳﻪﺭ ﺑﯘﻻﻏﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﮔﯜﻝ - ﭼﯩﻨﺎﺭﯨﻢ ﺑﺎﺭ .
ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺩﻭﺳﺘﺘﯘﻡ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﯩﻦ ﺗﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻝ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﻪﻥ ،
ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﻩ ﻗﻪﻥ ﻧﺎﯞﺍﺕ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﺋﺎﻧﺎﺭﯨﻢ ﺑﺎﺭ .
ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﯗﺭ ﺋﯘﺯ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﯜﻝ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﻳﺪﺍﺳﯩﻤﻪﻥ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ،
ﺗﻮﺯﯨﻤﺎﺱ ﮔﯜﻝ -ﭼﯩﭽﻪﻙ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻧﻪﯞ - ﺑﺎﮬﺎﺭﯨﻢ ﺑﺎﺭ .
ئاپتور :چىن تۆمۈر
[ بۇ يازما manggutax تەرپىدىن 2008-03-05 00:40 دە قا ]