بۇ ياش تىۋىپ راستىنلا ئەۋلىيا ئىكەن
«زىيارەت خاتىرسى »
(گور ئىغىزىغا بارغان بىمارلارغا شىپالىق قولىنى سوزغان تىۋىپنى ئەسلەش)
مەن يەكشەنبە بىر كۈنلۈك دەم ئىلىشىمدىن پايدىلىنىپ ماشىنامنى ھەيدەپ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يىزام ئۈستۈن ئاتۇش يىزىسىغا يول ئالدىم، مەن يىزىغا چىقىپ 80 ياشقا يىقىنلىشىپ قالغان ھەم سالامەتلىگى تازا ياخشى بولماي يىزا دۇختۇرخانىسىدىن ئالدىنقى كۈنى چىققان بىر دىھقان ھەم بوۋايغا ئايلىنىپ قالغان دادامنىڭ بىر قىتىم سالامەتلىگىنى تەكشۇرتۈش ئىدى، مەن يولدا كىتىۋىتىپ دادامنى ئوبدانراق بىر دوختۇرخانا ياكى مىللى تىبابەت دوختۇرىغا كۆرسىتىپ بىقىشنى ئاللابۇرۇن كۆڭلىمگە پۈكۈلگەن ئىدى، چۇنكى دادامنى 10يىل بۇرۇن جىگەردە قاپلىق ژىرىڭ كىسىلى بىلەن ئاپتونۇم رايونلۇق ئۆسمە كىسەللىك دوختۇرخانىسىگە ئاپىرىپ ئوپىراتسىيە قىلغاندىن كىيىن جىگەرنىڭ خىزمىتى تازا ياخشى بولماي، شۇ سەۋەپتىن قان ئازلاپ ئىچكەن قۇۋەتلىك دورىللىرى ۋە تائاملىرى مەنپەت قىلمىغاندى، مىنىڭ خىيال دەريالىرىم، ئۆزەم خىلى بۇرۇن ئوبدان بىلىدىغان، قەشقەر شەھرىدە خىلى داڭقى چىققان، «زىبىر ئابلىمىت» دىگەن ياش تىۋىپنى ئەسلىتىپ قويدى، مەندە مۇشۇ باھانە سەۋەپ بىلەن ئۇنى ئىزدەش ھەمدە زىيارەت قىلىش ئىستىگى قوزغىلىپ قالدى.
مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىنى تۆت يىل بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ تىۋىپلىكتىكى داڭقى خىلى چوڭ ئىدى، مەن دەرھال ماشىنامنى توختاتتىمدە، قەشقەردىكى مۇتىللا ئىسىملىك ساۋاقدىشىمدىن ياش تېۋىپ «زىبىر ئابلىمىت»نىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى سورۇدۇم ، ئۇ ماڭا ئۇنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرىنى تەنتىرمەيلا ئىيتىپ بەردى، مەن دەرھال زىبىر ئابلىمىتقا تىلفۇن ئۇردۇم، ئۇ مىنى ئېسىگە ئالدىدە دادامنى قەشقەر شەھرىگە ئىلىپ كىرشىمنى ئىيىتتى، مەن ئۇدۇل ئۆيگە چىقىپ دادامنى ماشىنامغا ئىلىپ قەشقەر شەھرىگە يۈرۈپ كەتتىم.
مەن دادامنى قەشقەر ۋىلايەتلىك مالىيە سودا مەكتىۋى ئالدىدىكى مەخسۇس كىسەل كۆرسۇتۇش ئورنى بار «زىبىر ئابلىمىت»نىڭ دۇككىنىغا ئاپاردىم، ئۇ دۇككاندا بار بولۇپ قىزغىن سەمىمى سالاملاشتۇق، كىرىپلا ئۇنىڭ دۇكىنى ئىچىگە كۆزۇم چۇشتى، بۇ دۇككان ئۈچ ئېغىزلىق بولۇپ، يول بويىدىكى چوڭ ئۆيگە پۇكەي ئورۇنلاشقان پۇكەي بىشىدا خۇددى كىچىك بىر چامدانغا ئوخشايدىغان سايمان ئوچۇق ھالاتتە تۇراتتى، بۇنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى بۇ بىر كىسەل تەكشۇرۇش سايمىنى ئىكەنلىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولاتتى، پۇكەي ئىچىدە رەت- رەت ئالدىغا قارتىپ تىزىلغان مىللى پۇراقلىق دورىلار، پۇكەي ئالدىدىكى چىرايلىق رەتلىك كۆك رەڭلىك كومزەكلەر، ئۇنىڭ ئىچىدىكى خۇددى چىلىغان ھاراققا ئوخشاش قىزغۇچ رەڭ، ۋە يىلان، چايان، كىلەي، كەسلەنچۈك ۋە باشقا ئۇششاق بىر مۇنچە جانۋارلار كۆرىنىپ تۇراتتى، ئىچىدىكى بىر كىچىك ئۆيدە چىرايلىققىنا بىر كارۋات ۋە يەنە بىر خەت يىزىش ئۈستىلىنى كۆرگىلى بولاتتى،يان تەرپىدىكى كىچىككىنە بىر ئۆيدە دورىلارنى مەلھەم قىلىپ ئېزىدىغان بىر ماشىنا بارلىقىنى ۋە مەخسۇس بىر شاگىرتنىڭ توختىماستىن بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىغا كۆزۈم چۈشتى.
پۇكەي ئىچىدىكى بۇ ياش تېۋىپ، كەلگەن بىمارلارغا ناھايىتى تەمكىن ھالدا ئەتىراپلىق دورىلارنى چۈشەندۈرەتتى، تىۋىپنىڭ پاقىراق يۈزلىرى، ئەپچىللىك بىلەن دورىلارنى خالتىغا سىلىپ ئورىشى، راستچىل سەمىمى سۆزلىرى، بىمارلارغا قارىشى، مەردانە قىياپىتى، ئۇنىڭ تىۋېپلىق دۇختۇر سالاھىيىتىگە تولىمۇ ماس كالگەن ئىدى.
مىنىڭ دۇككانغا كىرىپ تۇرۇشۇم بىلەن ئۇ قايسى بىر ياقلاردىن كەلگەن تۆت خىرىدارنى يولغا سالدىدە، دادامنى ئالدىغا چاقرىپ پۇكەي ئالدىدىكى چامدانغا ئوخشاش سايمىنىدا دادامنى ئوڭ قولىنى سايماننىڭ بىر تەرپىگە باستۇردى، سول قولىنى ئالقاننى ئىچىپ ئىككى قىزىل سىمدا توكتا زەرەتلەندۇرۇپ تەكشۇرۇش ئىلىپ باردى ۋە ئىلگىرى دۇختۇرخانىلاردا تەكشۇرگەندەك، جىگەرنىڭ خىزمىتى ئاجىزلىقنى، شۇ سەۋەپتىن قان ئىشلەپچقىرش ئاجىز بولۇۋاتقان ۋە باشقا ئۇششاق كىسەللەرنى ئېيتىپ بەردى ۋە ماڭا بىر دەپتەردىكى تەشەككۇرنامىنى ئوقۇپ بىقىش ئۇچۈن كۆرسەتتى، مەن قارىسام بۇ دەپتەر پۇتۇنلەي تەشەككۇرنامە بىلەن توشۇپ كىتىپتۇ،ئۇ كۆرسەتكەن بىر بەت تەشەككۇرنامىنى ئوقۇسام، قەشقەر ۋىلايەت تۇققۇزاق ناھىيە بەشكىرەم يىزسىدىن بىر ئايالنىڭ، خۇددى دادامدەكلا كىسەل بولۇپ، قان ئازلاپ كەتكەندە جىگەرنىڭ خىزمىتىنى «زىبر تېۋىپ»نىڭ داۋالىشى بىلەن ئالاھىدە ساقىيىپ كەتكەنلىگىنى دەپ زور تەشەككۇر ۋە رەھمەت ئىيتقان سۆزلەرنى ئوقۇدۇم، ئۇ دادامغا خىلى ئوبدان قىلىپ بىركىچىك خالتىغا سىلىپ 500 گىراملىق ئوراپ دورا ياساپ ئىچىش ئۇسۇلنى ئېيتىپ بەردى.
مەن ئۇنىڭ بىلەن ئازارق پاراڭلاشقاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا زىيارەت قىلىشىمنى ئىيىتسام، ئۇ مىنى «سەن بىر مۇخبىرمىتتىڭ، مېنى ئىزدەپ شىمالى شىنجاڭ، جەنۇبى شىنجاڭ ھەتتا قۇمۇل، تۇرپان، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن بىمارلار كىلىپ تەكشۇرتىۋاتىدۇ، ھاجىتى يوق، ساڭا مۇناسىۋەتلىك كىسەل بولسا ئىلىپ كەل، مەن دەرھاللا تەكشۇرۇپ قويىمەن، كىسىلى ساقايغىدەك دورا بىرىمەن» دەپ تۇرۋالدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قىتىم سۆزلىشىپ ئۇنى قايىل قىلدىم.
مەن ئۇنىڭ قانداق قىلپ تىۋىپ بولۇپ قالغانلىقىنى تەپسىلى سورۇدۇم، ئۇ ماڭا خىلى كۆپ جەريانلارنى ئىيتىپ بەردى.
ئۇ سۆزنى باشلىدى «مەن قىزىلسۇ تىخنىك ئىشچىلار مەكتىۋىنىڭ ئاشپەزلىك كەسپىنى پۇتۇرگەندىن كىيىن، قەشقەر ۋىلايەت دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىدە ئاشپەزلىك قىلدىم، مىنڭ ئاشپەزلىكتە قاتتىق داڭقىم چىقىپ چوڭ سورۇنلارغا ئانچە مۇنچە تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىدىم، شۇ چاغلاردا دادام 1929-يىلى باشقىلاردىن 50 تاغار قوناققا سىتىۋالغان بىر دانا كىتاۋى بولۇپ، بۇ كىتاپ مەندە ئىدى، بۇ كىتاپنىڭ قانداق كىتاپلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم، بىر كۈنى ئويلىنىپ بۇ كىتاپنىڭ تارىخى خىلى چوڭ تۇرۇدۇ، بۇ كىتاپنى كىم ئوقۇيالايدىغاندۇ دەپ ھىشقانداق ئادەمگە ئوقۇتالمىدىم، يەنە كونا پىشقەدەم بىلىملىك كىشلەرنى تىپىپ ئوقۇتاي دەپ ئوردا ئالدىدا يۈز تاپقان 76ياشلىق بىر كىشىگە ئوقۇتۇپ باقسام، بۇ كىشى «بۇ كىتاپتا تىبابەتتىكى رىتسىپلار يىزىلىپتۇ، بۇ كىتاپتا مۇھەممەت پەيغەمبەر ياشىغان دەۋىر ئالدىدا ياشىغان، لوقمان ھەكىمنىڭ كېسەل كۆرۈش ۋە داۋالاش ئۇسۇلى يىزىلىپتۇ، لوقمان ھەكىم شۇ زاماندا مىڭ ياشقا كىرگەن ئادەم، ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن كىيىن تىبابەت ساھەسىدە ھەممىسى لوقمان ھەكىمنىڭ كىسەل داۋلىشى رىتسىپى ئارقىلىق تارالغان، بۇ كىتاپنىڭ يىزىلغىنىغا 1200يىل بوپتۇ، بۇ خەت نۇسخا كونا ئۇيغۇر يىزىقىدا يىزىلىپتۇ، مەنمۇ كۆپ خەتلەرنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، سەن بۇ كىتاپتىكى ھەرپلەرنى ئۈگەنسەڭ مۇشۇ كىتاپنىڭ سىرىنى يىشەلەيسەن، ساڭا ئاللا بىر خىسلەت بىرىپتۇ ئوغۇلۇم ، بۇ كىتاپ بىر بىباھا گۆھەركەن» سەن بۇ گۆھەردىن ئوبدان پايدىلان دىگەنلىگىنى دىدى.
مەن ئۇنىڭدىن: شۇ كىتاپ بارمۇ؟ مەن كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟ دەپ سورىسام تىۋېپ «زىبىر ئابلىمىت» كىتاپنى مىنىڭ قولۇمغا ئىلىپ بەردى، بۇ كىتاپ ئادەەتتە بىز ئشلىتىدىغان خاتىرە دەپتەرچىلىك چوڭلۇقتا بولۇپ، رەڭگى شۇنداق سارغىيىپ كىتىپتۇ، تېشىمۇ يىرتىلىپ بەزى يەرلىرى پۇلۇشۇپ كىتىپتۇ خۇددى كونا قەدىمىي كىتاپقا ئوخشايدۇ.
مەن ئۇنىڭغا سەن بۇ كىتاپنى چۈشەنگەندىن كىيىن قانداق قىلدىڭ دەپ سورىدىم.
ئۇ يەنىلا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى «مەن بۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى يىشىش ئۈچۇن مەخسىۇس تىل تەربىيلەش مەرگىزدە ئالتە ئاي كونا ئۇيغۇر يىزىقىنى ئۆگەندىم، ھەم بۇ كىتاپنى ئوقۇپ تەرجىمە قىلالايدىغان بولدۇم، بۇ كىتاپتا ئادەمنىڭ قايسى يىرى ئاغرىسا شۇ يىرىنى داۋالاش، دورا رىتسىپى يىزىلغانكەن، ھەر قانداق كىسەلنى داۋالاش، مىللى تىبابەت بويىچە داۋالاشقا بولدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتاپتىكى رىتسىپقا قاراپ، ئۆزەم ئاشپەزلىكتە خىلى چاققان بولغاچقا رىتسىپنى ئەپچللىك بىلەن ياساپ كەتتىم، ھەمدە مۇشۇ رىتسىپ بويىچە ئۈچ - تۆت يىل تۇققانلارنى ۋە بەزى ماڭا مۇناسىۋەتلىك كىسەللەرنى داۋالاپ باقسام ئۈنىمى ناھايىتى ياخشى بولدى، بەزى ساقايماي كىلىۋاتقان كاناي ياللۇغى كىسىلى بار بىمارلار، گىمروي كىسىلى، ئاق كىسەللەر ساقىيىپلا كەتتى، ھەتتا مەن ئۆمرىدە پەرزەنت كۆرمىگەن ھەم ھىيىز كۆرمىگەن دەپ پەرزەنتلىك بولۇشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن 37 ياشلىق قەشقەر يىڭى شەھەرلىك بىر ئايالنى داۋالىدىم،پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۇن ئالدى بىلەن شۇ ئايال ھېيىز كۆرۈش كىرەكتە، مەن ئۇنىڭ كىسىلىنى مۇشۇ كىتاپ بويىچە داۋالىدىم، شۇ سەۋەپتىن بۇ ئايال پەرزەنتلىك بولۇپ قالدى، پەرزەنت كۆرۇپ خۇشاللانغان بۇ ئەر خوتۇن پەرزەنتىنى ئىلىپ كىلپ ماڭا كۆپ ھەشقاللا ئىيتىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىمارلارنىڭ ئىغىزدىن ئىغىزغا مىنىڭ كىسەل داۋالىشىمنى تەشۋىق قىلىشى، مەن داۋالىغان بىمارلارنىڭ كىسىلىنىڭ ئۈزىل كىسىل ساقىيىشى بىلەن بىزنىڭ ئۆيدىن بىمار ئۈزۈلمەيدىغان بولۇپ قالدى ،مەن بىمارلارنى ساقايتىشقا ئىشەنچ باغلاپ،تىخىمۇ تىبابەتچىلىك جەھەتتە زور بىلىمگە ئىرشىش، نەزىريە بىلەن ئەمىليەتنى بىرلەشتۇرۇش ئۈچۈن خوتەن مىللى تىبابەت مەكتىۋىدە ئۈچ يىل بىلىم ئاشۇردۇم،ۋە دوختۇرلۇق گۇۋانامىسىنى ئالدىم،شۇندىن كىيىن مەن بۇ كىتاپتىكى بويىچە 1989-يىلدىن باشلاپ رەسمى ئوچۇق ئاشكارە كىسەل داۋالىدىم،ھازىر مەن «ب» تىپلىق جىگەر كىسىلى،كالا تەمرەتكە،ئاق كىسەل،بۆرەكتىكى تاشنى ئۇزىل كىسىل چۈشۇرۇش،بۆرەك پىرلەشمىسى،مەزى بىزى،قان قويۇق، قان ئازلىق ،ئىغىر گىمرۇي،ئۇزۇن يىللىق ساقايمىغان كاناي ياللۇغى،يۇرەككە قان يىتىشمەسلىك،ئۈچەي ياللۇغى،ئاستا ۋە تىز خاراكتىرلىك رىماتىزىم،قەن سىيىش كىسىلى،باش تىقىلىپ ئاغرىش،كۆزنىڭ نۇرى خۇنىكلىشىش،بەل پۇت ئومۇرۇتقا ئاغرىش، ئەر ئاياللاردىكى تۇغماسلىق،ئاياللاردا ھىيىز كۆرمەسلىك،ھەتتا راك كىسىلىگە قىلغان دوراممۇ ئاجايىپ ئۈنىم بەردى،ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بەزى خەنزۇ قىرىندالاشلار، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەر مىللەت رەھبەرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى، يەنە چەتئەللەردىنمۇ بەزى بىمارلار كىلىپ ساقىيىپ كەتتى، مەسلەن: قىرغىزىستان، تاجىگىستان، قازاغىستان، ئۆزبىگىستان، ياپونىيە، مالايشىيا، ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق بىمارلارنى ساقايتىپ ئۇلارنىڭ رەخمىتىگە ئىرىشتىم، مەندە ساقايغان بەزى ئايال بىمارلارنىڭ كىسەللىك مەخپىيتلىگىنى ساقلىمىساممۇ بولمايدۇ، يەنە بەزى بىمارلارغا، كىسىلىنى ساقايتقۇچى تىلفۇن ئۇرۇپ ئۆزنىڭ كىسىلىنىڭ قانداق ساقايغانلىغىنى سوراپ باقسىمۇ بولىدۇ، مەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى بار، بۇجەھەتتە سۆزلىسەم گەپ تۈگىمەيدۇ، ماڭا ھازىر 2500دىن ئارتۇق بىمارنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خۇشاللىق تەشەككۇرنامىسى بار. بۇ كىتاپنى مەلۇم ئادەملەر 500 مىڭ يۇئەنگە سىتىپ بىرشىمنىمۇ ئېيتتى، يەنە مىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك مىللى تىبابەت دۇختۇرخانىسىگە ئىلىپ چىقىپ كىتىپ، تەكلىپ بىلەن ئالاھىدە مائاش ۋە تەمىناتتىن بەھرىمان قىلىدىغان قىلىپ ئىشلىشىمگە مىنى ئىزلەپ ئادەم كەلدى، لىكىن مەن قوشۇلمىدىم » دەپ گىپىنى ئاخرلاشتۇردى.
مەن يەنە ئۇنىڭغا: سىنىڭ كىتاپتىكى رىتسىپىڭ نەدىن تىپىلىدۇ؟ دەپ سورىسام ئۇ يەنە جاۋاپ بەردى «بۇ كىتاپتىكى رىتسىپ مۇشۇ كائىناتتا ھەممىسى تىپىلىدۇ، مەسلەن: مەن كىرپە دىگەن بىر كىچىك ھايۋان بار، ئاشۇ ھايۋاننى ھەر ھەپتىدە 7-8 نى ئالىمەن، چايان دەيمىز، يىلان دەيمىز، تۇرلۇك گۇل- گىيا ئوت-چۆپ دەيمىز، توشقان دەيمىز، كەسلەنچۇك دەيمىز، ئىپار، دىگەندەك تۈرلۈك -تۈرلۈك نەرسىلەر بار، ئاشۇ نەرسىنى تىپىپ رىتسىپ بويىچە ياسايمەن» دەپ جاۋاپ بەردى.
مەن ئۇنىڭدىن: بۇ دورىلارنى باھاسى جەھەتتە گەپ باشلىدىم، ئۇ ماڭا «دورا باھاسى بەك قىممەت ئەمەس، بىمار كۆڭلىدىن چىقىرىپمۇ بىرىدۇ، مەن ئارتۇق تالاشمايمەن، بەك قىيىنچىلىقى بارلاردىن بولۇپمۇ ياشانغان، مىيىپ ئاجىزلاردىن ئىختىساد جەھەتتە قىيىنچىلىق تارتقانلاردىن پۇلمۇ ئالمايمەن، پەقەت شۇ بىمار مەندىن خوش بوپ قالسىلا بولىدۇ. بۇ مىنىڭ خۇشاللىقىم، مەن ھەر كۈنى ئەللىك-ئاتمىش ئەتىراپىدا ھاجەتمەنلەرنى يولغا سالىمەن» دىدى.
ئۇ ئاخردا سېنىمۇ تەكشۇرۇپ قوياي دەپ مىنى تەكلىپ قىلدى، بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن ج خ ئىدارىسى پۇتۇن ساقچىلارنى قۇرۇقلۇق ئارمىيە 12-دوختۇرخانا دا تەكشۇرتكەن چاغدا مەندە جىگەردە ماي ماددىسى كۆرەلگەندىن باشقا كىسەل يوق دىگەن، لىكىن مەن ئۆزەمدە بەزى بىر كىسەللەرنىڭ بارلىقىنى بىلەتتىم،زىبىر «تىۋىپ» مىنى تەكشۇرۇپ بولۇپ، سەندە جىگەردە ماي بار، ئاستا خاراكتىرلىك رىماتىزىم، ئۈچەي ياللۇغى، كۆزنىڭ نۇرى سەل خۇنىكلىشىش، بەل ئۇمۇرتقىسى ئاغرىش، چەنلىشەن، يەنە ئازراق مەزى بىزى ئىششىق قاتارلىق كىسەللەرنىڭ بارلىغىنى ئىيتتى ۋە بۇ كىسەللەر چوڭ مەسىلە ئەمەس پەقەت بالدۇر دورا يىسىڭلا ساقىيىپ كىتىسەن دەپ ماڭىمۇ ئالاھىدە دورا ياساپ بەردى، بۇ تىۋىپ مىنىڭمۇ كىسىلىمنى ئەينى بويىچە راسىتلا دىئاگۇنىز قويدى ھەم شو بويىچە داۋالاپ قويدى.
مەن ئۇنىڭ بىلەن زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن يولۇمغا راۋان بولدۇم، مانا بۈگۈن دىجۇرنىلىكتە تۇرۇپ كومپيۇتېر ئالدىدا تۇرۇپتىمەن، ئۆزى ئەمدىلا 45 ياشنىڭ قارسىنى ئالغان بۇ ياش تېۋىپنىڭ بۇ ناننى يىيىش ئۈچۈن خىلى جاپا چەككەنلىگىنى، بارلىغىنى بىمار ئۇچۇن ئاتىۋەتكەن ئىرادىسىگە ھەقىقەتەن قايىل بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىردا ۋەتەننىڭ بىرلىگنى، دۆلەتنىڭ مۇقىملىغىنى، خەلقنىڭ ھاياتى مال - مۇلكى ۋە ھوقوقىنى جان تىكىپ قوغداۋاتقان قورقماس باتۇر خەلق ساقچىللىرىمىزنىڭ، ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانا قىرىنداشلىرنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى، يىقىن دوسلىرىنىڭ ۋە بارلىق قىرىنداشلىرىمىزنىڭ، ۋە خەلقىمىزنىڭ بىشىغا ئاغرىق كەلگەندە بۇنداق ئەۋلىيالاردىن قىلىشمايدىغان ياش تىۋىپ دوختۇرلارنى ئىزلەپ، تەن ساقلىقنى ئاسراپ، ئائىلىنىڭ ۋە خىزمەتنىڭ خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمان قىلىش، مەقسىتىدە بۇ تېمامنى مەخسۇس <دىيارىم> دايوللىدىم. كىم بولۇشتىن قەتىئي نەزەر بىشىغا قىسمەت كەلگەندە ياش تىۋىپ دوختۇر «زىبىر ئابلىمىت» بىلەن تىلفۇندا ئالاقە قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي كارامىتىنى سىناپ باقسا بولىدۇ.
يەنىلا كونىلار ئىيىتقاندەك، مىڭ ئاڭلىغاندىن، بىر كۆرگەن ئەلا.
تەن ساقلىق --- زور بايلىق دېمەكتۇر~!
زىبىر ئابلىمىتنىڭ دۇككىنى تىلفۇنى نۇمىرى: 0998-8888836.
يانفۇنى نۇمىرى: 13070040026
ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق نادىرلاندى، يەنە 30 كۈندىن كېيىن نادىرلىقتىن قالدۇرىلىدۇ.
شۇڭا، كەڭ تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.[ بۇ يازما manggutax تەرپىدىن 2008-03-13 14:25 دە قا ]