ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﻰ
ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﻩ ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﻪﺩﻩﭖ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻣﯩﺴﯩﻠﺴﯩﺰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯨﺸﯩﺘﺨﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ ﺋﻪﺭ -ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺩﯨﻦ « ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﺷﯩﻤﯩﺰ » ﺩﻩﭖ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯜﮔﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺩﻩﭖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ« ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﻟﻪﻡ »ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﭖ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ -ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﺷﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻪﻓﻔﻪﺭ ( ﭘﺎﻙ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ) ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺑﻪﻳﺘﻰ ﺧﺎﻧﯩﺶ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯗﺭ . ﺋﯘ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺧﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ -ﻛﯜﻣﯜﺵ ، ﺯﯨﺒﯘ -ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ :
«ﻣﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ ، ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻢ : ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﺭﻭﺯﯨﮕﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﺍ ﺋﻪﻝ ﻣﻪﺭﭘﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ ، ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺯﻩﻓﺮﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ( ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻜﻪ ﺳﻪﺭﻣﺎﻳﻪ ) ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺴﻠﻪﺕ ، ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﻤﻤﯘ ﻳﻮﻕ .ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻘﯩﻢ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩﻣﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﺎﺷﯘ ﻛﺎﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﻏﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﻮﻣﯘﺵ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﯨﺴﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻐﻘﺎﻥ ﻏﻪﺯﻧﻪﻣﺪﯗﺭ .ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﭼﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻮﻣﯘﺵ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺟﯘﻏﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺰﻏﺎﻥ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻢ ﺋﻪﺟﺮﻯ ﯞﻩ ﺳﻪﻣﻪﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﺑﺎﻗﯩﻲ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ ﻛﯧﺘﻪﻱ .ﺷﯘﻝ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﻳﯘﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﮬﺎﺭﯨﺘﯩﻢ ﺳﯘﻳﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ، ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻢ ﻳﯘﻳﯘﻟﺴﯘﻥ .
ﻣﯚﮬﺘﯩﺮﻩﻣﻪ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺭﺍﺯﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﻳﺎﻗﯘﺕ ﺧﯧﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ « ﻣﻪﺳﮭﻪﺕ ﺷﯩﺮﯨﻒ » ﻧﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﮔﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﻼ.ﺋﺎﻟﯩﻤﻪ ﭘﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪﻯ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﺗﺘﻰ ﻓﺎﺭﯨﺴﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﻗﺒﯩﺮﻩﻡ ( ﻗﻪﺑﺮﻩ) ﮔﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻱ..... »
ﺋﯘ ﺷﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﯘﻣﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯘ ﺯﺍﺕ ﺋﺎﻟﯩﻢ ،ﭘﺎﺯﯨﻠﻪ -ﺋﻪﻓﻔﻪ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﭘﺎﻙ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ،ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺋﺎﻗﻘﯘﺩﻩﻙ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ .ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﻠﯩﻖ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﭘﻠﯩﻖ ،ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ -ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻝ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﯞﻩ ﻛﯚﻳﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯ ﻳﻮﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﺗﯘﺭﯗﺵ ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻏﺎ ﻳﯩﻘﯩﻠﻤﺎﺱ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﺴﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .
مەنبە_ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ژﻭﺭﻧﯩﻠﻰ 96-ﻳﯩﻞ 6-ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ .
[ manggutax تەرپىدىن 2008-04-27 23:38 قايتا تەھرىرلە ]