ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش ھەققىدە بىزگە قالدۇغان ئەنئەنىلىرى
نۆۋەتتە مۇھىت بۇلغۇنىشىدىن خالىي بولغان، يېشىللىققا پۈركەنگەن پاكىز ماكان قۇرۇش بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى. دۆلىتىمىزمۇ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئىقتىساد بىلەن مۇھىتنى ماسلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. مۇھىت ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلۈش، يېشىللىقنى قوغداش جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر بىر مۇقەددەس مەجبۇريىتى بولۇپ قالدى. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بىزنىڭ ئاتا- بۇۋىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا ئۆزىگە ئېھتىياجلىق بولغان، مەنپەئەت بەرگەن شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاسراپ ۋە قەدىرلەپ كەلگەن، بولۇپمۇ نۇرغۇنلىغان تەبىئەت ئامىللىرىنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئۆزلىرىنىڭ بەخىت نىشانى قىلىپ، ئۇلۇغلاپ كەلگەن ۋە شۇ ئاساستا بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان مۇھىت ئېڭىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەپسۇسكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىز مۇھىت ئاسراشنى زور كۈچ بىلەن تەكىتلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بەزى كىشىلىرىمىز، بولۇپمۇ بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش توغرىسىدا بىزگە قالدۇرغان شۇنداق ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاشنىڭ ئورنىغا ئۆزىگە كىلىدىغان ئازغىنە قولايلىقنى ياكى كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك ھەرىكەتلەردە بولىۋاتىدۇ.
مۇھىت، ئېتىقاد ۋە بىلىش چۈشەنچىلىرىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئەجدادلىرىمىز ئەڭ ئاۋۋال تەبىئەتنىڭ قاراۋۇلى، ھاياتلىقنىڭ سېپىلى بولغان ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاسراش نىشانى قىلىپ كەلگەن. بىزدە ‹‹يۇرت كۆكەرسە ئەل كۆكىرەر››، ‹‹بېغى بارنىڭ تېغى بار››، ‹‹بېغى يوق دېھقان ياخشى دېھقان ئەمەس››، ‹‹كۆچەتلەرنى سۇندۇرسا قولى تۇتماس بولۇپ قالىدۇ›› دېگەنگە ئوخشاش ئۆسۈملۈك، دەل- دەرەخلەرنى ئاسراشقا دائىر ماقال- تەمسىل ۋە پەرھىزلىك قاراشلار خېلى كەڭ تارقالغان. ئۇيغۇرلاردا ‹‹ئېرىق چاپقاندا تىرەك، تۈگمەن چاپقاندا سۆگەت قويۇش (يەنى تىكىش)››، ئۆيىنىڭ ئالدىغا ھويلا، كەينىگە باغ ئەھيا قىلىش، قورۇسىنىڭ ئالدى ۋە ئۈستىنى تال، كاۋا، قاپاق، ھەشقىپىچەك بىلەن كۆركەملەشتۈرۈش ئادەتلىرى ئومۇملاشقان. ئۇيغۇرلار كۆچەت تىككەندە يالغۇز ئۆزىلا پايدىلىنىشنى ۋە ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېيىش- يېمەسلىكنى ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ. بەلكى ئۆتكەن- كەچكەنلەر سايىدىسۇن، بەھىر ئالسۇن... دەپ ئېرىق- ئۆستەڭ، يول بويلىرىغا خالىس كۆچەت تىكىپ ئادەتلەنگەن. ئەجدادلىرىمىز نەگە ماكانلاشماقچى بولسا، ئاۋۋال شۇيەرنىڭ ئۆپچۆرىسىگە كۆچەت تىككەن، ئالاھىدە زۆرۈرىيەت بولمىغاندا، ئۆسىۋاتقان دەرەخنى كەسمىگەن، سۇندۇرمىغان، ھايۋانلارغا غاجىلاتقۇزمىغان. شۇ سەۋەپتىن شىنجاڭنىڭ مېۋە- چىۋە ماكانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس.
ئەجدادلىرىمىز يەنە خالىغان يەرگە چوڭ- كىچىك تەرەت قىلىش، ئۆي ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا گېلىنى قىرىپ، بەلغەم تۈكۈرۈشنى، مىشقىرىشلارنى ئەخلاقسىزلىق، تاماق ۋاقتىدا ئېغىزىنى ئېچىپ چۈشكۈرۈش، چاچ تاراش ۋە باشقا قىلمىشلارنى ئەدەپسىزلىك دەپ قارايدۇ. ئاتا- بۇۋىلىرىمىز ئارىسىدا يەنە ‹‹يول پاكىز بولمىسا، ئۆي پاكىز بولمايدۇ›› دېگەن كۆز قاراش بولغاچقا، ئۇلار يولدىكى ئەخلەتلەرنى يۆتكىۋېتىشكە، يولدىكى تاش، تىكەن، شاخ- شۇمبا قاتارلىقلارنى ئېلىۋېتىشكە ئادەتلەنگەن. ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن ئايىغىنىڭ تېگىنى سۈرتۈش، ئايىغىنى سېلىۋېتىش، كېپىش (يەنى كالاچ) كىيىشكە ئادەتلەنگەن. كۈندىلىك تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى كىشىلەرنىڭ نەزىرى چۈشىدىغان يەرلەرگە دۆۋىلەپ قويۇشنى نۇمۇس دەپ بىلگەن. ئۇيغۇرلار يەنە ‹‹سۇغا ئەخلەت- يۇندىلارنى تۆكسە يامان بولىدۇ›› دېگەن قاراش بويىچە ئاقىدىغان ھەم ئادەملەر ئىچىدىغان سۇدا كىر ۋە باشقا نەرسىلەرنى يۇمايدۇ ۋە كىر سۇلىرىنى ئۇنىڭغا تۆكمەيدۇ... ئېرىق ئۆستەڭ، بۇلاق بېشى ۋە كۆل بويلىرىدا سۇغا چاچرىتىپ تاراھەت قىلمايدۇ. ‹‹سۇ بارچە مەخلۇقاتنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ››، ‹‹سۇ بۇلغانسا، تۇپراقمۇ ۋە تۇپراقتىكى زىرائەتلەرمۇ بۇلغىنىدۇ›› دېگەن ئەقىدە جەۋھەرلىرى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگىمۇ سۇنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، سۇنى تېجەش ۋە سۇنى بۇلغىماسلىق ھەققىدە تەربىيە قىلىپ كەلگەن.
ئەجدادلىرىمىز يەنە يەرنى قەدىرلەش ھەققىدە ‹‹ ئادەم ئۇلۇغ، يەر ئۇلۇغ›› ، ‹‹ يەر ئالتۇن قوزۇق›› دېگەندەك ئېسىل قاراشلارنى قالدۇرغان. ئاتا- بۇۋىلىرىمىز زېمىن دېمەك، ۋەتەن دېمەكتۇر، بىز دەسسەپ تۇرغان بۇ زېمىنغا بىزدىن ئىلگىركىلەرنىڭ قان- تەرى سىڭگەن، يەرلەر بۇلغانسا، دېھقانلار گادايلىشىدۇ، دېھقان نامراتلاشسا، بارچە ھاياتلىق زەئىپلىشىدۇ، زېمىننىڭ بېشىغا كەلگەن ھەر قانداق قىسمەت بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ كېلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدا بىزدىن كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار. كىمكى ئانا تۇپراقنى قەدىرلىمەيدىكەن، كۆزگە ئىلمايدىكەن، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزى خارلىقتا قالىدۇ، شۇڭا، تۇپراقنى قوغدىشىمىز ھەم گۈللەندۈرۈشىمىز لازىم، دەپ قاراپ كەلگەن ھەم ئەمەلىي ھەرىكىتىدىمۇ شۇنداق قىلغان.
ئۇيغۇرلار قەدىمدە بىر قىسىم ھايۋانلارنى تۇتېم قىلغان، ئۇلارنىڭ بەزى ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى ھايۋانلار بىلەن باغلىنىشلىق بولغاچقا، ئۇلاردا شۇ خىل ھايۋانلارنى قوغداش، ئاسراپ قىلىش ئادىتى تەدرىجىي شەكىللەنگەن. لېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىدە، ھەر قانداق تىرىك جانلىقنى بىھۇدە قىينىسا ياكى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭ قىساسى كېلىدۇ، ئۇۋالىغا قالىدۇ، دەيدىغان قاراشمۇ مەۋجۇت. شۇ سەۋەپتىن مەيلى ئىستېمال قىلىش، مەيلى ئىقتىسادقا ئىگە بولۇش ياكى باشقا ئېھتىياجلار يۈزىسىدىن بولسۇن، ھايۋانلارنى خالىغانچە تۇتۇشقا ۋە كۆپ مىقداردا ئوۋلاشقا ۋە ياكى ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ھايۋاننى ئاچ قويۇشقا، ئۇرۇپ قىيناشقا ئادەتلەنمىگەن. ئەجدادلىرىمىز ‹‹ ئۆيدە قارلىغاچ ئۇۋا سالسا، بۇ بەرىكەتنىڭ، سائادەتنىڭ بىشارىتى›› دەپ قاراپ قارلىغاچنى تۇتماسلىق، مۆشۈك ۋە مۆشۈك ياپىلاق چاشقان تۇتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرمەسلىك، ‹‹ سۈندۇكنى تۇتسا قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالىدۇ›› ، ‹‹ھۆپۈپنى تۇتسا قولى پۇرايدىغان بولۇپ قالىدۇ›› ، ‹‹ قۇشلارنىڭ تۇخۇمىنى ئوغرىلىسا، چېقىۋەتسە، يۈزىگە سەپكۈن چۈشۈپ قالىدۇ›› دېگەنگە ئوخشاش پەرھىزلىك قاراشلارنى شەكىللەندۈرگەن. ھەمدە بۇ ئارقىلىق بالىلارنىمۇ كىچىكىدىن باشلاپ قۇشلار ۋە باشقا ھايۋانلارنى ئاسراش ئېڭى بىلەن قوراللاندۇرۇپ كەلگەن.
دەرۋەقە، بىر مۆشۈك يىلىغا 2 مىڭدىن ئارتۇق چاشقاننى يەپ ئىككى توننىدىن كۆپرەك ئاشلىقنى ساقلاپ قالىدۇ، بىر مۆشۈك ياپىلاق بولسا يىلىغا 1 مىڭ 500دىن ئارتۇق چاشقاننى يوقىتىدۇ. قارلىغاچ موزايبېشى، مىتە قۇرۇت قاتارلىقلارنى يوقىتىدۇ. يەنى بىر قارلىغاچ يىلىغا ئون مىڭدىن ئارتۇق مىتە قۇرۇت ۋە موزايبېشىنى يەۋېتەلەيدۇ، سۇندۇك ۋە ھۆپۈپلەر چىرپاشكا، پاشا، يەر يولۋىسى قاتارلىقلارنى يوقىتىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ھوسۇلىنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق روللارنى ئوينايدۇ. قۇشلارنىڭ تۇخۇمىنى زىيانغا ئۇچرىتىش بولسا ئۇلارنىڭ نەسلىنى ئۈزۈپ قويۇش ياكى قۇرۇتۇش بىلەن باراۋەر. قىسقىسى، ئۇيغۇرلار، ئادەملەر بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدا ئەزەلدىن زىچ باغلىنىش مەۋجۇت، ھايۋانلارغا كەلگەن ھەر قانداق ئاپەت ۋە خەۋپ ئىنسانلارغىمۇ كېلىدۇ، ناۋادا ھايۋانلار ئۆلۈپ تۈگىسە، ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىيىتى يىگانىلىق تۈپەيلىدىن چۆلدەرەپ قالىدۇ، دەپ قاراپ ھايۋانلارنى ئاسرىغان.
ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا مۇھىت ئاسراش جەھەتتە شەكىللەندۈرگەن يۇقارقىدەك كۆز قاراش ۋە ئادەتلىرىنىڭ بەزىلىرىگە ئىستىخىيىلىك ئاڭ ھەتتاكى خۇراپىي قاراشلار سېڭىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى زامان كىشىلىرىمىز، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ ئىلمىي يوسۇندا قۇبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى مۇھىت ئاسراش ئەمەلىيىتىدە ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار تەبىئەت ئانىنىڭ شاپائىتى ۋە ئۆزىنىڭ ھىممىتى ئارقىلىقلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالايدۇ، دۇنيانىڭ ئەۋزەللىكىمۇ تەبىئەتنىڭ ساپ- تەبىئىيلىكى بىلەنلا نۇرانە چاقناپ تۇرىدۇ.مەنبە : شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى تورى