بىز كۈندىلىك كومپيۇتېر مەشخۇلاتى جەريانىدا BIOS بەلگىلىنىشى ۋە CMOS بەلگىلىنىشى دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايمىز ۋە ئۇچىرتىمىز .
كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا BIOS ۋە CMOS قد قارتا ئېنىق چۈشەنچە يوق ، داۋاملىق ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەۋېرىدۇ .
بۇ ماقالىمىزدە BIOS بىلەن CMOS نىڭ ئاساسلىق پەرىقى ۋە مۇناسىۋېتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز .
BIOS دېگەن نىمە ؟
BIOS بولسا كومپيۇتېردىكى ئاساسلىق كىرگۈزۈش-چىقىرىش سېستىمىسى
(Basic Input-Output System) . ئۇنىڭ مەزمۇنى ئاساسى تاختىدىكى بىر ROM ئۆزىكىگە يېزىۋېتىلگەن بولۇپ ، كومپيۇتېرنىڭ ئاساسلىق كىرگۈزۈش-چىقىرىش سېستىمىسى ئۇچۇرلىرىنى ساقلىغان بولىدۇ .
BIOS نىڭ ئىقتىدارى :
1. BIOS ئۈزۈلۈش مۇلازىمىتى پروگراممسى (中断服务程序)
BIOS ئۈزۈلۈش مۇلازىمىتى ئەمەلىيەتتە يۇمشاق دېتال بىلەن قاتتىق دېتال ئارىسىدا باغلاش ئېلىپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ . مەسلەن ،DOS ۋە windows مەشخۇلات سېستىمىسىدىكى يۇمشاق دېسكا ، قاتتىق دېسكا ، سىنتەخسە قوزغاتقۇچ ، كونۇپكا تاختىسى ، ئېكران قاتارلىق سىرىتقى ئۈسكىنىلەرنىڭ باشقۇرۇلىشى . ھەممىسى BIOS نىڭ ئۈزۈلۈش پروگراممىسىنىڭ رولىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ .
2. BIOS سېستىما تەڭشەش پروگراممىسى
كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرى ئوقۇش يېزىشقا بولىدىغان بىر تال CMOS RAM ئۆزىكىگەجايلاشقان بولۇپ ، سېستىمىنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرلىرى ساقلىنىدۇ ، CPU ئالاھىدىلىكى ، يۇمشاق قاتتىق دېسكا قوزغاتقۇچ ، ئېكران ، كونۇپكا تاختىسى قاتارلىق زاپچاسلارنىڭ ئۇچۇرلىرى مۇشۇ يەردە . BIOS ROM ئۆزىكىگە سېستىما بەلگىلەش پروگراممىسى قاچىلانغان بولۇپ CMOS RAM دىكى ھەر خىل پارامىتىرلارنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ ، بۇ پروگرامما كومپيۇتېرنى قوزغاتقان ۋاقىتتا مەلۇم بىر خىل ئالاھىدە كونۇپكىنىڭ بېسىىلىشى بىلەن تەڭشەش ھالىتىگە كىرىدۇ ۋە ئىشلەتكۈچىنى ئەڭ ياخشى بولغان مەشخۇلات كۆرۈنۈش يۈزى بىلەن تەمىنلەيدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل CMOS پارامىتىرىنى تەڭشەش ئۇسۇلى ئادەتلىنىپ كېتىش سەۋەبىدىن BIOS بەلگىلەش دەپ ئاتىلىدۇ .
ناۋادا CMOS RAM ئۆزىكىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلەش ئۇچۇرلىرى توغرا بولماي قالسا ناھايتى ئاسانلا سېستىما پۈتۈن گەۋدىسى بويىچە ئىقتىدار تۆۋەنلەش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ .
يۇمشاق دېسكا قوزغاتقۇچ قاتارلىق ئۈسكىنىلەر ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن ، ئېغىز بولغاندا بىر قىسىم يۇمشاق ، قاتتىق دېتاللارنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىرىدۇ .
3 . POST ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى
كومپيۇتېر توكقا ئۇلانغاندىن كىيىن ، سېستىما ئاۋال POST (Power On Self Test توكقا ئۇلانغاندا ئۆزىنى تەكشۈرۈش ) پروگراممىسى ھەر قايسى ئچكى قىسىم تەڭشەكلىرىگە قارتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ .
ئادەتتە مۇكەممەل بولغان POST پروگراممىسى 64K ،CPU ئاساسى ئىچكى ساقلىغۇچ ، 1M دىن يۇقىرى كىڭەيتىلگەن ئىچكى ساقلىغۇچ ، ROM ، ئاساسى تاختا ، CMOS ساقىلغۇچى ، كۆرسىتىش كارتىسى ، كونۇپكا تاختىسى ۋە يۇمشاق قاتتىق دېسكا پروگراممىلىرىغا قارتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ، ناۋادا ئۆزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا مەسىلە بايقالسا سېستىما ئەسكەرتىش ئۇچۇرى بېرىدۇ ياكى ئاۋاز چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرىدۇ .
4 . BIOS ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى
سېستىما POST ئۆزىنى تەكسۈرۈشىنى تاماملىغاندىن كىيىن ، ROM BIOS ئاۋال سېستىمىنىڭ CMOS بەلگىلىمىلىمىلىرىدىكى قوزغىلىش تەرتىپىگە ئاساسەن يۇمشاق قاتتىق دېسكا قوزغاتقۇچ ۋە CD-ROM نى ئىزدەيدۇ ، تور مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىناۋاتلىك قوزغىلىش قوزغاتقۇچلىرى ، مەشخۇلات سېستىمىسى يىتەكلىگۈچى خاتىرىسىنى ئوقۇپ ئاندىن سېستىما كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يىتەكلىگۈچى خاتىرىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ، يىتەكلىگۈچى خاتىرىسى ئارقىلىق سېستىمىنىڭ تەرتىپ بويىچە نورمال قوزغىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ .
CMOS دېگەن نىمە ؟
CMOS بولسا كوميۇتېر ئاساسى تاختىسىدىكى يېزىش ئوقۇشقا بولىدىغان بىرتال RAM ئۆزىكى ، ئاساسلىق قىلىپ نۆۋەتتىكى
سېستىمىنىڭ قاتتىق دېتال بەلگىلىمىلىرى ، ۋە بىر قىسىم پارامىتىرلارغا قارتا تەڭشەشلەرنى ساقلاش رولى بار . CMOS RAM ئۆزىكى بىر زاپاس باتارىيە ئارقىلىق توك بىلەن تەمىنلىنىدۇ ، شۇڭلاشقا مەيلى سېستىما تاقاق ھالەتتە بولسۇن ۋە ياكى توكتىن ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئەھۋالغا دۇچ كەلسۇن CMOS ئۇچۇرلىرى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ .
CMOS RAM ئۆزىكى ئەسلىدىنلا بىر ساقلىغۇچ بولغانلىقتىن ئاساسلىقى ئۇچۇر ساقلاش ئىقتىدارى بولغان بولىدۇ . شۇڭا CMOS دىكى پارامىتىرلار مەخسۇس بىر پروگراممىنىڭ تەڭشىشى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ . بۇرۇنقى CMOS تەڭشەش پروگراممىلىرى يۇشاق سېسكىدا ساقلىنىدىغان بولۇپ ( مەسلەن IBM نىڭ PC/AT كومپيۇتېرلىرى ) ئىشلىتىش ناھايتى قولايسىز بولغان . ھازىر كۆپ قىسىم زاۋۇتلار CMOS بەلگىلەش پروگراممىسىنى BIOS ئۆزكىگە ئورۇنلاشتۇرۋەتتى ، سېستىما قوزغالغاندىن كىيىن مەلۇم بىر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كونۇپكا ئارقىلىق CMOS بەلگىلەم پروگراممىسىنى قوزغىتىپ ناھايتى قولايلىق ھالەتتە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ . شۇ سەۋەپتىن CMOS ئۇچۇرلىرىنى تەڭشەش ئادەتتە BIOS بەلگىلەش دەپ ئاتىلىپ قالىدۇ .
BIOS بەلگىلىنىشى ۋە CMOS بەلگىلىنىشىنىڭ پەرىقى ۋە مۇناسىۋېتى
BIOS بولسا ئاساسى تاختىدىكى بىر تال EPROM ياكى EEPROM ئۆزىكى بولۇپ سېستىمىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرى ، سېستىما پارامىتىرلىرىنى بەلگىلەش پروگراممىسى ( BIOS Setup پروگراممىسى ) قاتارلىقلار ساقلىنىدۇ ؛ CMOS بولسا ئاساسى تاختىدىكى ئوقۇش يېزىشقا بولىدىغان RAM ئۆزىكىدىن ئىبارەت بولۇپ سېستىما بەلگىلەشلىرىنىڭ ئاساسلىق پارامىتىرلىرى ساقلانغان . ئۇنىڭ مەزمۇنىنى بەلگىلەش پروگراممىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ . CMOS RAM ئۆزىكى زاپاس باتارىيە ئارقىلىق توك بىلەن تەمىنلىنىدۇ ، سېستىمىنى تاقىغاندىن كىيىنمۇ ئۇچۇرلار ئۆچۈپ كەتمەيدۇ .
BIOS بىلەن CMOS ھەم مۇناسىۋەتلىك ھەم پەرىقلىق : BIOS تىكى سېستىما پارامىتىرلىرىنى بەلگىلەش پروگراممىسى CMOS پارامىتىرلىرى تەڭشىشىنى تاماملايدىغان ۋاستە ؛ CMOS RAM ئۆزىكى بولسا BIOS ئارقىلىق بەلگىلەنگەن پارامىتىرلارنى ساقلايدىغان ئورۇن ، شۇنداقلا BIOS بەلگىلەشلىرىنىڭ نەتىجىسى .
شۇنىڭ ئۈچۈن تولۇق بولغان كۆز قاراش ئەمەلىيەتتە « BIOS پارامىتىر بەلگىلەش پروگىراممىسى ئارقالىق CMOS پارامىتىرلىرى بەلگىلىنىدۇ » بولىشى كېرەك . BIOS بىلەن CMOS نىڭ ھەر ئىككىسى سېستىما بەلگىلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ، لىكىن ئىككىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۇقۇم ، بۇ ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك .
قانداق ۋاقىتتا CMOS ياكى BIOS قا قارتا تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز ؟
كۆپچىلىك ھەممىمىز بىلىمىز ، CMOS ياكى BIOS قا قارتا تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىش ئىشلەتكۈچىلەر كومپىيۇتېر ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قارتا خالىغانچە بەلگىلەش ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم مەشخۇلاتلارنىڭ بىرى ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە CMOS ياكى BIOS قا قارتا تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىش كېرەك .
1 . كومپيۇتېرنى يېڭىدىن سېتىۋالغاندا
PnP ئىقتىدارى سەپلەنگەن سېستىمىلارمۇ پەقەت بىر قىسىم سىرىتقى ئۈسكىنىلەرنى پەرىق ئىتەلەيدۇ ، لىكىن يۇمشاق قاتتىق دېسكا پارامىتىرلىرى ، نۆۋەتتىكى ۋاقىت قاتارلىق ئاساسى ماتىريال ئۇچۇرلىرىنى ئىشلەتكۈچى CMOS ئارقىلىق تەڭشىشى كېرەك .
2 . سېستىما ھەر قانداق يېڭى ئۈسكىنىنى ئاپتوماتىك تونۇپ كىتەلىشى مۇمىكىن ئەمەس ، شۇڭا بىر قىسىم يېڭى سەپلەنگەن ئۈسكىنىلەرنى CMOS ئارقىلىق تونىتىمىز . ئۇندىن باشقا يېڭى ئۈسكىنىلەر بىلەن ئەسلىدە بار بولغان ئۈسكىنىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش كىلىپ چىققاندىمۇ كۆپىنچە CMOS ئارقىلىق تۈزىتىمىز .
3 . كۈتۈلمىگەندە CMOS ئۇچۇرلىرى يوقاپ كەتسە
زاپاس باتارىيىنىڭ توكى تۈگەپ كېتىش ، ۋىرۇس ھۇجۇمى ، ئىتىياتسىزلىقتىن CMOS ئۇچۇرلىرىنى يۇيىۋېتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا CMOS ئۇچۇرلىرى يوقاپ كېتىدۇ . بۇ ۋاقىتتا BIOS قا كىرىپ CMOS پارامىتىرلىرىنى باشقىدىن تەڭشەپ چىقىمىز .
4 . سېستىمىنى ئەلالاشتۇرغاندا
ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ كۈتۈش ۋاقتى ، قاتتىق دېسكىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش ھالىتى ، ئىچكى \ سىرىتقى Cache نىڭ ئىشلىتىلىشى ، ئىنىرگىيە تىجەش ، توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش ، كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش تەرتىپى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن BIOS تا ئالدىن بەلگىلەنگەنلىرى ئەڭ ياخشى بولىشى ناتايىن ، بۇ ۋاقىتتا كۆپ قېتىملاپ تەجىرىبە قىلىپ بەلگىلەش ئارقىلىق سېستىمىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى تېپىپ چىقىشقا بولىدۇ .
تېخىمۇ كۆپ :
http://darslik.cn/info.aspدەرسلىك چۈشۈرۈش قانىلى
http://www.darslik.cn