ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﯞﻩ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ
ﻳﯜﺳﯜﭘﺠﺎﻥ ﻳﺎﺳﯩﻦ
ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯩﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘھﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ 1914- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺋﯧﻜﯩﺴﺎﻗﺘﺎ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ھﯧﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻱ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﻗﯩﺴﻘﯩﻼ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘھﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .
–2005 ﻳﯩﻠﻰ 11ـ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎﺗﯜﺭﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﺎﻟﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﻩ ﺋۆﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ « 6- ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﻮﻧﮕﯩﺮﯨﺴﻰ» ﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﺍ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﺯﯨﺖ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ 1984- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺰﻣﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﺧﺎﻥ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ«ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔسەرگۈزەشتىلىرى» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺘﯩﻢ . ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ كۆرگەن ﯞﻩ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ كۆﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ھﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ئېرىشتىم . ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺩﻩﻝ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
1914 ـ ﻳﯩﻠﻰ 3ـ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14ـﻛﯜﻧﻰ ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺷﯩﻜﺘﺎﺵ ﺋﯩﺘﺘﯩﺨﺎﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺍﻗﻘﻰ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ئەخمەت ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺋﯩﺘﺘﯩﺨﺎﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺍﻗﻘﻰ ﭘﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ كېلىپ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯨﻦ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋۆﻳﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ. ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﯘﺭﺕ ﻛﺎﺗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ سۆھﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ كۆﺯﯨﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ئېرﯨﺸﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﻥ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﭼﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮلۇشىنى ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺯﺍﺕ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻨﻼ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺑﯘ ﭘﯩﻜﯩﺮﮔﻪ ﺩﻩﺭھﺎﻝ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣوﻟﻼ، ھﺎﺟﻰ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯧﻠﻰ ﯞﻩ ﯞﻩﻟﯩﺨﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮلۇشىنى ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ھﯧﺴﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ، ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﻰ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺭﻭھﯩﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ-- ﻣﯘﺩﺩﺍﺳﯩﻨﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ « ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ بېرﯨﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ » ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﺑﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺴﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﻏﺪﯗغىسى ﯞﻩ ﺋﯜﻧﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﻧوﺭﯗﺯﺯﺍﺩﻩ ﺳﺎﺑﯩﺮ ﺋﺎﺧﯘﻥ، ﺑﺎﻗﻰ ھﺎﺟﯩﺰﺍﺩﻩ ئىمىن ﺑﺎﻱ، ھﺎﻛﯩﻢ ھﺎﺟﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ھﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋۆﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ:«ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ،ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ. ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﻮﻝ كۆﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﺘﯘﻕ . ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩﺗﻪن ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﭘﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﯜﺳﻰ.... ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯜمىد ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺵ ھﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﻮﺷﯘﻻﻣﺴﯩﺰ؟ ﺧﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺷﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﯩﺘﻪﻛﻠﻪﯓ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﺪﻯ.»
ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻼﺵ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ سۆزىنى ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ« ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ نېمە ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ، ﺑﯘ ﭘﯩﻜﯩﺮﮔﻪ ھﯧﻤﺎﻳﯩﭽﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﺷﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻤﯘ ﻳﻮﻕ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ سۆزلەرنى ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ ﺑﯘﻧﯩﯔ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ:«ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ، ﻣﻪﻥ ﺩﻭﺗﻪﻱ ھﻪﻡ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ كۆﺭﯛﺷﺘﯜﻡ ، ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺠﻪﻡ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟېرﯨﯖﻼﺭ ﺩﯦﺪﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ھۆﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ھﻪﻡ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﯟﯨﮕﻪ ﺯﯨﺖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.... ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘ ـ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ھۆﻛﯜﻣﻪﺕ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻢ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋۆﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ھﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ» ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺳﯩﻤﯘ ، ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﻳﻪﻧﯩﻼ:«ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﻣﺎﯓ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﻳﻮﻕ» ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍموﻟﻼﻣﻤﯘ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ كۆﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ سۆھﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﻰ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ
ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .
1914 ـ ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 19- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯧﻜﯩﺴﺎﻕ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻳﺦ ھﻪﺑﯩﺒﻪﺩﺩﯨﻦ ﺋﻪﺟﻪﻡ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ « ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ ﺋﯩﺘﺘﯩﺨﺎﺕ» ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ « ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ »ﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋۆﺗﻜﯜﺯۈلگەن. ﻣﯘﺭﺍسىمغا ﺗﻪﺭﻩﭖ ـ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺷﻪھﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻣﻤﺎ يىغىلغان. ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ 16 ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﭘﺮوﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺋۆﺗﯜﻟﮕﻪﻥ . ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺯﯨﺴﻰ ھﺎﺟﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﺍﻣوﻟﻼ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ ﯞﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣوﻟﻼﻣﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻝ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﺗﯘﻗﻼﺭ سۆﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮﻳﻼﺭ ﺳﻮﻳﯘﻟﯘﭖ ، ﺩﺍﺵ ﻗﺎﺯﺍﻧﻼﺭ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ، ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻧﻪﺯﯨﺮﻩ بېرﯨﻠﮕﻪﻥ. ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻛﻪﻡ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻳﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﯨﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ بېكىتىلگەن. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺟﺎھﺎﻟﻪﺗﻨﻰ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﮔﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ھﯧﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ئۆﻣﻪﺭ ﺑﺎﻳﻤﯘ ﺟﯩﻢ ﻳﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﺗﺎﻟﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺧﯘﺭﺍﭘﯩﻲ ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻐﺎ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ« ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﺑﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﺎﭘﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ » ، «ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺸﻤﯘ، ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻤﯘ ھﺎﺭﺍﻣﺪﯗﺭ، ھﺎﺭﺍﻡ» ، « ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺗﯧﻨﺞ – ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺠﻪﻡ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍتاتتۇق ، ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﻏﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ، ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﺘﯘﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﭘﯩﺘﻨﻪ – ﭘﺎﺳﺎﺕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﯩﻠﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗھ ھﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋۆﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. دەسلەپ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﻰ ھﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ كۆرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﺪﯨﻦ ﻗﻮﻝ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋۆﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯧﻜﯩﺴﺎﻗﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻤﯘ ﺩﻩﻝ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ كۆﺭﯛﻟﮕﻪﻥ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣوﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧوﺭﯗﺯﺯﺍﺩﻩ ﺧﻮﺟﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ «ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﻪﻣﺌﯩﺘﻰ» ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ كۆﭘﻪﻳﮕﻪﻥ.
ﺋﺎﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﯞﻩ ئۆﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ئۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﺗﯜﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﻳﯜﺯ ـ ﺋﺎﺑﺮوﻳﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﻭﺗﻪﻱ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ھۆﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﻪھﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﭼﺎﻱ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﭼﺎﻳﺪﺍ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ھۆﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ھﻪﺩﺩﻯـ ھﯩﺴﺎﭘﺴﯩﺰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺳﻮﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻻ ـ ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﯩﻤﯘ ﻣﯩﯔ ﺳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ، ئۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻟﻪﻣﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﭽﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ئېرﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯘﺗﻪﺳﺴﯩﭗ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﺑﯧﺴﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋۆﻣﻪﺭ ﺑﺎﻳﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﯩﺮﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﭘﯩﺘﻨﻪ ﯞﻭﻟﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﻰ ، ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ كۆﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﻪﺱ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻻﺭ « ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ» ﺩﻩ ، ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ئۆﻳﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭ ﺳﻪھﻨﯩﮕﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ« ﻧﺎﺩﺍﻥ ﺩﺍﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﯩﻞ ﺋﻮﻏﯘﻝ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﺮﺍﻣﻤﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪھﻨﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻨﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﻰ كۆﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ كۆرسىتىلىپ ، ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭙﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﻩﺭﺑﻪ بېرىلگەن. ﻣﯘﺗﻪﺋﻪسسىپلەر ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻗﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ،ئۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﻮﻝ كۆﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻐﺎ تۆھﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻼﭖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭز ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮتىپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ سۆزﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ «ﻧﯘﺭﻯ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ»،« ﻣﻪﻧﺒﻪﺋﯘﻝ ﺋﯩﺮﻓﺎﻥ » ،« ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﯩﻔﻼﺭ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ» ، « ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ(ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﺵ)ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ»، « ﻧﻪﺟﻤﯜﻟھﯩﻼﻝ» ﯞﻩ « ھاﻣﯩﻴﻪﺕ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﻛﻪﻳﻨﻰ ـ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭﻟﯩﻖ 27 ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﻮﻗﻮﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ، ھﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯞﻩ ھﻪﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ ـ ﺋﯩﺮﻓﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺳﺎﭖ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﯞﻩ ﭘﺎﻙ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻡ ئىچكەن، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﺋﯧﻜﯩﺴﺎﻗﺘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ كۆﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻪﻙ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗنۇشلىرى ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ئۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺭﯗﺱ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﻭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ «ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ» ﻧﻰ ﺗﺎﻗﯩﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺭﯗﺱ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﺭز ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﯗﺱ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭىلىشىشىنى ﺋۆﺗﯜﻧﮕﻪﻥ. ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺭﯗﺱ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﯩﻤﯘ ﺩﻩﺭھﺎﻝ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺭﯗﺱ ئەلچىسىگە ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﺪﺍ « ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ، ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ، ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪھﻠﯩﻜﯩﻠﯩﻚ....» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ تۆھﻤﻪﺕ سۆﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ. ئۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋۆﺯﯨﻤﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﻭﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﺕ ﻳﻮﻟﻼﭖ ، ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﯞﻩﻗﻪ ﺩﻩﭖ چۈشەندۈرۈپ ، ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ كۆﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﺭﯗﺱ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ھۆﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ، ﺩﻩﺭھﺎﻝ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺟﯩﻜﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﻭﺗﯩﻴﻰ ﺩﻩﺭھﺎﻝ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋۆﻳﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ تۆھﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ كۆﺗﯜﺭﯛﭖ ﺩۆﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ بوﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﺭھﺎﻝ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﻪﺕـ ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﻏﺎ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ، ھﻪﺗﺘﺎ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ تۆھﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ يوﺷﯘﺭﯗﻥ ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋۆﻳﯩﮕﻪ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ئىمىن ﺑﺎﻱ، ﻧوﯞﺭﯗﺯﺑﺎﻳﺰﺍﺩﻩ، ھﺎﺟﻰ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯧﻠﻰ، ﻳﯜﺳﯜﭘﺒﺎﻱ، ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﺩﯨﻦ ﺩﺍموﻟﻼ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻤﺨﺎﻥ، ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﻛﺎﻣﺎﻝ، ﻣﻪھﻤﯘﺗﺌﺎﺧﯘﻥ، ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎتېرﯨﻴﺎﻟﯩﻨﻰ كۆﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ئۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻤﯘ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻪﺵ ﻳﯜﺯ ﺩﻩﺭرە ﺋﯘﺭﯗﭖ تۈرمىگە ﻗﺎﻣﯩﻐﺎﻥ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻤﯘ ﺩﻩﺭھﺎﻝ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﮕﻪ تېلېگرامما ﻳﻮﻟﻼﭖ ، ﺋۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ھۆﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ« ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ كۆﺗﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ » ﺩﯦﮕﻪﻥ سۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎسسىز ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئۈرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ياڭ زېڭشىڭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯩﺮﯨﺶ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ تۈﺭﻣﯩﮕﻪ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻱ ﻗﺎﻣﺎﻟﻐﺎﻥ. ئۇ تۈﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋۆﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ . ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻐﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ھۆﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﻧﻰ كۆﺭﮔﻪﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ نوشرﯨﯟﺍﻥ ﻳﺎﺋﯘﺷﯘﻑ ﺋﻮﺭﻭﻧﺒﯘﺭﮔﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ «ﯞﺍﻗﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ﺩﻩ ئېلان ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻐﺎ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﻰ ﻣﻪﺩھىيىلىگەن .
ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺭﯗﺱ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺗﯘﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﯗﺱ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻦ تېز ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺟﯩﻜﯩﻠﯩﮕﻪﻥ، ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻤﯘ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ھۆﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ . ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ سوﺋﺎﻝ ـ سوﺭﺍﻗﺴﯩﺰﻻ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ تۈﺭﻣﯩﮕﻪ ﻗﺎﻣﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧوﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻳﺎﯓ ﺯﯦﯖﺸﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺗﯘﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺋﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩۆﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ تۆﺕ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ـ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮلۇشىغا ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺩﻩﻝ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺋۆﻣﻪﺭﺑﺎﻳﻐﺎ ﺑﺎھﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﻏﯘﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ، ﻗﺎﻧﺨﯘﺭ ﻣﯩﻠﯩﺘﺎﺭﯨﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[ 此贴被ilkan在2008-09-10 11:18重新编辑 ]