ئۇيغۇر دېگەن سەندەك بولسا ......
2007-يىلى 7- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى گېلىم ئاغرىپ قېلىپ، شەھەرلىك دوختۇرخانىغا ئاسما ئاستۇرغىلى چىقتىم . ئاسما بولىمىدە بىر نەچچەيلەن بار بولۇپ ، ئۇدۇلدا ئولتۇرغان 26-27 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى . ئۇ ئۇچىسىغا ئەرلەر كىيىدىغان ئاسما مايكىنىڭ سەل ئۇزۇنراقى دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ . ئاشۇنداق كۆينەك كىيىۋالغان ، قۇلىقىغا مەن بىلەيزۇك قىلسام چوڭ كەلگۈدەك ھالقا تاقىۋالغان بولۇپ، چاچلىرىنى ھازىرقى زامان مودا خەنزۇلارنىڭكىدەك ياسىتىپ قويىۋەتكەن ئىدى . چىرايى ئۇيغۇرغا ئوخشايتتى ، لېكىن سىرتىدىن ھىچكىم ئۇنى ئۇيغۇر دېمەيدۇ .
ئولتۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن بىر ئايال ئۇنىڭدىن ( خەنزۇچە ) سورىدى :
__ مەن سىزنى بىر يەردە كۆرگەن . سىز نېمە ئىش قىلىسىز ؟
__ مەن ئۇيغۇر ، ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋېرىڭ . خەلق مەيدانىنىڭ يېنىدىكى چوڭ رەسىمخانىنىڭ يېنىدا داڭلىق ماركىلىق گىرىم بويۇملىرى ماگىزىنىمىز بار ، بەلكىم مېنى شۇ يەردە كۆرگەنسىز .
__ ئۇ خەنزۇنىڭ ماگىزىنىغۇ ؟
__ شۇنداق ، مەن شۇ ماگىزىن خوجايىنىنىڭ ئايالى .
__ ھە ! _ ھەممەيلەن ھەيران بولۇشۇپ ، بىر -بىرىمىزگە قاراشتۇق .
__ سىز قەيەردىن ؟ _ ئۇنىڭ جاۋاپ بەرگۈسى كەلمىدى بولغاي :
__ باشقا يۇرتتىن _ دەپلا قويدى .
سېستىرا ئايال ماڭا ئاسما ئاسقاچ :
__ ئۇيغۇرچىنى بىلىدىكەن- ھە؟ _ دېدى. مەن ئۈن چىقارمىدىم .
__ مەن ئۇيغۇر تۇرسام ؟
سېستىرا ئايالمۇ تەئەجۇپ بىلەن ئۇنىڭغا باشتىن- ئاياغ سەپ سېلىپ قارىدى . ئاسمىسى تۈگۈگەنلەر بىر - بىرلەپ چىقىپ كېتىشتى . بۆلۈمدە ئىككىمىزلا قالدۇق .
__ سىز نېمە ئۈچۈن خەنزۇ بىلەن توي قىلغانتىڭىز ؟ _ سورۇدۇم مەن ئارىدىكى جىملىقنى بۇزۇپ .
__ مەن ئىلگىرى بىر ئۇيغۇر يىگىت بىلەن يۈرگەن . بىر قېتىم بىز گەپ تەگىشىپ قالغاندا ، ئۇ مېنى ئۇرغان . شۇنىڭ بىلەن مەن : << ئۇيغۇر دېگەن سەندەك بولسا.. ... ئۇيغۇر بىلەن توي قىلماسمەن ...... >> دەپ ، ھازىرقى خەنزۇ يولدۇشۇم بىلەن تونۇشۇپ توي قىلدىم . ئۆزەممۇ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ، ئۇنىڭدىن بىر بالام بار . ئۇ مېنى بەك ئاسرايدۇ . مەن بالىنى باقسام ئۇ كىر-قاتلارنى يۇيۇپ ، تاماق ئىتىدۇ . ئۆيدە ئانچە ئىش قلمايمەن .
__ نېمە كېسەل بىلەن ئاسما ئاستۇرۇۋاتىسىز ؟
__ ئاياللار كېسىلى بىلەن .
......................................................................
بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن شۇ قىز بىلەن تەڭ دەمەتلىك بىر خەنزۇ ( يولدىشى بولسا كېرەك)
كىرىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ بىر نىمىلەرنى دېدى . ئىككىسى بىر دەم قوللىرىنى تۇتۇپ ئەركىلىشىپ ، بىردەم قاپاقلىرىنى تۈرۈپ تاكاللىشاتتى . مەن ئۇڭايسىزلىنىپ باشقا يەرلەرگە قارىۋالاتتىم . ئۇلار ئاسمىنى تۈگەتكەندىن كېيىن چىقىپ كېتىشتى .
ئىلگىرى مەن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلغانلىغىنى ئاڭلىغان بولساممۇ ، بۆگۈن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم .
.................................................................................
كېيىن مەن مەقسەتلىك ھالدا شۇ ماگىزىنغا كىردىم . راستىنلا ئىككىسى ئولتۇراتتى . بىر نەچچە مۇلازىمەتچى ئۇيغۇر قىزلارمۇ بار ئىدى .
_____________________________________________________
ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم ،سىلەرگە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ . ياخشى كۆرۈش ، توي قىلىش ئەركىنلىك . بىراق ئازراق نام - مەنپەت ، ھېسياتنى دەپ ئۈزەڭلارنى، ئىمانىڭلارنى ، ۋىجدانىڭلارنى بۇلغۇماڭلار !!!! پاك -دىيانەتلىك ياشاڭلار !!!!!!!
ئەرلەر ، سىلەرمۇ قىز -ئاياللارغا ھەقىقى كۈيۈنۈڭلار !! ئاسراڭلار ! بۆگۈنكى قىزلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك ، كەلگۈسىدىكى ئانىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك ، مىللىتىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك !!!!!!!!
مەنبە : ئىجادى ئەسەر[ xadia تەرپىدىن 2008-05-23 17:27 قايتا تەھرىرلەنگەن ]