دىيارىم ئىمپىرىيىسى ۋە شەبنەم خاندانلىقى ئۇرىشى
ئەلقىسسە دىيارىم ئىمپىريىسى قۇرۇلۇپ 5 يىل جەريانىدا ، ھەربىي كۈچ ۋە ئىقتىسادىي كۈچ جەھەتتىن خېلى چوڭ تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى . دىيارىم ئىمپىرىيىسى شاھى ئاتامان تولىمۇ تەدبىرلىك ۋە تەجىربىلىك ئادەم بولغاچقا كۆپلىگەن جەڭلەردە غەلبىگە ئىرىشتى . بۇ غەلبىلەرنى دىيارىم ئىمپىرىيىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان باتۇر سەركەردە-سەرۋازلار ، دانا-ئۆلىمالارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە ...
دىيارىم ئىمپىرىيىسى ناھايىتى مۇنتىزىم ۋە كۆپ تەجىربىلىك ئىمپىرىيەگە ئايلاندى ، سانغۇن-سەركەردە ، مەسلەھەتچى-ۋەزىرلەرمۇ كۆپەيدى . شۇ قورقماس سانغۇنلاردىن : باتۇر جەڭچى ، مەڭگۈتاش ، بوزقىر ، ئەرىغتۇغ ، ئەرئوغۇز ... پەقەت بۇلارلا ئەمەس ... يەنە نۇرغۇن سەركەردىلەر بار ...
يۇقارقى سەركەردە-سانغۇنلارنىڭ ۋەزىپىلىرىمۇ بوش ئەمەس ، باتۇر جەڭچى قىلىچۋازلار قۇشۇنىنىڭ سانغۇنى ، مەڭگۈتاش ئاتلىق نەيزىۋازلار سانغۇنى ، بوزقىر پىيادە نەيزىۋازلار سانغۇنى ، ئەرىغتۇغ ئاتلىق قىلىچۋازلار سانغۇنى ، ئەرئوغۇز ئوقياچىلار سانغۇنى ئىدى ... بۇ داڭلىق بەش سانغۇننىڭ ھەر بىرىنىڭ 4000 مىڭ كىشىدىن قۇشۇنى بار ئىدى ...
دانىشمەن ۋەزىرلەردىن ، ، ئاتا ، توتىم ، شەيىخ ، ئەجرىم ، ... بۇلار ئىزچىل ھالدا ئىمپىرىيىگە سادىق بۇلۇپ كەلگەن ۋە شۇنداقلا ئاتامانشاھنىڭ نۇرغۇن جەڭلىرىدە ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى قوشقان ... ھەر قېتىمقى جەڭلەردە بۇلارنىڭ ئۆتكۈر كاللىسى بولمىسا بولمايدۇ ئەلۋەتتە ...
دىيارىم ئىمپىرىيىسىدىن باشقا يەنە بىر كۈچلۈك خاندانلىق بار ئىدى . بۇ خاندانلىقنىڭ نامى شەبنەم پادىشاھىمۇ شەبنەمشاھ ئىدى . ئەلۋەتتە شەبنەم خاندانلىقىنىڭمۇ كۈچى تولىمۇ زور ئىدى . بۇلارنىڭ سەركەردە سانغۇنلىرىدىن ، ئەرك ھون ، ئەرك زات ، موللا پوك-پوك ، بىلگەر لەر تولىمۇ قابىليەتلىك سانغۇنلار ئىدى ...يەنە كېلىپ، شەبنەملىكلەرنىڭ ئەسكىرى كۈچى دىيارىملىقلار دىن كۆپ ئۈستۈن ...
ئەرك ھوننىڭ قول ئاستىدا6000 ئەسكەر بۇلۇپ بۇلار قىلىچۋازلار ئىدى ، ئەرك زاتنىڭ قول ئاستىدا 10000 ئەسكەر بۇلۇپ بۇلارنىڭ يېرىمى ئاتلىق قىلىچۋازلار ، يېرىمى پىيادە نەيزىۋازلار ئىدى ، موللا پوك-پوك نىڭ قول ئاستىدا 4000 ئەسكەر بۇلۇپ بۇلار مەرگەن كاماندازلار ، بىلگەر نىڭ قوشۇنى مەخسۇس تەربىيەلەنگەن ئاتلىق قىلىچۋازلادىن بۇلۇپ 10000 مىڭدىن ئاشاتتى ...
داۋامى بار ...
[ بۇ يازما ajdad تەرپىدىن 2008-04-04 20:26 دە قايتا ]