جەمئىيىتىمىز تەرەققىي قىلىپ ۋاھالەن بۇگۈنگە كەلگەندە ، بىرقىسىم ياشلىرىمىز ئارىسىدا پۇتۈن پەسكەشلىكنىڭ تۇپ يېلتىزى بولغان<مەيخورلۇق> دىن ئېبارەت بىر پارازىت كىسەللىك ئەۋىج ئېلىۋاتقان مۇشۇ شارائىتتا تۆۋەندىكى شىئېر ھەر بىرىمىزنى ئويغا سالسا ئەجەپ ئەمەس!
نومۇس قىلغىن ئۆزۈڭدىن دوستۇم
مەھمۇتجان مۇھەممەتتۇرسۇن ناسىرى
مەي ئىچىپ سەن كوچا - قاۋاقتا،
يۈرگۈنۈڭدە دەسسەپ ساياقتا.
ئاتاڭ ئىزلەپ يۈرەر ھەر ياقتا،
نومۇس قىلغىن ئۆزۈڭدىن دوستۇم.
ئاناڭ مەزلۇم تارتىپ دەردىڭنى ،
باقتى سېنىڭ ئەگمەي قەددىڭنى.
ئۇنۇتمىغىن جەمەت-جەتتىڭنى،
نومۇس قىلغىن ئۆزۈڭدىن دوستۇم.
جاۋابىڭمۇ باققان ھەققىگە،
ئولتۇرغىنىڭ <<مەسىت>>لىك تەختىگە.
ۋاپا قىلماق زۆرۈر ئەھدىگە،
نومۇس قىلغىن ئۆزۈڭدىن دوستۇم.
سەن بىپەرۋا، ئۇلار نومۇسچان،
سەن كەيىپۋاز، ئۇلاردۇر ئىشچان.
نومۇس ئۈچۈن قىينىلار بۇجان،
نومۇس قىلغىن ئۆزۈڭدىن دوستۇم.
<<دوسىت ئېيتىدۇ ئاغرىتىپ>>شۇنداق،
<<رەقىبىڭ خۇش دەپ تۇرار>>شۇنداق.
مەن ئېيتىمەن ئاڭلىتىپ شۇنداق،
نومۇس قىلغىن ئۆزۈڭدىن دوستۇم.
يېزىلدى: 2006-يىلى 11-ئاي شەھرى قەشقەر.
[ بۇ يازما manggutax تەرپىدىن 2008-03-05 13:19 دە قا ]