ئولىمپىك مەزگىلىدە مۈشۈكئېيىقلارمۇ بېيجىڭغا يىغىلماقچى
2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە كەلگەن مېھمانلارنىڭ قىزىقىش نۇقتىسى نوقۇل تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگىلا قارىتىلمايدۇ . گۈزەل - تاغ - باغلىرىنى ، ئىمارەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن نەرسىنى كۆرۈۋېلىشقا ، بىلىۋېلىشقا ، ئاددىيسى بۇ ئارقىلىق كۆزىنى ئېچىۋېلىشقا ئالدىرايدۇ ، ئەلۋەتتە .
مۈشۈكئېيىق دۆلىتىمىزنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك قوغدىلىدىغان ھايۋىنى بولغاچقا ، بېيجىڭ ھايۋانات باغچىسى ئەسلى بار بولغان چوڭ مۈشۈكئېيىق بىلەن بىللە تۇرىدىغانغا يەنە بىر قانچە قېرىندىشىنى سىچۈەن ئۆلكىسىدىن ئەكەلدۈرمەكچى ھەمدە كۆرگەزمە زالىنى قايتا قۇرۇپ ، بۇ 10 نەچچە مۈشۈكئېيىقنى ئازادە ئۆي بىلەن تەمىنلىمەكچى ئىكەن .ئولىمپىك خاتىرە بۇيۇملىرىنىڭ بازىرى چىقماقتا
يېقىندا مۇخبىر شەھىرىمىزدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك تاۋارلارنى سېتىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ، ئولىمپىك خاتىرە بۇيۇملىرىنىڭ بازىر چىقىۋاتقانلىقىنى بايقىدى .
مۇخبىر ئۈرۈمچى « ۋاڭفۇجىڭ » تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىنىڭ ئولىمپىك خاتىرە بۇيۇملىرىنى مەخسۇس سېتىش پەشتاختىسىغا ئولىمپىك خاتىرە تەڭگىسى ، ئولىمپىك خاتىرە كارتىسى ، پوچتا ماركىسى قاتارلىق تاۋارلارنىڭ تىزىپ قويۇلغانلىقىنى ، بەش ئولىمپىك قۇت قونچىقىغا 318 يۈەن ، ئالتۇن يالىتىلغان پوچتا ماركىسىغا 998 يۈەن باھا قويۇلغانلىقىنى كۆردى . بۇ پەشتاختىغا مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، يېڭى يىل كىرىشى بىلەن شەھىرىمىزدە ئولىمپىك خاتىرە بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىدىغانلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن . ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كونا خېرىدارلار بولۇپ ، بەزىلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك بۇ يەگە كېلىپ يېڭى خاتىرە بۇيۇملىرىنىڭ بازارغا سېلىنغان - سېلىنمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىكەن . نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچى ئولىمپىك خاتىرە بۇيۇملىرىنى ساقلاشنى يېڭىچە سەرمايە يۈرۈشتۈرۈش شەكلى قىلىشنى ئويلاشقان . جۇڭگو كوماندىسى 49- نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ كوللىكتىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنىڭ غەلبىسىنى قوغلا كەلتۈردى
« سىنا تەنتەربىيىسى » نىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا ، 49 - نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسنىڭ كوللېكتىپ مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 2- مارت ئاياغلاشقان . دۇنيا رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغان ۋاڭ خاۋ ، مالىن ، ۋاڭ لىچىندىن تەركىپ تاپقان جۇڭگو كوماندىسى ئەلەرنىڭ كوللېكتىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 0 گە قارشى 3 نەتىچە بىلەن كورىيە كوماندىسىنى يېڭىپ ، « سۋايتلىنگ » نى 16 قېتىم ئېگىز كۆتۈرگەن .
كورىيە كوماندىسى 2- لىككە ، جۇڭگو شياڭگاڭ كوماندىسى ، بىلەن ياپونىيە كوماندىسى 3- لىككە ئېرىشكەن . بېيجىڭ ۋاقتى 1- مارت جۇڭگو ئاياللار تىكتاك توپ كوماندىسى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن سىنگاپور كوماندىسىنى يېڭىپ ، دۇنيا ئاياللار كوللېكتىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا 8- قېتىم ئېرىشكەن . بۇ جۇڭگو ئاياللار كوماندىسىنىڭ « كاۋبىلۇن لوڭقىسى » غا 17 - قېتىم ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ . مەنبە :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى