ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
پارتىيە ، ھۆكۈمەت ، ئارمىيە ۋە ئىشلەپچىقرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن بۈگۈن (3 – ئىيۇن) چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى .
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .
ئاپتونوم رايون ۋە ئىشلەپچىقرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى ، نۇر بەكرى ، نيې ۋېيگو ، ئەسقەت كېرىمباي ، ياڭ گاڭ ، جۇ جىنلىن ، تيەن شيۇسى ، فۇ چياڭ ، خەن يۇڭ ، شەۋكەت ئىمىن ، نۇرلان ئابلىمەجىن ، سۇڭ ئەيرۇڭ ، جۇ خەيلۇن ، بەي جىجيېلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى .
يىغىن مەيدانى كۆرۈنىشى
ۋاڭ لېچۈەن ئالدىن بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى بولۇپ باھالانغانلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈردى . ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : بۇ قېتىم باھالاپ چىقىلغان ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى — ئاممىنىڭ ئارزۇسى بويىچە تاللاپ چىقىلغان ، ئاساسىي قاتلام ، ئامما ئارىسىدىن كەلگەن ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدۇر . ئۇلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەخلاق – پەزىلىتىنى نامايەن قىلىپ ، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئىلغار دەرۋ روھىنى ئەكىس ئەتتۈردى.
يىغىندىن كېيىن ۋاڭ لېچۈەن ، نۇر بەكرى قاتارلىقلار ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى
ۋاڭ لېچۈەن يەنە ئەخلاق نەمۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىدا مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ ، ئۆزىنىڭ ئۈلگىلىك ، باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق جارىي قىلدۇرۇپ ، سوتسىيالسىتىك ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
يىغىندا ، ۋاڭ لېچۈەن تەكىتلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاپ تەقدىرلەش ئارقىلىق ، جەمئىيەتتە ئىلغارلاردىن ئۆگىنىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ ، نەمۇنىچىلارنىڭ ئېسىل ئەخلەق – پەزىلىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ، سوتسيالىستىك ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ، تەرەققىيات مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئىناق سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش لازىم .
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە ، ھۆكۈمەت ، ئارمىيە ۋە ئىشلەپچىقرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى ئەخلاق
نەمۇنچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى
مەنبە: «تەڭرىتاغ» تورى