مەن تۆۋەندە جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ كىيىنىشى،مىللەت ئاتالغۇسى ۋە قۇت بەلگىسى قاتارلىقلارنى خەنزۇچە تور بەتلەردىن توپلاپ تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم،كۆرۈپ باققايسىلەر.
جۇڭگودىكى 6چوڭ مىللەت.俗称的中国五大民族
خەنزۇ بۇلارنىڭ نوپۇس ئومۇمى سانى بىر مىليارت يۈز مىليون بولۇپ،پۈتۈن جۇڭگو نوپۇسىنىڭ 92پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ.
ئۇيغۇر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 8مىليون390مىڭدىن كۆپرەك. شىنجاڭ،كۆپ قىسمى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى يېشىل بوستانلىق رايونلاردا ياشاپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مىلادىدىن بۇرۇنقى3-ئەسىردە تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى بىلەن بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىپايان زېمىندا ياشىغان «دىڭلىڭ›› (丁零)لارغا تۇتىشىدۇ. مىلادى3-ئەسىردىن ئىلگىرى دىڭلىڭلار «دى››(狄)لار دەپ ئاتالغان. 3-ئەسىردىن كېيىن «دى››لار«چىلى››(«敕勒››) ياكى «گاۋچې››( «高车ئېگىز ھارۋىلىقلار—قاڭقىللار) دەپ ئاتالغان. مىلادى 390-يىلى خەنزۇچە يازما خاتىرىلەردە «يۇەنخې››(«袁纥››) دېگەن مىللەت نامى خاتىرىلەنگەن، يۇەنخېلار قاڭقىللار ئېلىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىدى. يۇەنخې ۋە تارىخىي خاتىرىلەردە كېيىنچەرەك ئۇچرايدىغان «ۋېيخې››(韦纥)، «خۇيگۇ›› قاتارلىقلار «Uyghur›› نىڭ ئوخشاشمىغان تارىخىي دەۋردىكى ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىلى ۋە يېزىقى بار.
ئۇيغۇرلار ناھايىتىمۇ ئىشچان،باتۇر، ھايالىق، مېھماندوست خەلق.
ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئەر-ئاياللار دوپپا كىيىدۇ.
ناخشا-ئۇسۇلدا ئالاھىدىلىكى بار.
خۇيزۇ بۇلارنىڭ نوپۇسى 8مىليون 630مىڭ مىڭدىن ئاشىدۇ،ئاساسلىقى نىڭشىيا،گەنسۇ،چىڭخەي،خېنەن،خېبىي،شەندۇڭ،يۈننەن قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونۇم رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان.ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
مانجۇ بۇلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 9مىليون821مىڭدىن ئاشىدۇ،بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى شەرقى شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ۋە لىياۋنىڭ ئۆلكىلىرىگە ئولتۇراقلاشقان.ئاز بىر قىسمى جۇڭگونىڭ ھەر قايسى رايونلىرىغا تارقالغان.2000يىللىق تارىخقا ئىگە مىللەت.لىياۋ،سۇڭ،يۇەن،مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە “女真”يەنى<جۇرجىتلار>دەپ ئاتالغان.ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلى ۋە يېزىقى بار.
موڭغۇل بۇلارنىڭ نوپۇسى 4مىليون800مىڭدىن ئاشىدۇ،بۇلار ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇل،شىنجاڭ،گەنسۇ،چىڭخەي،خېيلۇڭجىياڭ،جىلىن،لىياۋنىڭ قاتارلىق ئۆلكە،ئاپتونۇم رايونلارغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان.ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىل-يېزىقى بار.ئۇلارنىڭ تىلى ئالتاي تىل سېستىمىسىغا تەۋە.
زاڭزۇ (تىبەتلىكلەر)
بۇلارنىڭ نوپۇسى 4مىليون539مىڭدىن ئاشىدۇ،ئاساسلىقى شىزاڭ،چىڭخەي،خېبېي،خۇاڭنەن،خەينەن،گولو قاتارلىق ئۆلكە،ئاپتونۇم رايونلارغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. خەنزۇ تىلىدا زاڭزۇ دەپ ئاتالغان.تىبەتلىكلەر تىلىدا،شىزاڭ ،"博"يەنى <مولچىلىق>دىگەن مەنىنى بىلىدۇرىدۇ.بۇ يەردە ياشاۋاتقان تىبەتلىكلەر ئۆزلىرىنى "博巴" يەنى
بود-پالار (شىزاڭنىڭ جەنۇبىدىكى تىبەتلىكلەر)دەپ ئاتايدۇ.
شىزاڭدىكى تىبەتلىكلەرنىڭ نوپۇسى بىر مىليون300مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ،شىزاڭ نوپۇسىنىڭ 95پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىلى ۋە يېزىقى بار.
داۋامى ئىنكاس سۈپىتىدە يوللىنىدۇ.
[ gvzal3.8 تەرپىدىن 2008-04-26 23:09 قايتا تەھرىرلەن ]