ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر گەرچە بىز كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يەپ ئادەتلەنگەن بولساقمۇ لېكىن شۇ بىز يەپ كېلىۋاتقان ياكى يەپ باقمىغان تاماقلىرىمىزنىڭ تۈرلىرىنى ۋە ئىسمىنى تولۇق بىلىپ كېتەلىشىمىز ناتايىن شۇڭا بۇ « تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش » ئەپەندى يازغان ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرىنى ھوزۇرىڭلارغا سۈندۇم . كۆرۈپ بىقىشىڭلارنى ئالاھىدە تەۋىسىيە قىلىمەن . تاماقلارغا خاندۇر ئۇيغۇر تائاملىرى ،
بىزگە شەرەپ - شاندۇر ئۇيغۇر تائاملىرى .
خاسىيەت ھەم شىپائىي بار ھەربىرىنىڭ ،
بىزگە ھۆسىن - خالدۇر ئۇيغۇر تائاملىرى .
- مۇھەممەتجان راشىدىن
ئۇزۇقلىنىش - ھاياتلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى ، شۇڭا ئەقىللىق ئەجدادلىرمىزدىن «قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرماس» دېگەن ھېكىمەت مىراس قالغان . ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەقىيات مۇساپىسىدە ، ئۆزلىىرنىڭ ياشىغان تەبىئىي شەرت - شارائىتى ، مىزاجى ، ئۇزۇقلىنىش ئادىتى ئېتقاد ئادەتلىرىگە ماس كېلىدىغان ، ئىنتايىن كۆپ تائام تۈرلىرىنى ، شۇنداقلا ئىلمىي ئوزۇقلىنىش توغرىسىدىكى قىممەتلىك رىسالىلەرنى بىزگە مىراس قالدۇرۇپ ، ئۆزىگە خاس تائام مەدەنىيتى . تاماق ئېتىش ھۆنەر - سەنئىتى شەكىللەندۈرگەن . ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگە مىراس بولۇپ خەلقىمىزگە ئۈچ ۋاق ھەمراھ بولۇپ ، ئۇلارغا كۈچ - قۇۋەت ، ئەقىل پاراسەت ، ساغلاملىق ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان ، جانغا ھوزۇر ، تىلغا لەززەت بېغىشلىغۇچى ئەنئەنىۋى تائاملىرمىزنىڭ تۈرلىرى ھەقىقىتەن كۆپ . ئۇيغۇر تائاملىرى تەمى ، پۇرىقى ، ئېتىلىشى ئۆزگىچە بولۇش ، كۆرنىشى ، شەكلى ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغاش ، مىللى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولۇش ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقرى بولۇشتەك بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەنمۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق .
خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان قەدىمكى تۈرلۈك تارىخىي كىتاپلاردىمۇ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تارىخىي توغرىسىدا قىممەتلىك بايانلار خاتىرلەنگەنلىكى مەلۇم . ئۇلۇغ ئالىم ، تىلشۇناس مەخمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا قەدىمكى ئۇيغۇر يىمەك - ئىچمەك مەدەنىيتىگە ئائىت 80 نەچچە ئاتالغۇ تىلغا ئېلىنغان . بۇلارنى يىمەك ئىچمەك مەنبەسى ، يىمەك ئىچمەك تۈرلىرى دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ .
1) يىمەك - ئىچمەك مەنبەسىدە ئاساسەن تارىغ (بۇغداي) ئارپا تۇتۇرقان (گۈرۈچ) تۆگى (تېرىق) . قوناق ، سۇ ياغ ، قاغۇن (قوغۇن) . ياغ ، ئەت (گۆش) سۈت ، يۇند (ئات) ، ئۇد (كالا) ، قوي ، ئۆچكە (ئۆچكە)، تاقاغۇ (تۇخۇ) ، ئۆردەك ، قاز ، (غاز) ، بالىق (بېلىق) ، يۇمۇرۇتغا (تۇخۇم) بال (ھەسەل) ، سارمۇ ساق (سامساق) ، ئوغلى (ئاق سەۋزە) مۇرچ (قارا مۇچ) سىپۇت (يۇمغاقسۈت) ، سۇغۇن (پىياز) ، تۇرما (تۇرۇپ) ، چاغمۇر (چامغۇر) ، تارماز (تەرخەمەك) بۈتۈگە (پىدىگەن) ، ياغ گۆش ، كۆكتات قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان .
2) يىمەك ئىچمەك تۈرلىرىدىن ئاساسەن تۆۋەندىكىلەر تىلغا ئېلىنغان : (1) كۆمەچ ، نان تۈرلىرىدىن ئاساسەن تۆۋەندىكىلەر تىلغا ئېلىنغان : (نان) ، چوقمىن (ھۆرنان) ، قاتما (قاتلىما) ، توقاچ ، كۆزمەن (كۆمەچ) يۈسكەچ (كاكچا) ، پوشكەل (پوشكال) ، قۇيما (قۇيماق) ... قاتارلىقلار ؛ (2) سۈيۈق - سەلەڭ ، قاينىتىلغان تائاملاردىن ئۈگرە ، قېيما ئۈگرە ، سارماچۇق (قۇچقاچ تىلى ئاش) ، لەتۈ (بىر خىل سۈيۈق تاماق) ، تۇتماچ (چۆپ) قاتارلىقلار ؛ (3) گۆش تۈرىدىكى تائاملاردىن سۆگلۈنچۈ (كاۋاپ) ، مۇن (شورپا) ، قازى (قېزا) سوغۇق (ھېسىپ) قاتارلىقلار ؛ (4) ئىچىملىك تۈرلىرىدىن ئايران (جېتىق) ، سۈزمە ، بۇخسۇم (بوزا) قېمىز قاتارلىقلار .
يۈەن سۇلالىسى دەۋرى (1279- 1368) دە ، ئوردىدا ساراي داستىخانچى ، ئوزۇقشۇناس ۋە ئۇردا تېۋىپى بولۇپ ئىشلىگەن مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابەت ئالىمى قۇسقۇي تەرىپىدىن يېزىلغان «شىپالىق تائاملار دەستۇرى» دا بۇنىڭدىن 600 - 700 يىللار بۇرۇنقى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن تائاملىرى ، ئەت گۆشلەر ، كۆكتاتلار ، خۇرۇچلار ۋە پەرھىزلەر بايان قىلىنغان .
يېقىنقى يىللاردىن بىرى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيتى ھەققىدە خېلى نوپۇزلۇق رىسالە ۋە قامۇسلارنى نەشىر قىلدۇردى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرنىڭ تۈرلىرنى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇردى . مەسلەن : توختى باقى تەرپىدىن تۈزۈلگەن (شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى ، 1984 - يىلى نەشىرى) «ئۇيغۇر تائاملىرى» ناملىق كىتابقا 300 خىلغا يېقىن ئۇيغۇر تائاملىرى كېرگۈزۈلگەن . ئالمۇتىدا نەشىر قىلىغان «ئۇيغۇر تائاملىرى» ناملىق كىتاپتا 640 نەچچە خىل تائام ۋە ئۇنىڭ خۇرۇچلىرى تونۇشتۇرۇلغان . باش تەتقىقاتچى ۋەكى كېرەم كۆكئالىپ تەرپىدىن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى» (شىجاڭ سەھىيە نەشىرياتى تەرپىدىن 2007 - يىلى نەشر قىلىنغان) ناملىق كىتاپقا نۇرغۇن تائاملار كىرگۈزۈلگەن . ئاپتۇر كىتابىدا ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ، «بۈگۈنكى كۈندە بىز ۋارىسلىق قىلۋاتقان ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرى 100 خىلدىن ئارتۇق سان ، سۈپەت جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ ، دەپ ئېتساق ئارتۇق كەتمەيدۇ» دەپ يازغان. شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى «ئۇيغۇر يىمەك - ئىچمەك مەدەغىيتى مەجمۇئەسى» دېگەن سەرلەۋھىدە بىر يۈرۈش 23 پارچە كىتاپ تۈزدى ، ئۇنىڭ ھازىر 12 كىتابى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى . يۇقۇردىكى بىر قاتار كىتاپلارغا ئاساسلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنى ۋە كېيىن باشقا مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرگەن تائاملىرىنى مېنىڭچە تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ :
1) نان تۈردىكى تائاملار
نان تۈردىكى تائاملار دېگەندە شەكلى قوياش ، ئاينى ئەسلىتىدىغان ، پىشۇرۇش ئۇسسۇلى ئۇخشاش بولمىغان ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدىغان ، ساقلاپ يىيشكە ماس كېلىدىغان ، توي نەزرە ، مىھماندارچىلىقتا كۆپ ئىشلىتىلدىغان ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان تائاملار نەزەردە تۇتۇلىدۇ . نان تۈرىدىكى تائاملارنىڭ پىشۇرۇش ئۇسسۇلى ئوخشاشمىغاچقا ، ئۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلىمىز :
1)قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغانلىرى كۆمەچ : بۇ ناندىن بۇرۇن ئىجاد قىلىنغان تائام بولىشى مۈمكىن . مەھمۇد قەشقىرى «تۈرك تىللار دىۋانى» دا ئۇنى «كۆزمەچ» دەپمۇ ئاتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان . بۇ خىل تائام ھازىر كېرىيە ناھىيسىنىڭ دەريا بويى يىزىسدىكى ئۇيغۇرلاردا ۋە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ھېلى ھەم مەۋجۇد . ئۇ كۆمەچ گۆش نان ، قوقاس پېتىر كۆمىچى ، كۆممە قاتنان قاتارلىق 20 خىلدىن ئاشىدۇ .
2) تونۇردا پىشۇرۇلىدىغانلىرى نان (ئەتمەك ، ئەپمەك) ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تامىقى بولۇپ قومۇلنىڭ قارا دۆۋە قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 3200 يىلنىڭ ئالدىدىكى نان تېپىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا تۇرپاننىڭ ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانىقىدىنمۇ قەدىمكى نان تېپىلغان ئۇيغۇرلادا ناننىڭ تارىخى ھەقىقىتەن ئۇزۇن ، تۈرى كۆپ شۇنداقلا نانغا مۇناسىۋەتلىك ئۆرۈپ - ئادەتلىرىمۇ مول بۇلغاچقا ، مۇكەممەل نان مەدەنىيتى يارتىلغان دېيىشكە تامامەن بولىدۇ . ناننىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى - ئۆي نېنى ، توقاچ ، سەپەر توقىچى ، توي نېنى ، كاكچا نان ، پېتىر نان ، گىردە ، بىجاق نېنى (كۇچا نېنى) . دامان نان ، ھەمەك نان ، شېكەر نان ، ياغلىق توقاچ ، شىرمان نان ، سىيادان توقىچى ، كۈنجۈت توقىچى ، سۈتلۈك توقاچ ، گۆشنان ، قاتلىما ، جىگىردەكلىك نان ، جىرىس نان ، زاغرا نان ، جىگىردەكلىك زاغرا ، سۈتلۈك زاغرا ، سۆك نان ، جۆۋەندە نان (قوشۇقلۇق نان) ، مۇنارنان ، قېيمىلىق قاتلىما ، تاغ نېنى ، چاپىتى ، گۇچۇڭ توقىچى ، لوپنۇر توقىچى ، بازار نېنى قاتارلىق 40 خىلدىن ئاشىدۇ .
3) قازاندا پۇشۇرۇلىدىغانلىرى قاتلىما ، قوتۇرماچ (قاتۇرما) ، پىياز قاتلىمىسى ، پىششىق خېمىر قاتلىمىسى ، قاتلانغان قوتۇرماچ (قاتۇرما) ، پىياز قاتلىمىس پىششىق خېمىر قاتلىمىسى ، قاتلانغان قوتۇرماچ ، تۇخۇم قوتۇرمىچى ، پوشكال (بۇ تاماقمۇ بىر قانچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە) قات - قات پوشكال ، تاتلىق پوشكال توخۇم پوشكىلى قاتارلىقلار .
4) تاۋىدا پۇشۇرۇلدىغانلىرى تاۋ چوڭ نېنى ، شېكەر توقاچ ، ماي توقاچ ، گۆش قىيمىلىق قاتلىما توقاچ ،مېغىز قېيمىلىق قاتلىما توقاچ ، تاۋ توقىچى ، چۈرۈك قاتلىما توقاچ ، قېيمىلىق تاۋ نېنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
2 . قاينىتىلغان ۋە سۇيۇق - سەلەڭ تائاملار
چۆپ : بۇ تائامنىڭ تارىخ ئۇزاق بولۇپ تەخمىنەن 2300 يىللىق تارىخقا ئىگە مەخمۇت قەشقىرى «تۈركى تىللار دىچۋانى» دا ئۇنىڭ «تۇتماچ» (تۇتماچ ئاش) دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ، تۈرۈكلەرنىڭ ئاتاقلىق تائاملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قۇۋەتلىك ، ئادەملەرگە پايدىلىق تائام ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق لەتىپچىسى ، قوشاقچى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇزىكانتنى سەلەي چاققان (1790 - 1850) مۇ «چۆپ بولسا» نامىلىق قوشقىدا بۇ تائام توغرىسىدا مۇنداق قوشاق قوشقان ئاتۇش قىزلىرى ئوتقاش ،
ئاشنىڭ يىلىكى چۆپ ئاش،
قول باغلىشىپ تۇرىدۇ ،
چۆپ ئاش ئالدىدا كۆپ ئاش ،
بەشكېرەم ئۇنى بولسا ،
ئاۋاتنىڭ تۈزى بولسا ،
زەپ ئوخشايدۇ چۆپ دېگەن ،
ئاتۇشنىڭ قىزى بولسا .
چۆپنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى : نارىن چۆپ ، ئاتۇش چۆپى ، قايماق چۆپ ، قېزا نارىن ، ياغلىما چۆپ ئۆكۈز تىلى چۆپ دېگەنلەردىن ئىبارەت . ئوماچ ئاتلا ، ياما ، يوبدان ، سىقماق ، شۇۋىگۈرۈچ ، ماشخوردا ، ئاق ئاش ، نەۋرۇز ئېشى ، خان ئېشى ، كۆكۋاش ئېشى ، سۆك ئېشى قاتارلىقلارمۇ سۇيۇق تاماقلارغا كىردۇ . سۇيۇقئاش چوڭ بىر تۈر بولۇپ ، ئۇنىڭ يەنە ئۈگرە ، قورۇما ، ئۈگرە خولۇپئاش ، كەسمە قوشقاچ تىلى كەسمە ، ئۈزۈپ ئاش ، كۆك پۇرچاق ئۈگىرىسى ، ماش ئۈگىرىس ، مەنچىزە سۇيۇقئاش ، بېمار ئېشى ، ھاردۇق ئېشى ، كۆجە ئاش ، يىرتىپ ئاش ، توي ئېشى ، غورا ئۈگرىسى ، قېتىق سۇيۇقئاش ، كۇچا سۇيقئىشى قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق تۈرى بار .
3 . گۆش (ئەت) تائاملىرى
گۆش تائاملىرىنى تەييارلاش ئۇسسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن ، تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ :
1) شورپىلار ئاق شۇرپا ، قورۇما شۇرپا ، چەينەك شورپىسى ، قىيما شورپىسى ، باچكا شورپىسى ، توخۇ شۇرپىسى ، تۇخۇم شۇرپىسى ، بېلىق شۇرپىسى ، تاۋۇز شورپىسى قاتارلىقلار .
2) كاۋاپ (سۆگلۈنچۈ ياكى قاقلىما ئەت) كاۋاپنىڭ تارىخىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن چەرچەن ناھىيسىنىڭ زاغۇنلىق قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 2800 يىل بۇرۇنقى يۇلغۇن زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن كاۋاپ تېپىلغان . كاۋاپ زىق كاۋاپ ، تونۇر كاۋاپ ، شىرى كاۋاپ ، تاۋا كاۋاپ ، قىيما كاۋاپ ، قورۇما كاۋاپ ، پوستۇمبا كاۋاپ ، سوقما كاۋاپ ، بۆرەك كاۋىپى ، تال كاۋىپى ، قورۇغا كاۋاپ ، بەل كاۋاپ ، مۇنار كاۋاپ ، كۆممە كاۋاپ ، دۈمبە جىگەر كاۋاپ ، بېلىق كاۋىپى ، جاڭگال كاۋىپى ، توشقان گۆش كاۋىپى ئۆردەك كاۋىپى ، غاز كاۋىپى قاتارلىق 25 خىلدىن ئاشىدۇ .
3 . قېزا .
4) دۈملىمە دۈملىمە تۇخۇ دۈملەنگەن چۆجە دۈملىمە گۆش ، دۈملىمە بېلىق ، دۈملىمە پاچاق قاتارلىقلار .
5) كاللا پاقالچاق ، ئۆپكە .
4 . قيمىلىق تائاملار
بۇ خىل تائاملارنى تۆۋەندىكى ئالتا خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ .
1) مانتىلار بولاق مانتا ، پىتىر مانتا ، كاۋا مانتىسى ، چاۋا مانتىسى ، شېكەر مانتا ، كۈدە مانتىسى ، جاڭدۇ مانتىسى ، ياغ مانتىسى ، ئاش مانتا ، رەڭلىك مانتا ، يېسۋىلەك مانتىسى ...
2)چۆچۈرىلەر چۆچۈرە ، قورۇما چۆچۈرە ، كۆك چۆچۈرىسى ، تۇخۇم چۆچۈرىسى ، قايماق چۆچۈرىسى ، مېغىز چۆچۈرىسى ، قىزىل بىداچ چۆچۈرىسى ، يالپۇز چۆچۈرىسى ، لوپلا چۆچۈرىسى ، پىننە چۆچۈرىسى ...
3) سامسىلار سامسا ، گۆش گىردە ، پەرمۇدە ، قاتلىما سامسا ، ياغ سامسا ، تۇخۇم سامسىسى ، كۆك سامسىسى ، كاۋا سامسىسى ، قىزىل بىداچ سامسىسى ، شۇخلا سامسىسى ...
4) پۈرۈلەر گۆش پۆرىسى ، كۆك پۆرىسى ، تۇخۇم پۆرىسى ، ياۋا كۈدە پۆرىسى ...
5)تۈگرە (جۇۋاۋا ياكى جىن چۆچۈرىسى) تۈگرە ، شورپۇلىق تۈگرە ، قورۇق كۆك تۈگرىسى ، بىدە تۈگرىسى ، پالەك تۈگرىسى ، يېسىۋىلەك تۈگرىسى ، ئۈندۈرمە تۈگرىسى ، تۇرۇپ تۈگرىسى ...
6)باشقىلار موندەك ، تۈرمەل ، پەرەمىش ، (خوشاڭ) ، سامپۇسا . تەپمەك ...
5 . قورۇما تائاملار
بۇ خىل تائاملارنى ئېتىدىغان ماتېريالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ .
1) ئۇن تەركىپلىك قورۇما تائاملار ئۆي لەڭمىنى ، كاتتا لەڭمەن ، (گۇيۇرۇ) غۇنچە گۆش لەڭمەن ، كۈدەك لەڭلەن ، قوۋرۇغا لەڭمەن ، تاسما لەڭلەن ، غېرىچ لەڭمەن ، قوۋرۇغا لەڭمەن ، بۇتقا لەڭمەن ، كېسىپ لەڭمەن ، باچكا لەڭمەن ، چامغۇر لەڭمەن ، تۇخۇم - كۈدە لەڭمەن ، ياغ لەڭمەن ، گۈرۈچ ئۇنى لەڭمىنى ، يەركەن لەڭمىنى ، (تۇخۇرمىيەن) ؛ قۇرغاق قورۇما چۆپ ئۈزمە چۆپ قورۇمىسى (سومىيەن) ، قەلەمچە چۆپ قورۇمىسى ، دىڭدىڭ قورۇمىسى ، قۇرداق نان قورداق ، قىيما قورداق ، ياپما (پىتىر ياپما ، بولاق ياپما ، قاتلىما ياپمىلار) ، قولدۇما ، قارا بۇغداي قولدامىسى ، قورۇما چۆپ ، شۇخلا چۆپ ، كۆك چۆپ ، (سەي چۆپ) تۇخۇ نارىن ، شۇڭگۇتماق ، زاڭ (جوتاڭ) گۈرۈچ چۆپ قورۇمىسى (سومىفىن)...
2) گۈرۈچلۈك قورۇما تائاملار پولۇ : بۇ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ سۇلتانى - شاھى بولۇپ ، تارىخى ئۇزۇن ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە : گۆشلۆك پولۇ ، ماش گۈرۈچ پولۇ ، قېيزا پولۇ ، تاتلىق پوپۇ ، تۇخۇم پولۇسى ، بېھى پولۇسى ، قىيمىلىق پولۇ ، تۇخۇ پولۇسى ، (قارا ئاش) سۆك پولۇسى ، ئاق ئاش ، بەقەسەم پولۇ ، شادى پولۇ ، يارما پولۇ ، بۇغداي پولۇسى ، بولۇپ ، 25 خىلدىن ئاشىدۇ . ئۇنڭدىن باشقا بۇ تۈرگە شويلا ، بەتتە ، گاڭفەن ، قورۇما گاڭفن ، ماش گۈرۈچ ئاش ، سىڭدۈرمە ، ھېسىپ قاتارلىقلارمۇ كىرىدۇ .
6 . تاتلىق يېمەكلىكلەر
تاتلىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش ئۇسسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ :
1) سۇيۇقراق كەلگەن تاتلىق يېمەلىكلەر ھالۋا : قەنت ھالۋىسى ، ئۈجمە ھالۋىسى ، قوغۇن ھالۋىسى ، شىرنە ھالۋىسى ، تاۋۇز ھالۋىسى ، بۇلماق شىرنە (نىشالە) ، ئېرىس قاتارلىقلار .
2) قاتۇرۇپ پىشۇرۇلغان تاتلىق يېمەكلىكلەر (تاتلىق تۇرمۇلار) تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبىرىستانلىقىدىن چىققان تاڭ سولالىسى دەۋرى (618 - 907) گە ئائىت قەبىرلەردىن تېپىلغان پېچىنە - پىرەنىكلەرگە قاراپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل تائاملىرىدىن پايدىلىنىش تارىخىنىڭ قەدىمىيلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ .
ئۇيغۇر پېچىنە تورتلىرىنىڭ تۈرى 30 نەچچىدىن ئاشىدۇ ، ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىچە : بال پىرەنىك ئاق پىرەنىك ، ئېرىس پىرەنىك ، ياغلىق پېرەنىك ياڭاقلىق پېرەنىك ، ماشىنا پېرەنىك ، بالىلار پىچىنىسى ، قايماق پېچىنە ، قەۋەتلىك بال تورت ، ياڭاق تورت ، ئاق - قارا تورت ، توخۇم تورت ، شاكىلات تورت ، كۈنجۈت تورت ، قوناق ئۇنى تورتى ، ئالما تورت ، يۆگىمە تورت ، باققالى ، تۇچ ، بولكا...
7 . قورۇمىلار
ھازىر ئۇيغۇر رېستۇرانلىرى تېز تاماقخانىلار ۋە ئائىلىلەردە ئېتىلۋاتقان ، قېرنداش ، مىللەتلىرىنىڭ بىر قىسىم قورۇملىرىدىن ئىسلاھ قىلىنىپ ، ئۇيغۇر قورۇملىرى تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەن قورۇملارنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى - ھايۋانات ، ئۇچار قوشلارنىڭ گۆش ۋە تۇخۇم قورۇمىلىرى ، بېلىق گۆشى تۈرلىرى قورۇمىلىرى ، شىپالىق قورۇمىلار ، دېڭىز مەسۋۇلاتلىرى ، بېلىق گۆشى تۈرلىرى قورۇمىلىرى ، ھۆل - قورۇق مېۋىلەر گۆشسىز قورۇمىلىرى دېگەن تۈرلەر بويىچە 200 خىلدىن ئاشىدۇ .
8 . باشقىلار
ساڭزا ، قايماقلىق ھورنان ، ھور قاتلىما ، (يۇتازا) سېرىقئاش ، قېيىقچە بوغۇرساق ، راڭپىزا ، ئەشمە قويماق (ماخار) ، بېلىق تالىقىنى ، ئۇجۇل تالقىنى (لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېكەننىڭ توزغۇقىدىن تەييارلانغان ئالاھىدە تامىقى) ، ئۇجۇل قاتۇرمىسى ، ئۇجۇل ھالۋىسى ...
ئۇيقۇر تائاملىرىنىڭ تۈرى ھەقىقىتەن كۆپ بولۇپ ، ئۇنى ئايرىم بىر دۇنيا دېيىشكە بولىدۇ . بىر پارچە قىسقا ماقالە ئارقىلىق ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس ، مەن بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرىنى تېلغا ئېلىپ ئۆتتۈم ، تۈرلەرگە بۆلۈشتە ئېلمىي بولمىغان ، تولۇق بولمىغان ئەھۋاللار بولىشى مۇمكىن ، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەپۇچانلىق بىلەن پايدىلىنىشنى ۋە قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلىرىنى بېرىشنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن . مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژۇرنىلىدىن ئېلىندى. [ chogluk تەرپىدىن 2008-05-30 18:38 قايتا تەھرىرلەنگ ]