جېنىم تاتلىق
يېنىك تىندىم سېنى كۆرۈپ ۋۇجۇدۇم چۇلغىدى شادلىق ،
تۇرالمايتىم خۇشال بولماي تېتىك تۇرساڭ ئەجەپ جانلىق
پىراقنىڭ چۆللىرى بولماي تېتىك تۇرساڭ ئەجەپ جانلىق
ھاياجان ئىلكى ياش تۆكسەن كۈلۈپ كەتمە جېنىم تاتلىق .
بۈگۈننى تەڭ قىلالماسمەن چۈشەنسەڭ ھەممە بايرامغا ،
مۇقەددەس ئىزلىرىڭ چۈشكەن توزاننى ئىلاھىي تاغلارغا .
شەرەپ تۇرسا سۈزۈك مەڭزىڭ سۆيۈش ھەتتاكى سايرامغا
جامالىڭغا قاراپ قالسام كۈلۈپ كەتمە جېنىم تاتلىق .
ئىسىمدە كىرپىكىڭ نەيزە بولۇپ كۆكرەككە سانجىلغان ،
ساڭا خوش دەپمۇ ئۈلگۈرمەي يولۇڭدا مەن تاشقا ئايلانغان
مېنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ تىنچلىق مۇھەببەت ئىسيانى باشلانغان
سۆيۈملۈك نەۋ باھار پەسلىم تومۇز يازسىز قىشقا ئايلانغان
ئېزىپ قالسام چۈشۈڭدە گەر كۈلۈپ كەتمە جېنىم تاتلىق ...
مەنبە : قەلمىم
[ بۇ يازما ajrim تەرپىدىن 2008-03-24 16:34 دە قايتا ]