قوغان يېزىسىدا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆسمۈرلەرنىڭ‹‹ كىچىك بۈركۈت لوڭقىسى›› نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
ئىختىيارىي مۇخىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، قەمەردىللا دولقۇنلار خەۋىرى، فوتوسى : قەشقەر شەھىرىگە تەۋە قوغان يېزىسىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپلەر بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن 5-ئاينىڭ 22- كۈنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ‹‹ كىچىك بۈركۈت لوڭقىسى›› نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.
بۇ مۇسابىقىگە 14 كوماندىدا 235 نەپەر تەنھەركەتچى قاتناشقان بولۇپ ، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىكەن . سۈرەتتە: پۇتپول مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈشلەر
سۈرەتلىك خەۋەر
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئامىنە ھەمدۇل خەۋىرى ، فوتوسى : قاراشەھەر ناھىيىلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتەپ مۇھىتىنى ياخشىلاپ ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇش ، تەن- سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، يېڭىدىن بىر يۈرۈش بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىپ ، مەكتەپ قوروسىغا 210 كۋادىرات مېتىردىن ئاشىدىغان بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانى ياساپ ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتتى .سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار بەدەن چېنىقتۇرماقتا
[ ajrim تەرپىدىن 2008-05-23 12:35 قايتا تەھرىرلەنگەن ]