بۇ يىل شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە 60 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
28- فېۋرال ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل تولۇق كۇرس ، مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرىگە جەمئىي 60 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن . بۇ بۇلتۇرقىدىن 3000 ئوقۇغۇچى ئارتۇق ئىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسقا 25مىڭ 200 ئوقۇغۇچى ، مەخسۇس كۇرۇسقا 34 مىڭ 800 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن . ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى تېخى بېكىتلمىگەن .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يىلسېرى كۆپەيگەن . 2006- يىلى شىنجاڭ بويىچە 142 مىڭ ئوقۇغۇچى 2007- يىلى 154 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان . مۆلچەرلىنىشىچە ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغانلار 170 مىڭ ئەتراپىدا بولىدىكەن . بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس كەسپىلىرىگە پىلان بويىچە 5 مىليون 990 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن ، بۇ بۇلتۇرقىدىن % 5 كۆپ ئىكەن .
ئاپتونوم رايونىمىزدىن 18 يازغۇچى توختام ئىمزالىدى
29- فېۋرال ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەتدىن بولغان 18 يازغۇچى بىر يەرگە جەم بولۇپ ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن بىر يىللىق ئەسەر يېزىش توختامى ئىمزالىدى . بۇنىڭ بىلەن كەسپىي يازغۇچىلىق تۇزۈلمىسى ئاياغلاشتى .
يازغۇچىلار توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن ، توختامدا ئېيتىلغان تەلەپ بويىچە ( خەت سانى ئۆلچەم قىلىنىدۇ ) ئەسەر يازىدۇ . بىر يىللىق ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئەھۋالىغا قاراپ يەنە قايتا تەكلىپ قىلىنىدۇ .
ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى :« بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىزدا كەسپىي يازغۇچى تۈزۈمى يولغا قويولغان بولۇپ ، ب ئىسلاھات قەدىمىگە تازا ماس كەلمىدى. شۇڭا يازغۇچىلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ توختاملىشىش تۇزۇمىنى يولغا قويدۇق . بۇنداق بولغاندا ياش يازغۇچىلارنى بايقاپ ، ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا ئىلھام بەرگىلى بولىدىكەن .
توختاملاشقان يازغۇچىلار بىردەك مۇنداق دېيىشتى :« بۈگۈندىن باشلاپ بىزدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى . بىز توختامدا ئېيتىلغان ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشمىز ». 18 يازغۇچى ئىچىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلار مۇھەممەت باغراش ، ياسىنجان سادىق ، ئەختەم ئۆمەر ، مۇختەر بۇغرا ( شائىرى ) ، پەرھات ئىلىياس ، دىلمۇرات ( ئەدەبىي تەرجىمان ) دىن ئىبارەت .مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىت
[ بۇ يازما ajrim تەرپىدىن 2008-03-05 11:11 دە قايتا ]