ئىچىدە نىمىلەر بارلىقىنى بىلەلەيسىز
2008.05
بۇ ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقلىق كومپيۇتېرڭىزنىڭ ئىچىدە نىمىلەر بارلىقىنى بىلەلەيسىز
28
ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقلىق كومپيۇتېرڭىزنىڭ سەپلىمىسىنى كۆرەلەيسىز
كومپيۇتېر ئىشلەتكىلى ئۇزۇن بولغان كىشىلەر دائىم خىزمەتداشلىرى ياكى دوستىلىرىنىڭ كومپۇتېرلىرىنى ئوڭشاپ بىرىش ، كومپيۇتېرىغا سېستىما قاچىلاپ بىرىش،كومپۇتېر ئېلشىپ بىرىش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىالمايدۇ، لىكىن ھەمىشە يېنىدا مەخسۇس قاتتىق دىتال سەپلىمىسىنى كۆردىغان يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلىپ يۈرگىلى بولمايدۇ ، ئەگەر لازىملىق يۇمشاق دىتال بولمىسا قانداق قىلىش كىرەك؟
بۇنىڭ ئامالى بار ، سىز ھېچقانداق يۇمشاق دىتال ئىشلەتمەيمۇ بۇلارنى بىلەلەيسىز.
1. كومپيۇتېر قوزغالغاندىكى ئۆزىنى تەكشۈرۈش ھالىتىدە سەپلىمىسىنى كۆرۈش:
كومپيۇتېرنى قوراشتۇرۇپ سېستىما قاچىلىمىسىمۇ توك ئۆتكۈزۈپ سىنىغىلى بولىدۇ، كومپيۇتېر قوزغىلىش جەريانىدا ئۆزىنى تەكشۈرۈش ھالىتىدە سەپلىمىلىىرى كۆرۈنىدۇ، سىز مۇشۇ ۋاقىتتا PAUSE كونۇپكىسىنى باسسىڭىز ھازىرقى ھالەتتە توختۇتۇپ تۇرغىلى بولىدۇ.
1) كۆرسىتىش كارتىسى ئۇچۇرلىرى
كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈش ھالىتىدە بىرىنچى بولۇپ تەكشۈردىغېنى دەل ئاشۇ كۆرسىتىش كارتىسى ، شۇڭا تەكشۈرۈش كۆرنىشىدىكى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئەڭ ئۈسىتگە كۆرۈنگەن بىر قانچە قۇر خەل دەل ئاشۇ كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ «قىسقىچە تەرجىمھال»ىدىن ئىبارەت .
بىرىنچى قۇردىكىسى” “GeForce4 MX440…… بۇ كۆرسىتىش كارتا ئۆزىكىنىڭ GeForce4 MX440 ئىكەنلىكىنى ، AGP 8X تېخنىكىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىككىنچى قۇر : “Version……” قاتارلىقلار كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ BIOS نىڭ نۇسخىسىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۈچىنچى قۇر : “Copyright (C)……” بۇ ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتنىڭ ئۇچۇرلىىرنى كۆرسىتىدۇ.
تۆتىنچى قۇر : “64.0MB RAM” بۇ دەل كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ كۆرسىتىش سىغىمىنى كۆرسىتىدۇ.
2) CPU ۋە قاتتىق دىسكا ، ئىچكى سىغىم ، ئوپتىك قوزغاتقۇچ قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇرلىىرى: كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئۇچۇرلىرى چىقىپ بولغاندىن كىيىن دەرھاللا ئىككىنچى ئۆزىنى تەكشۈرۈش تۈرى باشلىندۇ. CPU نىڭ تىپى ، چاستوتىسى ، ئىچكى سىغىم ، قاتتىق دىسكا ، ئوپتىك دىسكا قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.
بۇ كۆرۈنۈشتىكى ئۈستىدىكى ئىككى قۇر خەت بولسا BIOS نەشىرى ۋە BIOS ياسىغان زاۋۇتنىڭ نەشىر ئۇچۇرلىرى . ئاستىدا كۆرۈنگىنى بولسا ئانا تاختىنىڭ ئۇچۇرلىرى ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى CPU تىپى ، ئىچكىسى سىغم ، قاتارلىقلار .
ئاستىدىكى 4 قۇر بولسا “IDE……” يەنى بۇ يەردە قاتتىق دىسكا ، ئوپتىك دىسكا قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ.
2) ئانا توختا ئۇچۇرلىرىكىيىنكى ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئىكرانىدا ئانا تاختىنىڭ ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ، بېشىدىكى كۆرۈنگەن چىسلا بولسا ئانا تاختا BIOS نىڭ يېڭىلانغان ۋاقتى، كىيىنكى بەلگىلەر بولسا ئانا تاختىنىڭ كودى، بۇ كودلار ئارقلىق ئانا تاختىغا ئىشلىتىلگەن ئۆزەك تىپىنى بىلگىلى بولىدۇ.
كومپيۇتېر ئىچلغاندىن كىيىن “DEL” كونۇپكىسىنى(بەزى ئانا تاختىلارنىڭ ئوخشىمايدۇ) باسساق BIOS تەڭشەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا قاتتىق دىتال ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
2. قاتتىق دىتال باشقۇرغۇچ ئارقىلىق دىتال ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش
مەشغۇلات سېستىمىسىغا كىرگەندىن كىيىن ، قاتتىق دىتالنىڭ قوزغۇتۇش پىروگگىراممىلىرىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن قاتتىق دىتال باشقۇرغۇچ ۋە DirectX دىئاگىنۇز پىروگگىراممىسى ئارقىلىق قاتتىق دىتال ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
قاتتىق دىتال باشقۇرغۇچنى ئېچىش ئۇسۇلى : «كومپيۇتېرىم» سىنبەلگىسىگە ئەكىلىپ مائۇس ئوڭ كونۇپكىسى ئارقىلىق «كومپيۇتېرىم» نى چىكىمىز ، ئاندىن « خاراكتىر » نى ئاچىمىز ، چىققان كۆزنەكتىن «سېستىما خاراكتىرى»نى ئېچىپ قاتتىق دىتال باشقۇرۇش تۈرىگە كىرىسەك ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ بارلىق قاتتىق دىتاللارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
بۇ قاتتىق دىتال باشقۇرغۇچ ئارقىلىق قاتتىق دىتاللارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە قاتتىق دىتاللارنىڭ ئىشلەش ھالىتىنىمۇ بەلگىلىگىلى ۋە توختۇتۇپ قويغىلى بولىدۇ.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى Windows XP دىن بۇرۇنقى سېستىمىلاردا CPU نىڭ خىزمەت چاستوتىسىنى بىلگىلى بولمايتى، بىز بۇ ۋاقىتتا DirectX دىئاگىنۇز قورالى ئارقىلىق كۆرسەك بولىدۇ.
3. DirectX دىئاگىنۇز قورالى ئارقىلىق قاتتىق دىتال ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش
4.
DirectX دىئاگىنۇز قورالى بىزنى قاتتىق دىتاللرنىڭ خىزمەت ھالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
قوزغۇتۇش ئۇسۇلى : بىز «ئىجرا»غا Dxdiag.exe دەپ يېزىپ جەزىملەشتۈرسەكلا بولىدۇ. بۇ پىروگگىرامما ئادەتتە Windows مۇندەرجىسى ئاستىدىكى System32 نىڭ ئىچىدە بولىدۇ.
1) ئاساسلىق ئۇچۇرلار
DirectX دىئاگىنۇز كۆزنىكىنىڭ «سېستىما» تۈرىدە ، ھازىرقى ۋاقىت ، كومپيۇتېر ئىسمى ، مەشغۇلات سېستىمىسى ، زاۋۇت ۋە BIOS نەشىرى ، CPU نىڭ چاستوتىسى ، ئىچكى سىغىم قاتارلىقلار كۆرۈنىدۇ. گەرچە بىز Celeron 2.0MHz نىڭ چاستوتىسىنى ئاشۇرۇپ 2.40MHz قىلىپ ئىشلەتكەن بولساقمۇ ، ئۇ يەنىلا ئەسلى چاستوتا بويىچە كۆرسىتىدۇ.
2) كۆرسىتىش كارتىسى ئۇچۇرلىرى
DirectX دىئاگىنۇز كۆزنىكىنىڭ «كۆرسىتىش» تۈرىدە كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ، يەنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ، ئۆزەك تىپى ، سىغىمى ، قوزغۇتۇش پىروگگىراممىسى نەشىرى ، ئىكران قاتارلىق دائىملىق ئۇچۇرلار.
3) ئاۋاز ئۇچۇرلىرى
ئاۋاز كارتىسىغا كىشىلەر دائىم سەل قارايدۇ ، بىراق ئۇ كام بولسا بولمايدۇ «ئاۋاز» تۈرىنى ئاچساق ئاۋاز كارتىسى ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ. بىز يەنە «DirectSound(T) نى سىناش» ئارقىلىق ئاۋاز كارتىسىغا نىسبىەتەن سىناق ئېلىپ بارساق بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
Intel نىڭ CPU ( مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ )سىنىڭ ساختا ياكى ھەقىقىيلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ 2008-05-26
كومپيۇتېردىكى 4 چوڭ شاۋقۇن مەنبەسىنى يوقۇتۇش 2008-05-17
ئىچكى ساقلىغۇچتىن ياسالغان چاچ قىسقۇچ 2008-04-19
كومپيۇتېر قاتتىق دىتال بىلىملىرى توپلىمى 2008-04-07
سېستىمىڭىزنىڭ بىخەتەر ياكى بىخەتەر ئەمسلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ 2008-05-21
كىلىش مەنبەسى :
http://juxkun.blogbus.com/logs/21831975.html مۇنبىرىدىن يۆتكەپ كىلىندى .