ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ
ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﺵ _ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ. ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﻳﺎﺵ _ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ ﭘﯧﭽﯩﻨﻪ _ ﭘﯩﺮﻩﻧﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯞﯦﺘﯩﺪﯗ.
ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﭗ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻗﻪﻧﺖ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ B1 ﻏﺎ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﻪﻧﺖ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ B1 ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻗﻪﻧﺖ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﻟﺘﺴﯩﻲ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻼﺳﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰﻛﻰ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﭽﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻳﯧﻴﯩﺸﻰ، ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﺎﻕ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺳﻪﯞﺯﻩ، ﺗﻪﺭﺧﻪﻣﻪﻙ، ﻣﺎﺵ ﺋﯜﺩﯛﺭﻣﯩﺴﻰ، ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺳﻪﻱ، ﺳﯘﯕﭙﯩﻴﺎﺯ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﯜﻧﺠﯜﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. <<ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ 500 ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.