توردا «ھوشۇر قارىغا ئوچۇق خەت» ناملىق ماقالە ۋە ئۇنىڭغا ياندىشىپ يالقۇن روزى ئەپەندى توغرىسىدا نۇرغۇن بەس - مۇنازىرە ،تالاش تارتىشلار بولۇپ كېتىپتۇ.ئىنكاسلارغا قارايدىغان بولساق،تۈرلۈك ئورۇنلۇق - ئورۇنسىز تەنقىدلەر ،ھەتتا بىر قانچەكىشىنىڭ شەخسىيتىگە تاقىلىدىغان گەپ - سۆزلەرمۇ يوق ئەمەسكەن. مېنىڭ بۇ يەردە بىرەر كىشىگە زەربە بىرىش نىيتىم يوق .پەقەت باشقىلارغا يىنىكلىك بىلەن باھا بەرمىسەك،زىھنىمىزنى ئەھمىيەتلىك ئىلمى ئىشلارغا سەرپ قىلساق دىگەن تىمىدا ئۆز كۆز قارىشىمنى سۆزلەپ باقماچى ،خالاس.
مەن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ خىلى كۆپ ماقالىلىرىنى ئوقۇغان.شۇڭا ، مەن بۇجەھەتتە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ باقمايلا تۇرۇپ ، « نوپۇزلۇقراق» كىشلەرنىڭ تۈرلۈك باھالىرىغا ئەگىشىپ پىكىر قىلدىغانلارغا قارىغاندا ،ئۆزۈمنى بۇ توغرىدا پىكىر قىلىشقا تىخىمۇ مۇناسىپ دەپ ئويلايمەن.مېنىڭچە، يالقۇن روزى .ئەپەندىنى ھەقىقى مەنىدىكى ئەدەبى ئوبزورچى دىيىشكە بولمايدۇ .ئۇنىڭ ئەدەبى ئوبزور دىيىلگەن ماقالىلىرىنىڭ ئېچىدە ئەدەبىيات ئىستېتىكسى نوقتىسىدىن چىقىپ پىكىر يۈرگۈزىلگنى ناھايىتى ئاز. ئاپتۇرنىڭ ئوبزور دىيىلگەن ماقالللىرىگە قارايدىغان بولساق،بۇ ماقاللىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا دىگۈدەك بىرەر ئەسەرنى تۇتقا قىلىپ يىزىلغان ئىجدىمائى تىمىدىكى ماقاللىلەر ئىكەنلىكىنى بايقاش ئانچە تەس ئەمەس.ئاپتۇر تىلغا ئالغان ئىجدىمائى مەسلىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىنى رىئاللىقتىن بىۋاستە تاپقىلى بولسىمۇ ئەمما،يالقۇن روزى ئەپەندى بۇ مەسلىلەرنى ئىجدىمائى تۇرمۇشتىن بىۋاستە ئىلىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنىڭ ئورنىغا ،كۆپىنچىلىرىنى ئەدەبى ئەسەرلەردىن ئىزدەپ تىپشقا ۋە شۇ ئاساستا تەنقىد ئىلىپ بىرىشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن.(بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى بەلكىم يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ تەنقىدچىلىكتىكى ئۆزگىچە مىتودى دىيىش مۇمكىن). بۇ بەلكىم يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئەدەبىياتقا ۋە جەمئىيەتكە بولغان يۈكسەك مەسئۇليەتچانلىقدۇر. لىكىن، قىممىتى نەچچە ئون يىلغىچە ساقلىنىدىغان،پايدىلىنىش قىممىتى يۇقرى ئىلمى ماقاللىلەر ۋە ئۇنىڭ ئاپتۇرلىرى بولغان ئالىملىرىمىز تونىلىشنىڭ ۋە شۆھرەت تىپىشنىڭ ئورنىغا ،مودا ناخشىلاردەك نەچچە ئايلا ھۆكۈم سۈرۈپ ،كىشىلەرنىڭ بىرەر ئايلىق پاراڭىغا تىما تېپىپ بىرىشتىن باشقا ،ھىچقانداق ئىلمى قىممتى يوق ئاتالمىش ئىجدىمائىى تىمىدىكى ئەسەرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئاپتۇرلىرى تونۇلۇپ شۆھرەت تىپۋاتقان ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە ، يالقۇن روزى ئەپەندى ئىجادىيىتىدىكى ئوبزور دەپ ئاتالغان خىلى كۆپ ماقاللىلەرنى يۇقارقى ئىجدىمائى كەيپىياتنىڭ مۇئەييەن تەسىرىدە يىزىلغان دىمەي ئىلاجىمىز يوق.
90-يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇرچە گىزىت – ژورناللارغا قارايدىغان بولساق ،بىر قانچە ساپ ئەدەبى ژورناللارردىن بۆلەك باشقا ئۇنۋىرسال ژورناللاردا ئاساسەن ئىجدىمائى تىمىدىكى ماقاللىلەر بىسىلدى. ئىلان قىلىنغان ئىجدىمائى تىمىدىكى بۇ ماقاللىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى جەمئىيەتتىن ،مىللەتتىن قاخشاش ،زارلىنىش خاراكتىرىدىكى ماقاللىلەر بولۇپ ،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى بۇ خىلدىكى ژورناللارنىڭ سەركىسى بولدى.90-يىللانىڭ باشلىرىدا بۇ خىلدىكى ماقاللىلارنىڭ بەلكىم مەلۇم دەرجىدە ئىجابى ئەھمىيىتى بولغاندۇ.ئەمما ،مېنىڭچە بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنىڭ ئىجابى تەسىرىدىن سەلبى تەسىرى كۆپ بولدى.بولۇپمۇ ياشلىرىمىز بۇ تىمىدىكى ماقاللەرنىڭ تەسىرىدە توختىماي جەمىيەتتىن قاخشاش ،ئۆزلىرىنىڭ تىرشىش يوللىرىغا ئۆزى باھانە - سەۋەپ ئىزدەپ، ئۆز يوللىرنى ئۆزلىرىمۇ ئىنىق بىلمەيدىغان باھانىللەر بىلەن چىتلاپ ،تەپەككۇرىنى قاتماللىتىن قۇتۇلدۇرالمىدى. ھەتتا بەزى يىنىكللىك بىلەن يىزىلغان ماقالىلەردە «شئېرى مىللەت» ،«پەلسەپىۋى مىللەت» دىگەن ئۇقۇملار ئوتتۇرغا قويۇلۇپ ،كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر شئېرىيىتىنىڭ پەلسەپىۋىلىكىگە ،شئېرنىڭ قانچىلىك پەلسەپىۋى چوڭقۇرلۇققا ئىگە بولىدىغانلىقىغا بولغان ئەسلىدىنلا كەمچىل چۈشەنچىسنى تىخىمۇ مۇجىمەللەشتۇرۋەتتى.( ھەتتا ياشلارنىڭ شىئرىيەتكە بولغان قىزغىنلىقنىڭ سۇسلاپ كىتىشىگە مەلۇم دەرجىدە تەسىر كۆرسەتتى دىيىشكە بولىدۇ)
2000-يىللاردا ئىلان قىلىنغان « ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقاللىرى توپلىمى» كىيىن بىر قانچە ژورناللاردا «زامانىمىزنىڭ پەيلاسوپى – ئابدۇقادىر جالالىدىن» دىگەندەك يىنىكلىك بىلەن ئىيتىلغان سۆزلەر تەكرارلاندى.بۇ سۆزگە ھەتتا ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆزىمۇ باشقىچە ئىنكاس قايتۇرمدى ( ھىچ بولمىسا مەن ئاشكارا مەتبۇئاتلاردا كۆرمىدىم). مېنىڭ ھازىرغىچە شۇنداق سورۇغۇم كىلىدۇ:پەيلاسوپ دىگەن نىمە؟ قانداق ئادەمنى پەيلاسوپ دەيمىز؟ (بۇ ھەقتە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ ئويلىشىپ بېقىشىنى سورايمەن).
يۇقاردا ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭمۇ تىلغا ئىلنىشى ، ئۇنىڭ يىقىنقى مەزگىللەردە ئىلان قىلىنغان ئىجدىمائى تىمىدىكى ماقاللىرنىڭ كۆپرەك بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇپ ،ئۇنىڭ بۇ تىمىدىكى ئەسەرلىرنى يەنە بىر قىتىم توپلام قىلىشقا توغرا كەلسە «ئەبجەش پاراڭلار»تىمىسى ئاستىدا توپلام قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ماقاللىرى ھەقىقىتەن بەك تارتىمىلىق بولغان بىلەن ئىچىنى ئاختۇرسا ئاخىرىدا كىشىگە نەپ تىگىدىغان ھىچنىمە چىقمايدۇ.
ئۇنۋىرىسىتىتنىڭ 3- يىللقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا سىنىپ مۇدىرىم ماڭا:«سىنىپتىكى باللىلار ئشنىڭ يولىنى بىلمەيۋاتىدۇ، ھازىر نەتىجە قازىنىشىڭ ئەڭ ئاسان ۋە ئەڭ تىز يولى ئىجدىمائى تىمىدىكى ماقاللەرنى يىزىش.ئىلمى ئەمگەك بىلەن نەتىجە يارىتىش بەك قىيىن ۋە كۆپ ۋاقىت سەرىپ بولدىغان ئىش» دىگەن ئىدى. شۇ چاغلاردىلا كىشلەرنىڭ پاراڭ تىمىسىغا ئايلانغان ، مەتبۇئاتلاردىكى ئايغى چىقماس تالاش – تارتىشلار بىزگە ئەھمىيەتسىز ،كىشىنىڭ زىھىنىنى خورتىدىغان مەنسىز تۇيلاتتى.شۇڭا كىيىنچە « شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژورنىلىدىكى سەھىپىلەردىن ئەدەبى ئەسەرلەردىن باشقا تىمىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇمايدىغان بولدۇق. بىزنى ئۇنىۋىرسال ژورناللار ئىچىدىكى «تەڭرىتاغ » قاتارلىق گىزىت - ژورناللاردىكى كىشىگە ئىلھام بىردىغان ،رىقابەتلىك دۇنيادىن قاخشايدىغان ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ ئۈمىد بىلەن ئالغا مىڭىشقا يىتەكلەيدىغان قىزغىن كەيپىياتىكى ماقاللەر ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى.
ئەمدى ،ئەسلى مەقسەدكە كەلسەك مەن ئىجدىمائى تىمىدىكى ماقاللەرنى يازغانلارنىڭ ھەممىسنى نام چىقىرىش ئۈچۈن يازدى ياكى يازماق ئاسان دىمەكچى ئەمەسمەن. پەقەت ھازىر «جامائەت ئەربابى »دەپ قارىلىۋاتقان يالقۇن روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرگە باھا بەرگەندە زىيادە قىزغىنلىقتىن ساقلانساق ،ئۇلارنىڭ ئەمگىكىگە توغرا ،ئوبىكتىپ باھا بەرسەك ،مۇئەيەنلەشتۈرىدىغان يەردە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىنكار قىلىدىغان يەردە ئىنكار قىلساق ،« داڭلىق ئوبزۇرچى ،پەيلاسوپ » دىگەندەك ئاتالغۇلارنى ئەتىراپلىق ئويلۇشۇپ قوللانساق دىمەكچى.بولمىسا ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنى بىر پارچە ھەجۋى رەسىم سىزغانلىقى ئۈچۈن تاللانتلىق رەسسام؛ بىر داراممىدا رول ئالغانلىقى ئۈچۈن ئۇستا ئارتس دەپ يىنىكلىك بىلەن باھا بىرىپ قويۇپ،ئاقىۋەت ئۇنىڭ سىزغان رەسىمىنى ،ئوينىغان رولىنى كۆرگەنلەردىن ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىغانلار شۇنچىلىك ئىشلىرىغا تاللانتلىق رەسسام، ئۇستا ئارتس دىگىنىگە قارىغاندا شائىرلىقىمۇ تايىنلىق ئوخشايدۇ دەپ قالغانغائوخشاش ،باشقىلارغا ئالدىراپ يىنىكلىك بىلەن باھا بىرىپ قويساق ، كىيىن مۇشۇنداق يىنكلىك بىلەن بىرىلگەن باھالار تۈپەيلى ئۇلارغا بىرىلگەن يوللۇق باھاللارمۇ ئىنكار قىلنىپ كىتىشى مۇمكىن.
تۆۋەندە يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ بىر قانچە كونكىرت ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
1. يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «مەمەتئلى ئەپەندى » ناملىق كىتابى كىشىلەر تەرپىدىن رومان دەپ قارلىۋاتىدۇ.ئەمما بىز بۇ ئەسەرگە قارايدىغان بولساق، پۈتۈن ئەسەردىن بەدىئىيلىكنىڭ ئازراقمۇ ھىدىنى ھىدلىيالمايمىز.بۇ ئەسەرنى پەقەت ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تارىخى تەرجىمال دىيىشكە بولىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ ئەسەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇۋاپىقىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
2 .«ھوشۇر قارىغا ئوچۇق خەت »ناملىق ماقالىگە كەلسەك ،بۇ ئەسەر ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان ياخشى ماقالە. مېنىڭچە توردىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ ھىچ قايسىسى بۇ ماقالىنىڭ مۇدداسىنى چۈشەنمىگەن.ھەتتا مەن تولۇق ئوتتورىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يىغىلغان بىر سورۇندا ئۇلارنىڭ :« ھازىر نۇرغۇن باللىلار بىكخامدەك چاچ قويۇپ ،ئۇنىڭ رەسىمىنى ئۆيلىرىگە چاپلىۋالغاچقا يالقۇن روزى ئەپەندى ئۇنى كەمسىتىپ ئىشەك بىلەن سىلىشتۇرغان؛ بىزنىڭ ئىسمىمىزنىمۇ بىلمەيدىغان بىر چەتئەللىكىنى(چولپاننى) بىكاردىن –بىكار تىللاپ نىمە قىلىدۇ،چەتئەللىكلەر بۇ ماقاللىنى كۆرۈپ قالسا نىمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ؟ ؛ئىشەكنى ماختىغنى بەك ئىشىپ كېتىپتۇ......» دىگەندەك باھاللىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم.ئۇلارنىڭ ئىچىدە پىشقەدەملەرمۇ ،ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان ياشلارمۇ بار ئىدى.ھەممەسىلا مۇنتىزىم تولۇق كۇرس تەربىيىسى ئالغان ئىقتىدارلىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئىدى . بۇ گەپلەرنى ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم.(باشقا بىر كەسىپنى پۈتۈرگگەنلەر بولسا بەلكىم ئۇنچىلىك ھەيران قالماستىم).
مىنىڭچە،يالقۇن روزى ئەپەندى بۇ ماقالىدە ررشەن بولغان ئىككى سىلىشتۇرمىغا ئىھتىياجلىق بولغاچقىلا ئىشەك ۋە بىكخامدىن ئىبارەت ئىككى ئوبىكىتنى تاللىغان.ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئىشەكنى ماختاپ بىكخامنى تىللاش نىيىتى يوق.ماقالىدە دىيىلمەكچى بولغان مەركىزى مەسلە: ئۆز –ئۆزىڭنى،ئۆز مەدەنىيىتىڭنى باشقىلارنىڭ ئۆلچىمىدە ئۆلچىمە،ئۆزىڭنىڭ ئۆلچىمى بولسۇن.باشقىلار ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئويلاپ قالارمۇ دەپ ئۆز مەدەنىيىتىڭدىن تانما ياكى ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى بويچە ياشاشقا ئىنتىلمە.باشقىلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ياشاشقا ئىنتىلىش، سېنى باشقىلارغا ئوخشىتىپ قويىدۇ.سەندە ئۆز مەدەنىيىتىڭنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى كۆرەلەيدىغان مۇھەببەتلىك كۆز بولسۇن دىمەكچى. (بۇنى ھەرگىزمۇ تەرەققى قىلماسلىقىمىز كىرەك ،ھازىرمۇ نەگە بارساق ئىشەك مىنىپ ،يازدىمۇ ئۇزۇن تون ۋە تۇماق كېيىپ يۈرەيلى دىگەن مەقسەددە دىمىدىم. پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ قولىدا كولا كۆتۈرۋالغان بىر ئۇيغۇر نامازدىن پارىغ بولغاندا ئوخشاشلا ئۆز خەلقىنىڭ ئوتتىدا كۆيۈپ ،سۈيىدە ئىقىشى مۇمكىن بولغانغا ئوخشاش،ئەكىسىچە تۇماق كىيىپ ، ئىشەك مىنىۋالغان يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ بىرەر ۋاخ نامازمۇ ئوقۇماسللىقى ئەمەللىيەتتىن يىراق ئەمەس.تۇرمۇش ۋاستىلىرىمىز زامانىۋىلششى كىرەك ،ئىدىيمىزدە بولسا ئۆزلىكىمىز ساقلىنىشى كىرەك دىگەن مەقسەددە دىدىم.)
گىزى كەلگەندە شۇنى قىستۇرۇپ قويعۇم كەلدى. يىقىن بىر دوستۇم « شنجاڭ مائارىپى » ژورنىلىغا بىر پارچە ماقالە ئەۋەتكەن ئىدى .ئالتە ئايغىچە خەۋىرى بولمىغان،كىيىن قارىساق كەلپىنلىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ نامىدا بىرەر چىكتىمۇ ئۆزگەرمەي ئىلان قىلنىپتۇ.ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇكامدىن: يالقۇن روزى « شنجاڭ مائارىپى » ژورنىلىنى ھۆددىگە ئېلۋاپتۇ،500-600 كوي خەجلىسە تەييار ماقاللىلەرنى ئىلان قىلىپ بىردىكەن دىگەن گەپنى ئاڭلىغاندا تازا ئىشەنمىگەندى. شۇڭا يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ قول ئاسدىدىكىلەرگە كۆپرەك «كۆڭۈل بۆلىشىنى »ئۆمۈد قىلىمەن.
ئاخرىدا كىشلىرمىزنىڭ تىخىمۇ كۆپ ۋاختى ۋە زىھنىنى ئەھمىيەتسىز تالاش – تارتىشلارغا سەرپ قىلماي،شۇ زىھنى قۇۋۋىتىنى غەيرەتجان ئوسمان،ئازاد سۇلتان...قاتارلىق سەر – خىللىرىمىزدەك ئىلمى قىممتى يۇقرى ،پايدىلىنىش قىممتىگە ئىگە پاكىتلىق ئىلمى ئەسەرلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
[ kaysar007 تەرپىدىن 2008-05-23 12:11 قايتا تەھرىرلە ]