مېڭە قانچە ئېغىر بولسا، شۇنچە ئۆتكۈر بولامدۇ؟
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بەزىلەر مېڭە قانچە ئېغىر بولسا، ئادەم شۇنچە ئۆتكۈر بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ مېڭە ئېغىرلىقى 400گىرام ئەتراپىدا بولغاچقا، ھىچنېمىنى ئۇقمايدۇ، ئۇنىڭ ئەقلىي قابىلىيتى تۆۋەن بولىدۇ، يېشىنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ مېڭىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ يوغىنايدۇ، ئەقلىي قابىلىيتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يېتىلىپ بارىدۇ، ئادەم قېرىغاندا مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئازىيىپ، بەزىلەر ھاڭۋاقتى بولۇپ قالىدۇ، بۇلار ئەقلىي قابىلىيەتنى مېڭىنڭ ئېغىر - يېنىكلىكى، چوڭ - كىچىكلىكى بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەمدۇ؟ دېيىشىدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق قارشنىڭ ئىلمى ئاساسى تولۇق بولمىسا كېرەك.
ھايۋانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، ھايۋان قانچە تەرەققىي قىلغان، قانچە يېتىلگەن بولسا، ئۇنىڭ مېڭىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ. مېڭىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكى ۋە چوڭ - كىچىكلىكىدىن قارىغاندا يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ مېڭىسى ئېغىرراق ۋە چوڭراق بولىدۇ، ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىش سەۋيىسى قانچە يۇقىرى ھايۋاننىڭ مېڭىسىمۇ شۇنچە يېتىلگەن، تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. لېكىن بۇلار مەسىلىنىڭ بىرلا تەرىپى خالاس. ئەقلىي قابىلىيەتنى مېڭىنىڭ ئېغىرلىقى بەلگىلىگەن بولسا جانلىقلار ئارىسىدا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغىنى ئادەم بولماستىن، بەلكى ھايۋان بولغان بولاتتى.
ئىنسانلار مېڭىسىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكى، چوڭ - كىچىكلىكى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئەرلەر مېڭىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 1350-1400 گىرام ئاياللارنىڭ 1200-1250 گىرام بولۇپ، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ مېڭىسى كېچىكرەك، يېنىكرەك بولىدۇ. لېكىن بۇ ئاياللارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
پىسخولوگلار: مېڭىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكى بىلەن ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، دەپ قارايدۇ، ئالىملار تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن بولۇشى، چوڭ مېڭە ھەجىمىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكى بىلەن باغلىنىشلىق بولماستىن، بەلكى چوڭ مېڭە كۈلرەڭ ماددىسىنىڭ مىقدارى بىلەنمۇ باغلىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى ھەم بۇ خىل كۈلرەڭ ماددىنىڭ چوڭ مېڭە پوستىلىقىنىڭ مەلۇم ئورنىدىكى كۈلرەڭ ماددىنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
ئەقىلنى سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئەقىل بۆلۈنمىسى سىنىقىدا بىر قەدەر يۇقىرى نۇمۇرغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تارقالغان كۈلرەڭ ماددىنىڭ مىقدارى بەلگىلىك دەرىجىدە كۆپ بولغان، شۇنداقلا چوڭ مېڭىدىكى رايونلارنىڭ ئادەمنىڭ خاتىرىسى، دىققىتى ۋە تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالغان. تەتقىقاتچىلار يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپتىكى قابىلىيەتلىرى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى كۈلرەڭ ماددىنىڭ مىقدارى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى ھەم بۇنداق كۈلرەڭ ماددا نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۇچۇرلانى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشىغا تۈرتكە بولىشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلىشماقتا.
ئاپتور: ئابلىز رازاق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى 19847-سانىدىن ئېلىندى