جەمەتىڭىزنىڭ نەسەبنامىسىنى تۈزۋىلىڭ
مەن بىريىرىم يىل ئىزدىنىش، زىيارەت قىلىش، ماتىريال توپلاش، سۈرەتكە تارتىش ئارقىلىق قۇتۇق جەمەتىمىزنىڭ تۇنجى نەسەبنامىسى، سۈرەتلىك ئارخىپ، شەجەرىسىنى تۈزۈپ چىقتىم. گەرچە جەمەتىمىز كىچىك بولسىمۇ، لىكىن بۇنىڭغا قىزىققۇچىلارغا ياردىمى بولارمىكىن دەپ بىر قىسىم سۈرەتلەر بىلەن قۇشۇپ يوللاپ قويدۇم.
نەسەبنامە تۈزۈشتە تۈۋەندىكىلەر كەم بولسا بولمايدۇ.
1. جەمەتىڭىزنىڭ نامى(لەقىمى ياكى تەخەللۇسى)،نامنىڭ كىلىپ چىقىىشى، ياكى چۈشەندۈرۈلىشى.
2.جەمەتىڭىزنىڭ ئەمەل قىلىش قائىدىسى
3.جەمەتىڭىزنىڭ شەجەرىسى(تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئەجداتلىرىڭىزنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى سىخما گىرافىكى)
4.جەمەتىڭىزنىڭ تارىخى
5.جەمەتىڭىزنىڭ كىيىم- كىچەك، يىمەك- ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتى
6.جەمەتىڭىزنىڭ كەسىپ ، خىزمەت ئەھۋالى، ئىقتىسادىي تۇرمۇش، جان بىقىش شەكلى
7.جەمەتىڭىزنىڭ مىجەز- خاراكتىر ئالاھىدىلىكى، بوي -تۇرقى، رەڭ مايىللىقى، قان تىپى، ئۈمۈر كۈرۈش ئالادىلىكى
8. جەمەتىڭىز ياشاپ ئۈتكەن يۇرت ئەھۋالى(ئەجداتلىرىڭىز بۇرۇن ياشىغان يۇرت مەھەللە ئەھۋالى، ئېكولوگىيسى، سۇ، تۇپراق شارائىتى)، تەرققىيات ئەھۋالى، ئولتۇراقلىشش ئەھۋالى
9.جەمەتىڭىزدىكى ھاياتلار تىزىملكى(جەمەتىڭىزدىكىلەرنىڭ بوي ئىگىزلىكى، قان تىپى، ئادىرسى، توي قىلىش ئەھۋالى، تىلفۇن نۇمۇرى...)، ۋاپات بولغانلار تىزىملىكى، جەمەتىڭىزدىكىلەرنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى، قۇيۇلغان قەبرىستانلىق ئورنى.
10. جەمەتىڭىزدىكىلەرنىڭ سۈرەتلىك ئارخىپى(ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئەزانىڭ سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈش يىزىلغان ئارخىپى)، جەمەت تارىخىدىكى ئەجداتلارنىڭ قىسقىچە (ياكى تۇلۇق)تەرجىمھالى.
11. جەمەتىڭىز تارىخىدا ئۈتكەن داڭدار شەخىسلەرنىڭ تەرجىمھالى، ئىش پائالىيەتلىرى.