2007-يىلى 8-ئايدا قارلۇق شىركىتىنىڭ دىرىكتورى نەجمىدىن قارلۇق بېيجىڭغا بېرىپ تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ھەمكارلىق بۆلۈمىدىكى ياڭمېي بىلەن كۆرۈشۈپ QQ يۇمشاق دېتالىنىڭ ئۇنىكودېنى قوللاش تەلەپ قىلىنغان دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن، شۇنداقلا 客户端نى ئۇيغۇرچە قىلىش، تېڭشۈن شىركىتىگە بىۋاستە ئۇيغۇرچە مۇزىكىلارنى تەمىنلەش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى. گەرچە چوڭ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بولغان قارا نىيەت ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارغا ئەستايىدىلى مۇئامىلە قىلماسلىق تۈپەيلى 客户端 نى ئۇيغۇرچە قىلىش ۋە ئۇيغۇرچە مۇزىكىلارنى تەمىنلەش ئىشى ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ ئەمما تېڭشۈن شىركىتى كېيىنكى قېتىملىق يېڭى 客户端 نى ئۇنىكودې قوللايغان قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىكودې قوللايدىغان باشقا سۆزلىشىش يۇمشاق دېتاللىرىدىكى(مەسىلەن gmail دىكى) خەت يېزىلىۋاتقاندا يېزىق ئالماشتۇرغىلى بولماسلىق مەسىلىسى ۋە سۆزلىشىش كۆزنىكىدە ئۇيغۇرچە فونت تىزىملىكى كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە تەپسىلى خاتىرە قالدۇرۇۋالغان ئىدى. 2008-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇش ئېھتىمالى بولغان QQ2009دا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يېزىققا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى گەرچە قارلۇق شىركىتىگە بىۋاستە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ئېلىپ كەلمىگەن بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ QQ دا ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش مەسىلىسى بۇنىڭلىق بىلەن ھەل بولدى. ئۇيغۇر QQ ئىشلەتكۈچىلىرى قارلۇق شىركىتىنىڭ بىر قېتىملىق ئەمگىكىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدىغان بولدى.
----قارلۇق شىركەت تورى خەۋىرى
مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دەرھال qq2009 نى تىپىپ چۈشۈردۈم ھەم ئىشلىتىپ كۆردۈم ، راستىنلا كۆپ خىل يىزىقنى قوللايدىكەن ، پاھ !ئۇيغۇرچە خەتلەر شۇنداق كۆركەم ،راۋان چىقىدىكەن ئەمەسمۇ ، <ئۇيغۇر تىل -يىزىقى زامانغا ماسلىشالماي ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى > دەپ جار سالغۇچلارنىڭ ئاغزىغا تۈكۈرۈپ قويغۇم كىلىپ كەتتى . تۆۋەندە مەن بۇ دىتالنى قاچىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي : ئاۋالqq2009 نى مۇنۇ يەردىن چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز.
http://dl_dir.qq.com/qqfile/tm/qq2009preview_chs.exeبۇ سىناق تارقىتىلغان نۇسقۇسى بۇلۇپ بۇنى مەخسۇس ئىلتىماس قىلغانلارلا ئىشلىتەلەيدىكەن ، لىكىن ئەنسىرىمەڭ سىزمۇ ئىشلىتەلەيدىغان ئامال بار. مۇنۇ tm2008 نى چۈشۈرۈپ چۈشۈرۈش ئادىرسى : TM2008:
http://dl_dir.qq.com/qqfile/tm/tm2008preview4_chs.exeقاچىلاپ bin مۇندەرىجە ئاستىدىكى vi.dat ھۆججىتىنى ۋە tm.exe ھۆججىتىنى ( tm.exe ھۆججەت نامىنى qq.exe غا ئۆزگەرتىمىز )كۆچۈرۈپ qq2009 نىڭ bin مۇندەرىجە ئاستىغا كۆچۈرىمىز، تامام . ( يەنە چۈشەنمىگەنلەر بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ چ چ 491135729)