چۈشۈمدە كۈتىمەن سۆيۈلۈشۈمنى
سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلىدىم ئۇزاق ،
سىزىلگەچ قەلبىمدە يىگانە سىما.
ساماۋى ھىجراندىن تىلىندى يۈرەك ،
قالغاچقا خىلۋەتتە ئۆزۈملا تەنھا.
ئىشخاناڭ قالدۇرغان شۇ ئەسلىمىگە ،
بىر يالقۇن تۇتاشقان گۈرۈلدەپ دەھشەت.
قەلبىمنى لەرزىگە سالغانتى شۇ دەم ،
ۋۇجۇدوڭ، قېنىڭغا سىڭگەن پەزىلەت.
مىللەت دەپ تىنىمىسىز ئىشلىگەچ دائىم،
قەلبىڭدە ئەرك ئۈچۈن كۆيىدۇ گۈلخان .
سۆڭەككە يەتكەندە ھەتتاكى پىچاق،
بېرىشكە تەييارسەن جاننى قەدىردان .
ئۇسسىساڭ چاي بۇلۇپ قەلبىڭگە سىڭىپ،
سەن كۆيگەن شۇ ئوتنىڭ كۈيىدە كۆيسەم.
باغۋەننىڭ بىر ئۆمۈر گۈل باققىنىدەك،
سۈيۈمدە سۇغارسام مىھرىمدە كۈتسەم.
ۋە لىكىن سەن ماڭا تەئەللۇق ئەمەس.
ئايان ھەم بۇ پەقەت ۋىسالسىز كۈتۈش.
پەقەتلا قەلبىمدىن تىلەيمەن ساڭا.
مەڭگۈلۈك مۇھەببەت، ئۈنسىز سۆيۈلۈش.
تەنھالىق بوغسىمۇ ھەردەم، ھەر كىچە ،
قەلبىمگە چىكىتتىن سېزىمەن سىنى .
سۆزلېرىڭ، تېنىقىڭ تەسەللى بولغاچ،
چۈشۈمدە كۈتىمەن سۆيۈلۈشۈمنى.
مەنبە:قەلەم
[ بۇ يازما Hazina تەرپىدىن 2008-04-14 00:40 دە قايتا ]