ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ
ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ
ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻛﯩﻤﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،
ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻨﻰ ﺯﻩﻱ -ﺷﻮﺭ ﺑﯩﺴﯩﭗ ﭼﯩﻤﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﺎﺵ ﺗﯘﺯﯨﺪﺍ ﺋﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﯛﻡ ،
ﻳﯜﺭﯛﺵ - ﺗﯘﺭﯗﺵ ، ﺋﻮﻱ - ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﻩ ﺭﯨﻤﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﺩﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺭﻭﮬﻰ ﺯﻩﻳﯩﭙﺎﻧﻪ ،
ﺋﻪﻗﻠﻰ ﭘﯘﻟﭙﻪﺯ ، ﻏﻮﺭﯗﺭﻯ ﺩﻩﺯ ، ﻧﯩﻤﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
ﻗﯩﺰ ﭼﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺷﻪﺭﻣﻰ - ﯞﺍﭘﺎ ﻛﻪﻡ ،
ﺑﯩﺸﻰ ﭼﯘﯞﯗﻕ ، ﻛﯚﻛﺴﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ، ﺷﯩﻤﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
ﺗﻪﯕﻼ ﺋﻪﺗﻪ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻐﺎ ﻟﻪﯞﺯﻯ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﻳﻮﻕ ،
ﺟﯩﺴﻤﻰ ﻛﻪﻳﯩﭙﻰ - ﺋﯩﺸﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﻤﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﮔﯘﻣﺮﺍﮬﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯩﺘﯘﻝ ﻏﺎﭘﯩﻠﻠﯩﻖ .
ﭘﯘﺭﻗﯩﺘﯩﯖﺪﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺗﯩﺖ - ﺗﯩﺖ ﺟﯩﻤﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ
ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ
ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ 1943 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﮔﯘﻣﺎ ﻧﺎھىيىسىنىڭ ﺷﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. 1951 - ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ 1958- ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﺎ ( ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ) ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ، ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ 1- ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ، 1973 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯩﺘﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ ﯞﻩ ﻻﯕﺮﯗ ﻳﯩﺰﯨﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺗﯩﻞ - ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ . 1980 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ < ﻳﯧﯖﻰ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ > ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ 1973- ﻳﯩﻠﻰ < ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮔﯩﺰﯨﺘﻰ> ﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ < ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﺩﺍﺷﯚﺳﯩﯔ ﺑﻮﻟﺪﻯ > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯩﺰﯨﺖ -ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ < ﭼﯜﺷﻨﺎﻣﻪ > 12ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 12 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﻼﺩﯨﺴﻰ، 1000 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺷﯩﺌﯧﺮﻯ ﯞﻩ ﺭﯗﺑﺎﺋﯩﻴﺴﻰ، < ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﮬﯩﻜﺎﻳﻪ > ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺴﻰ < ﺋﻪﺗﻪﺑﻪﺗﯘﻝ ﮬﻪﻗﺎﻳﯩﻖ > ﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﻳﻪﺷﻤﯩﺴﻰ، < ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﺪﺍ > ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻨﯩﭗ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ. < ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻨﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ >، < ﺑﯘﻗﯩﺰ ﻛﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﯘﻥ >، < ﻣﻪﺭﮬﺎﺑﺎ >، < ﺋﺎﮬ ، ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺵ >، < ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ >، < ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﯜﺗﻜﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ >، < ﺭﻭﺑﺎﺋﯩﻴﻼﺭ، ﺗﯘﻳﯘﻗﻼﺭ >، < ﺧﯩﻴﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ >، < ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﻰ >، < ﭘﺎﮬ ، ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﻰ > ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻼﻣﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺘﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ < ﺋﺎﮬ ، ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻣﺒﯘﻝ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﯔ >، < ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﭼﯜﺷﯜﻣﮕﻪ >، < ﺑﯘﺧﻮﺗﻪﻥ، ﻣﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﯩﺰﻯ > ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﺋﺎﮬﺎﯕﻐﺎ ﺳﯧﻠﻨﯩﭗ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﺰﺍ - ﺳﻪﮬﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﯕﺮﯨﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻨﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺪﻯ . ﺷﺎﺋﯧﺮﻧﯩﯔ < ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ >، < ﭼﯜﺷﻨﺎﻣﻪ >، < ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺯﺍﺭ >، < ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺑﻪﺩﺧﻪﭺ >، < ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ >، < ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﻧﻮﺭﯗﺯ > ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ، ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﯞﻩ ﺗﯧﻠﯟﯦﺰﯨﻴﻪ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺩﺭﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ، < ﺑﯘﺟﺎﮬﺎﻥ >، < ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﻪﯕﺮﻯ، ﻳﻮﻝ ﻛﻪﯕﺮﻯ> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ < ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻗﺎﭘﻠﯩﻖ ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯔ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ.
ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ 2001 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ.
ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ، ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ 12 ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺧﻪﻟﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺘﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ...
ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻝ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ!
مەنبە:شامال تورى