كېسەل يوقلاش ئەخلاقى
بىر مۆمىن بىمار ياتقان مۆمىن بۇرادىرىنى كۆرگىلى بارسا ، بېسىپ ئۆتكەن يولىدا جەننەت باغلىرىدا يۈرگەندەك بولىدۇ .
« سەھىھ ھەدىسلەر » دىن ئادەملا بولىدىكەن ئېغىر بولامدۇ ، يېنىك بولامدۇ ، ھامان كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ . ئادەم كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقان ، قېرىنداشلىرىنى ، يېقىن كىشىلىرىنى ، دوست - يار ، ئاغنىلىرىنى ، كەسىپداشلىرىنى سېغىنىدۇ . ئۇلار بىلەن مۇڭداشقۇسى ، ھال مۇڭىنى تۆككۈسى كېلىدۇ ، ئۇلارنىڭ مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىگە تەقەززا بولىدۇ . شۇڭا ئۇلارنى يوقلاپ ، ھال - ئەھۋالىنى سوراپ كېسەللىك ئازابىنى يەڭگىللىتىشكە ياردەم بېرىش ئۆز نۆۋىتىدە ئادەمگەرچىلىك بولۇپلا قالماي ئىنسانىي بۇرچىمۇ ھېسابلىنىدۇ .
ئەگەر سىز كېسەل يوقلىماقچى بولسىڭىز ، كېسەل يوقلاش ئەخلاقىغا رىئايە قىلغىنىڭىز تۈزۈك .
بىمارنى يوقلاشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ نېمىلەرنى يەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپ ، بىمارنىڭ كېسىلىگە شىپا بولىدىغان ، بىمار ياقتۇرىدىغان تائاملارنى ، مېۋە- چېۋىلەرنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ . چۈنكى ، بىمارنىڭ قېشىغا قۇرۇق قول بېرىشقا بولمايدۇ . بىمارغا نەرسە - كېرەك سېتىۋالدىم دەپ دوختۇر ئىستېمال قىلىشنى چەكلىگەن ، بىمارنىڭ كېسىلىگە زىيان قىلىدىغان ياكى بىمار ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئاپارماڭ .
كېسەلخانىغا كىرگەندە ، كارىدور ۋە پەلەمپەيدە ئاۋاز چىقارماي ئاستا ، سىلىق مېڭىڭ ، پەس ئاۋازدا سۆزلىشىڭ ، ۋارقىراپ - جارقىرايدىغان ئىشلارنى سادىر قىلماڭ . سىز يوقلىماقچى بولغان بىمارنىڭ قايسى ياتاقتا ، قانچىنچى كارىۋاتتا يېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىۋېتىپ ئاندىن ئۇدۇللا شۇ ياتاققا كىرىڭ . باشقا ياتاقلارغا قالايمىقان دۇقۇرۇپ يۈرمەڭ .
بىمارنىڭ يېنىغا كىرگەندە ، بىمار ئۇخلاۋاتقان بولسا ئويغاتماي بىردەم ساقلاڭ ، ئۇخلاۋاتقان بىمارنى يۇيۇقسىز ئويغاتسىڭىز ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن . ئەگەر بىمار بار ياتاققا باشقا بىمارلارمۇ بولسا پەس ئاۋازدا ئۇلارنىڭ ھال- ئەھۋالىنى سوراڭ . سىز يوقلىماقچى بولغان بىمار يەنە ئويغانمىسا ، ئەكىرگەن نەرسىلىرىڭىزنى بىمارنىڭ تومپۇچكىسى ئۈستىگە ئاستا قويۇپ ، يېنىدىكى بىمارغا ئېيتىپ ياكى سۆز قالدۇرۇپ قايتا كېلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ قويۇپ چىقىپ كېتىڭ . زۆرۈر ئىشىڭىز بولمىسا ياكى يىراقتىن كەلگەن بولىسڭىز ، بىمار ئويغانغۇچە ساقلاڭ .
بىمار ئويغاق بولسا ياكى ئۇيغۇدىن ئەمدىلا ئويغانغان بولسا ، پەس ئاۋازدا ھال - ئەھۋالىنى سوراپ : « خاتىرجەم داۋالنىڭ ، چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىپسىز » دېگەندەك كېسەلنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلىڭ . ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشنى تاپىلاڭ . ياخشى روھىي ھالەتنىڭ كېسەلگە قارشى ئەڭ ياخشى دورا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ، روھىي ھالىتىنى نورمال تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىڭ . ھەرگىزمۇ « نېمانچىۋالا ياداپ كەتتىڭىز ؟» « چىرايىڭىز سارغىيىپ ، كۆزلىرىڭىز ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ » دېگەندەك سۆزلەرنى قىلماڭ ، بۇنداق سۆزلەر بىمارنى تەشۋىشلەندۈرۈپ قويىدۇ . بىمارنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان گەپلەرنى ، قىسقا چاقچاقلارنى قىلىپ بىمارنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۈرۇڭ . ئۇنىڭ يېنىدا بىمارنىڭ كۆڭۈلسىز ئىشلىرىنى ، تىجارەتچى بولسا ، تارتقان زىيىنىنى ، دەرد ئەلىمىنى ئېغىزغا ئالماڭ ، سوقرات ھەكىم بۇ ھەقتە :« بىمارنى دورا بىلەن ئەمەس ، بەلكى سۆز بىلەن داۋالاش ياخشىدۇ » دېگەن . بىمارنى يوقلاپ بارغان ۋاقتىڭىزدا ئەزمىلىك قىلىپ ئۇزۇن ئولتۇرماڭ ، بۇنداق قىلىسڭىز ، بىمارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئەمەس ، ئەكسىچە بىمارنى زېرىكتۈرۈپ چارچىتىپ قويىسىز . ئىشەنمىسىڭىز ، مۇنۇ ھېكايەتكە قۇلاق سېلىڭ .
بۇرۇن بىر كىشى تامدىن يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتى زەخىملىنىپتۇ . ئۇنىڭدى ھال سوراپ ، يوقلاپ كىرگەن كىشىلەر ئەزمىلىك قىلىپ ئۇزاق ئولتۇرۇپتۇ . ئۇ كىشى بىزار بولغانلىقتىن بىر پارچە قەغەزگە مۇنداق سۆزلەرنى يېزىپ ئۇلارغا كۆرسىتىپتۇ . « ئەزمە كىشلەرنىڭ سۆھبىتى جانغا ئازابتۇر ، كېسەل ھالىنى سورىغىلى كەلگەن كىشىلەر ئەزمىلىك قىلماي تېز چىقىپ كېتىپ ، كېسەلگە تىنچلىق بەرگىنى تۈزۈك ».
ئەگەر سىز يوقلىماقچى بولغان بىمار دوختۇرخانىدا ئۇزۇنراق يېتىپ قالغان بولسا ، پات - پات بېرىپ يوقلاپ تۇرۇڭ .
بىمارنى ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىم يوقلاپ بارغان ۋاقتىڭىزدا «ئالدىنقى كۈندىكىدىن خېلى ياخشىلىنىپ قاپسىز »، « خېلى تېتىكلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنىسىز » « چىرايىڭىزغا قان يۈگۈرۈپ قاپتۇ » دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ، بىمارغا روھىي جەھەتتىن ئىلھام بېرىڭ . بۇ سۆزلەر بىمارنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ، بىمارنىڭ تېزرەك ساقىيىشىغا ياردىمى بولىدۇ .
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن « سىلەر بىرەر كېسەلنىڭ قېشىغا كىرسەڭلار < ئەھۋالىڭىز ئوبدانكەن ، ياخشى بولۇپ قاپسىز > دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەسەللى بېرىڭلار ، بۇنداق تەسەللى كېسەلنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىدۇ »
بىر قىسىم كىشىلەر كېسەل يوقلاپ بارغاندا ، بىمارغا كۆيۈنۈپ ، پالانچىغا بۇ دورا پايدا قىلغان ئىكەن . سىزگىمۇ ئالغاچ كەلدىم . كېسىلىڭىز ئوخشاش ئىكەن ، سىزگىمۇ پايدا قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس » دەپ دورا - شەربەت قاتارلىق نەرسىلەرنى ئاپىرىدۇ ياكى شۇ دورىلاردىن ئىستېمال قىلىپ بېقشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ . بۇنداق قىلمىش توغرا ئەمەس . ئەسلىدە سىزنىڭ نىيىتىڭىز توغرا ، كېسەلنىڭ تېزرەك ساقىيىشىنى ئۈنىد قىلىسىز ، ئەمما بىر كىشىگە پايدا قىلغان دورىنىڭ يەنە بىرىگىمۇ پايدا قىلىشى ناتايىن ، شۇڭا دوختۇرنىڭ رۇخسىتىسىز بىمارغا دورا ياكى شەربەتلەرنى ئىچىشكە زورلىماسلىق لازىم . ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالسا ، ياخشى نىيىتىڭىز يامانغا ئۆرۈلۈشى مۇمكىن .
ئەگەر سىز يوقلىماقچى بولغان بىمار نامرات ، بىچارە ، مىسكىن ، يېتىم بولسا ، يوقلاپ بارغان ۋاقتىڭىزدا يەنە نېمىلەرنى يېگۈسى بارلىقىنى ، نېمىگە ئېھتىياجلىق ، قايسى تەرەپلەردىن قىسىلىدىغانلىقىنى سوراڭ . يېگۈسى بار تاماق ، مېۋە - چېۋىنى ئەكىرىپ بېرىڭ ياكى قولىغا پۇل بېرىپ يېگۈسى بارنى ئەكىرىپ يېيىشنى ئۆتۈنۈڭ . ئىقتىسادىي شارائىتىڭىز يار بەرسە ، دورا پۇلىنى ياكى دوختۇردىن چىقىش پۇلىنى تۆلەپ قويۇڭ .
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام : « كىمكى بىچارە ھالەتتىكى كىشىگە ياردەم بەرسە ، تەڭرى ئۇنىڭغا ئىككى دۇنيادا ياردەم بېرىدۇ » دېگەن .
كېسەل يوقلاشتا ۋاقىتقا دىققەت قىلماق زۆرۈردۈر . يەنى دوختۇرخانىنىڭ كېسەل يوقلاش قائىدە - تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا ئەتىگەندىن چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا كېسەل يوقلاڭ . چۈشتىن كېيىن ، بولۇپمۇ زاۋال ۋاقتىدا كېسەل يوقلىماڭ ، بۇنداق قىلىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس . مەنبە : ئەدەب - ئەخلاقتىن تەۋسىيلەر
[ ajrim تەرپىدىن 2008-06-12 11:02 قايتا تەھرىرلەنگەن ]