بۇ بەتتىكى تېما: (ئەجرىم)ئون ئىككى مۇقامنىڭ سوتۇق ۋە شۆبە ناملىرنىڭ  شەرھى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 264 قېتىم كۆرۈلدى
ajrim
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 14310
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1934
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1934دانە
شۆھرەت: 2100 نۇمۇر
پۇل: 2681 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :698(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 (ئەجرىم)ئون ئىككى مۇقامنىڭ سوتۇق ۋە شۆبە ناملىرنىڭ  شەرھى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما Ataman تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-06-18)
ئون ئىككى مۇقامنىڭ سوتۇق ۋە شۆبە ناملىرنىڭ شەرھى




( بۇ تېما دىيارىم تورىغا تەۋە قالايمىقان كۆچۈرمەڭ)


تۇرسۇنجان ساۋۇت ئۇدمىش


ئۇيغۇر كىلاسسىك « ئون ئىككى مۇقام » ى __ سەنئەت خۇمار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىباھا سەنئەت خەزىنىسى ۋە سەنئەت قامۇسى . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ھەم مۇرەككەپ ھەم مول ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكا تىلى ئارقىلىق بايان قىلىدىغان بىر بەدىئى قامۇسى . مۇزىكىلىق ئىپادە جەھەتتە لىرىكا بىلەن ئىپىكا نەغمە بىلەن نەزىم گارمونىك ھالدا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان ئەسەر . ئۇيغۇر كىلاسسىك « ئون ئىككى مۇقام » ى ، ژانىر جەھەتتىن ئۇنۋېرساللىققا ئىگە بولۇپ مۇزىكا ، ناخشا ئۇسسۇل بىر گەۋدىگە مۇجەسسەملىشىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان . ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ كۆپ قىسمى نىسپى ھالدا قېلىپلاشتۇرۇلغان . قۇرۇلما ، مۇستەقىل كۇي - ئاھاڭ شەكلىگە ئىگە . ھەر قايسى يۈرۈش مۇقاملارنىڭ ئاھاڭ شەكلى مىلودىيىسى ، رىتىمى ، ئۇدارلىرى ئارىسىدا مۇئەييەن قانۇنىيەت ساقلانغان ئاساستا ئىجرا قىلىنىدۇ . ئۇيغۇر « ئون ئىككى مۇقام » نىڭ ھەجىمى ھەقىقەتەن زور ، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل ، ھەربىي سوتۇق ①( چوڭ قىسىم ، چوڭ بۆلەك) ۋە شۆبىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەخسۇسلاشقان ئاتالغۇلىرى بار . بۇلارنى شەھىرلەپ چۈشەندۈرۈش كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مۇقامغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە . ئۇيغۇر « ئون ئىككى مۇقام» نىڭ ھەر بىر يۈرۈش مۇقامى تەرتىپلىك ، قېلىپلاشقان ھالدا چوڭ نەغمە ، داستان ، مەشرەپ دېيىلگەن . ئۈچ سوتۇققا بۆلۈنىدۇ ھەر بىر يۈرۈش مۇقامىدا سوتۇق ۋە شۆبە ناملىرى تەكرارلىنىدۇ . لېكىن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كۈي ___ ئاھاڭلار قەتئىي تەكرارلانمايدۇ .
① سوتۇق - مۇزىكىغا ئائىت ئاتالغۇ بولۇپ ، تۆۋەندىكىدەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ . ئاھاڭ ، كۈي ، ئۈن، ئاۋاز ، قسىم ، بۆلەك ، كۈپلېت ، بېيىت ، نىزام ، بۇ ئاتالغۇ لوپنور دىئالېكتىدا بولسا «سۇتۇق» ، «سۇتۇق» مۇ دەپ ئاتىلىدۇ .
1. چوڭ نەغمە (چونك نغمە)
QONG NAGMA
مۇقامنىڭ بىرىنچى سوتۇقى بولغان چوڭ نەغمە قىسمىنىڭ ھەجىمى ئادەتتە چوڭ بولىدۇ . ئۇ ئوتتورا تېمىدىكى ھەرخىل ئۇدار شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاھاڭلاردىكى ئاساسىي تېما بىلەن قوشۇمچە تېمىلارنىڭ توقۇلىشى ۋە زىدىيەتلىرى جەريانىدا مۇناسىپ كۈي شەكلى ۋە كۈي خاراكتىرىنى پەيدا قىلىپ ئاستا - ئاستا تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق راۋاجلانغاچقا كەيپىيات بارغانسېرى ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ . بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە كېڭەيتىلىپ تەشكىنلەنگەن بارلىق ئاھاڭلار بىرلىشىپ چوڭ نەغمە ئاھاڭلار گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلىدۇ . شۇنداقلا ناخشا بىلەن مەرغۇل بىرلەشكەن ئەلنەغمە تۇسىنى شەكىللەندۇرىدۇ . ئادەتتە چوڭ نەغمە ئاھاڭلىرىغا كىلاستىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى ، شۇنداقلا يەنە قىسمەن خەلق قوشاقلىرىمىز تېكىست قىلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ . ئاھاڭلاردىكى مەرغۇللار ۋە چۈشۈرگۈلەر مۇزىكىلىق ئوبرازىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ھەمدە مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ . چوڭ نەغمىنىڭ كۈي - ئاھاڭلىرى كۆپۈنچە لىرىكىلىق كۈيلەردىن چوڭ نەغمىدىكى تۈپ مىلودىيە داستان قىسمىدىمۇ ئۆز-ئارا زىچ بىرىككەن ھالدا داۋاملىشىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقامنىڭ داستان قىسمىدىكى مىلودىيىلىك قۇرۇلما چوڭ نەغمىدىكى تۇپ مىلودىيىنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتىدۇر .
چوڭ نەغمە ئۆز ئىچىدىن يەنە تۆۋەندىكىدەك 12 شۆبىدىن تەركىپ تاپقان ئۇلار تۆۋەندىكىچە :
1. مۇقەددىمە 2. تەئەززە 3. نۇسخە ، 4. مۇستەھزاد 5. جۇلا 6. سەنەم ،7. چوڭ سەلىقە 8. كىچىك سەلىقە 9. پىشرەۋ 10. تەئىكىد 11. يارىم ساقى 12. ئابۇ چەشمە . بۇ كۈيلەرنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا مەرغۇللىرى ۋە چۈشۈرگىلىرى بولىدۇ . چوڭ نەغمىنىڭ كونكرىت شۆبىلىرى بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن شۆبە ئاتالغۇسى توغرىسىدا توغتىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ ، ئەلۋەتتە .
شۆبە (XOBA) ئادەتتە مۇزىكا تىلىدا ھەربىر مۇقامنىڭ شاخلىرى ( ناخشىلىرى) شەرتلىك ھالدا « شۆبە» دەپ بۇ شۆبىلەرنىڭ نۆۋەتلىشىپ كېلىشى « تەرتىپ » دەپ ئاتىلىدۇ . « شۆبە» دېگەن ئاتالغۇ ئەسلى ئەرەبچە بولۇپ لۇغەت مەنىسى «تارماق » ،«بۆلۈم» دېگەنلەردىن ئىبارەت . ئۇ ئادەتتە مۇقاملاردىكى مەلۇم لاد (پەدە، باسقۇچ ) تاۋۇش تىزىملىرى قاتارلىقلارنى مۇقامنىڭ باش پەدىسىدە ( مۇقەددىمىدىن )كېلىپ چىققان ناخشىلارنى كۆرسىتىدۇ .
ھەر بىر مۇقام 12 مۇقام شۆبىدىن ھەر بىر شۆبە ئىككى شاختىن (ناخشىدىن) تەشكىل تاپقان . بەزىبىر مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئەسلىدە كىلاسسىك ئەنئەنە 12 مۇقامنىڭ ھەر بىر مۇقامى 24 شۆبە ، 48 شاختىن تۇزۇلگەنلىكى مەلۇم .
15-17 ئەسىرلەردىكى مۇزىكا رىسالىرىدە مۇقاملارنىڭ تۆۋەندىكىدەك 24 شۆبىسى كۆرسىتىلگەن : 1. دۇگاھ ( تاۋۇش ھاسىل قىلىدىغان ئىككى جاي ، يەنى پەدە دىمەكتۇر )2. سەگاھ ( ئۈچ جايدىن يەنى ئۈچ پەدىدىن چىقىدىغان تاۋۇش قاتارى ) ، 3. چەرگاھ ( تۆت پەدىدىن ھاسىل قىلىدىغان تاۋۇش قاتارى ) 4. پەنجىگاھ ( بەش پاغەنە - پەدە ) 5. ئەشرەن ( ئون پەدىلىك تاۋۇش قاتارى ) 6. نەۋرۇزى ئەرەب ( ئەرەبلەرنىڭ نەۋرۇز بايرىمىغا نىسبەتەن قىلىنغان ، ئالتە پەدىلىك تاۋۇش قاتارىدۇر ) 7.ماھۇر ( چۈشكۈن غەمكىن دىگەن مەنىدە سەككىز پەدىلىك تاۋۇش قاتارى ) 8. نەۋرۇزى خارى ( خارى - تاش ۋە يىپەك ۋە ماتا مەنىلىرىنى ئاغلىتىدۇ بۇ تاغلىق رايونلار مۇناسىۋەتلىك شۆبە نامى بولۇشى مۇمكىن دېيىلمەكتە بۇ شۆبە نۆۋرۈزى ئەجەم نامە بىلەنمۇ مەشھۇر ) . 9. نۆۋرۈزى باياتىي ( بايات _ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرىنىڭ نامى شۇنداقلا تەغرى دېگەن مەنىنى بېرىدۇ . بۇ بايات قەبىلىلىرىنىڭ نەۋرۇزى بايرىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك شۆبە نامە بەش پەدىلىك تاۋۇش قاتارى ) 10. ھىسار ( قەلئە ياكى تاغ بىلەن ئورالغان ۋادا ، تاجىكىستاندىكى شەھەر نامە ) . 11. نوھۇفىت ( مەخپىي ، يوشۇرۇن مەنىلىرىدە ، سەككىز پەدىلىك تاۋۇش قاتارى ) 12. ئۈزھال ( پەسكە چۈشۈش ، سەكرەش مەنىسىدە ) 13. ئەۋىج ( چوققا مەنىسىدە ) 14.نەيرىز ( ئىسپاھان مۇقامىنىڭ شۆبىسى بەش پەدىلىك تاۋۇش قاتارى) 15. مۇبەرقە ( پەدىگە ئۇرالغان دىگەن مەنىدە بولۇپ ، ئىككى پەدىلىك تاۋۇش قاتارى ) 16. رەكىب ياكى راكىب ( ئاتلىق دىگەن مەنىدە ئۈچ پەدىلىك قاتارى ) 17 ساباھ ( نۆۋرۈزى ساباھ ، باھار شامىلى تەسۋىرلىنىدۇ ، بەش پەدىلىك تاۋۇش قاتارى ) 18 خۇمايۇن ( شاھانە بۈيۇك مەنىلىرىدە ، يەتتە پەدىلىك تاۋۇش قاتارى ) 19. زاۋۇلىي ( زابۇلىي - ئىراننىڭ ئىسرتان ۋىلايىتىدىكى شەھەر نامى ، زاۋۇلى ئۈچ پەدىلىك تاۋۇش قاتارى بولغانلىقى ئۈچۈن سەگاھ - ئۈچ پەدە نامى بىلەنمۇ مەشھۇردۇر . 20 . ئىسباھھانەك ۋە رۇيىي ئىراق ( بۇلار ئاساسەن ئىككى تۈرلۈك تاۋۇش قاتارىغا ئىگە بولغان شۆبىدۇر ) 21. بەستەن نىگار ( نىگار ئىسىملىك كىشىنىڭ نامى بىلەن باغلانغان ، تۆت پەدىلىك تاۋۇش قاتارى ) 22. نىھاۋەنىد ( ئىراقتىكى مەشھۇر شەھەر ۋە شۇ شەھەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك شۆبە نامى بۇ شۆبە يېرىم شۆبە يېرىم كېچىدە ئىجرا قىلىنىدىكەن. ) 23. جەۋزىي ( قوشماقلارغا تىگىشلىك دېگەن مەنىدە قەدىمى مۇسۇلمان كالىندارىنىڭ ئۈچىنچى ئېيى ۋە شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك شۆبە نامى بەش پەدىلىك تاۋۇش قاتارى دىگەن مەنىدە 24 مۇخەييار ( تاللاپ ئېلىنغان دىگەن مەنىدە سەككىز مەنىلىك تاۋۇش قاتارى دىگەن مەنىدە ) .
مۇقامشۇناسلىق ئۆلچىمىدە ئاساسەن ، مۇقامنىڭ ھەر بىر شۆبىسى 10 مىنۇت ، 12 شۆبە 120 مىنۇت يەنى ئىككى سائەتتە ئىجرا قىلىنىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن . شۇ جۈملىدىن 12 مۇقام ، 12 ۋاج 24 سائەتكە مۆلچەرلەنگەن بولىدۇ .
شۆبىلەر - مۇقاملارنىڭ لاد ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ . بىرخىل نەقرات باشتىن - ئاخىر پەدىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ . لاد ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى مۇقامنىڭ شۆبىلىرى دىمەكتۇر . شۆبىلىرىنىڭ لاد سېستىمىسى ھەر بىر مۇقامنىڭ لاد سېستىمىسىنىڭ مۇقامىغا مۇۋاپىق كەلگەچكە ، بىر مۇقامنىڭ شۆبىرى ئىككىنچى مۇقامغا ھەرگىز چۈشمەيدۇ . شۆبىلىرىنىڭ نامى مۇقام ناخشىلىرىنىڭ رىتىملىق تۈزۈلىشى . مۇڭى ۋە مەزمۇنىغا مۇۋاپىق شەرتلىك ھالدا ئاتالغان . شۆبىلەر - مۇقاملار پەدىسى دائىرىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى تەۋە بولغان مۇقاملارنىڭ نامى بىلەن قوشۇلۇپ ئاتىلىدۇ . مەسىلەن : راكنىڭ تەززىسى ، ناۋانىڭ تەززىسى دېگەنگە ئوخشاش مۇقامنىڭ ھەربىر شۆبىسى ئېغىرلىقتىن يىنىكلىككە ئاستىلىقتىن - تېزلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ . بۇ ھال تاۋۇش قاتارلىرىنىڭ ھەرخىل تۇزۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندە مۇقاملارنىڭ شۆبىلىرى ئايرىم ئايرىم تۆنۈشۈپ چىقايلى .
1. مۇقەددىمە (مقدمە) MUKADDI MA يەنە « كىرىشمە » ، « مۇقام بېشى » دەپ ئاتىلىدۇ . مۇقەددىمە _ مەزكۇر مۇقامنىڭ « ئانا تونى » نى بەلگىلەيدۇ . ئۇ مۇقامنىڭ باشلىنىش قىسمىدۇر . ئۇنىڭدا شۇ مۇقام ئۈچۈن تەييارلانغان ئاساسلىق مۇزىكىلىق قىسىم بايان قىلىنىدۇ . ئاساسىي مۇزىكىلىق قىسىم خاراكتېرى ئۆزگەتمىگەن ھالدا راۋاجلىنىدۇ . مۇقام ئىختىيارى ئۇداردا تەمكىن ھېسيات بىلەن ئېيتىلىدۇ . مۇقەددىمە ھەر بىر مۇقامنىڭ ئالدىدا چېلىنىدىغان بىر پۈتۈن ئاھاڭدىن ئىبارەت بۇ قىسىم گەرچە مۇقامنىڭ باشلىنىش ئاھاڭى بولىسمۇ ئاھاڭ شەكلى مۇستەقىل بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇپ ، مۇزىكىلىق جۇملە ، مۇزىكىلىق بۆلەكلەرنىڭ مۇستەھكەم ئىچكى باغلىنىش ھاسىل قىلىدۇ ئۇنىڭدا مۇزىكىلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىكى بايان قىلىش راۋاجلاندۇرۇش قايتىدىن كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي پىرىنسىپلار ئىزچىللىشىپ تولۇق مۇزىكىلىق مەزمۇن ۋە مۇزىكىلىق ئوبراز يارتىلىدۇ . بۇ قىسىمدا بىر مۇقامنىڭ ئومۇمىي كۈيى شەكلى ۋە كۈي خاراكتېرنى بەلگىلەيدىغان ئاساسىي ئانا كۈي تۈرغۇزۇلۇپ ، مۇقامنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىلىرىنى كونترول قىلىش ئىختىدارىنى ھاسىل قىلىدۇ . نەتىجىدە ئۇ مۇقامنىڭ قالغان قىسىملىرىنىڭ بىۋاستە باغلىنالايدىغان يادرولۇق ئورگانغا ئايلىنىپ ھەر بىر مۇقامغا نىسبەتەن يېتەكچىلىك قىلالايدىغان شەرتنى ھازىرلايدۇ . ئۇ ئۆزى تەۋە بولغان بىر مۇقامدىكى خىلمۇ - خىل كۈيلەرنىڭ غولى ، پۈتۈن مۇقاملاردا مۇقام بېشىنىڭ ئاھاڭ شەكلى ، ھەجىمى ، سۈرئەت ۋە رېتىملىرى ئاساسىي جەھەتتىن بىرخىل پىرىنسىپ ۋە ئۆلچەم بويىچە بولىدۇ . مۇقامنىڭ مۇقەددىمىسىدىكى تۈپ مىلودىيە يەنى ئانا كۈي مۇقامنىڭ ئۈچىنچى سوتۇقى - مەشرەپتە بەلگىلىك مۇزىكا قانۇنىيىتى بويىچە خىلمۇ - خىل ئۆزگىرىش بويىچە ياسايدۇ . مۇقەددىمىنىڭ ئۇدار شەكلى چاچما ھالەتتە بولۇپ ئاستا داۋاملىشىدۇ . بايان ناخشىسى ئاساس قىلىنىدۇ .
2. تەئەززە (تغزە) TAAZZA ئەرەبچە ئاتالغۇ بولۇپ ، لۇغەت مەنىسى « يېڭى » ، « ساپ»« تازا» دېگەندىن ئىبارەت . مۇقامدا تەئەززە مۇتىفلىرى « كۈي تەركىبى بۆلىكى » بىلەن ساز مەزمۇنلىرى پاك دىللىقىنى - تەڭرىگە سېغىنىشىنى ئىپادە قىلغان . تەئەززەنىڭ ئۇدار شەكلى 4\3 بولۇپ ، ئاستا داۋاملىشىدۇ بايان ناخشىسى ئاساس قىلىنىدۇ .
3. نۇسخە ( نىسخە) NUSHA ئەرەبچە ئاتالغۇ بولۇپ ، « يېزىق »، « بىر يېزىقنى ئەينەن كۆچۈرۈش » دېگەن مەنىدە كەلگەن . مۇقامدا جۈملىدىن مۇزىكىدا بولسا رىسالە يەنى① مۇزىكىلىق ئەسەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ شۆبىگە ئاساسەن دىداكىتىكىلىق ، تەلىم -تەربىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ناخشىلار سەپلەنگەن بولىدۇ . نۇسخەنىڭ ئۇدارى 4/ 4 ، 4/ 5 ياكى ئىككى پۈتۈن ئىككىدىن بىر/  4 بولىدۇ ، مۇزىكا سۈرىتى ئاستا بايان ناخشىسى ئاساس قىلىنىدۇ .
① رىسالە ‏-‏ بىرەر ساھە ، بىرەر كەسىپ ۋە ئۇنىڭ تەرتىپ ، قائىدە - قانۇنلىرىغا ئائىت كىتابچە ، براشۇرا: مۇزىكا رىسالىسى ، تۆمۈرچىلىك رىسالىسى دېگەندەك .
4. مۇستەھزاد )مىستمزاد( MUSTAHZAD ئەرەبچە « ئاشۇرماق » ،« ئاشۇرۇلغان » دېگەن مەنىلەردىكى ئاتالغۇ بولۇپ شېئىرنىڭ ياكى مۇزىكىنىڭ ئادەتتىكى ۋەزىن ئۆلچىمىدىن ئىككى روكىن ① ئىككى باسقۇچ « مۇزىكىدا » ئاشۇرۇۋېتىش ئۇسۇلىغا قارىتىلغان . مۇستەھزادنىڭ ئۇدارى 4/ 5بولۇپ ، مۇزىكا سۈرىتى ئوتتوراھال ، بايان ناخشىسى ئاساس قىلىنىدۇ .
① ئاروز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ ئەڭ كىچىك ئۆلچىمى بولۇپ ، ۋەزىنلەر رۇكىنلاردىن تەركىب تاپىدۇ (شېئىردا)

5. جۇلا (جلا) JULA ئەرەبچە ( جەۋلان) سۆزنىڭ تۈرلىنىشىدىن كەلگەن بولۇپ ، « شوخلانماق » ، « پىرىك بولماق » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . جۇلا- مۇقامدىكى بىرخىل ئۇسسۇل پەدىسى : مۇقام ۋە نەقىش بەندى - سوفى - ئىشانلار ناخشىلارىدا بولسا ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى قوزغايدىغان رىتىملىق ئاھاڭلاردىن قۇرۇلغان ناخشىلارغا قارىتىلىدۇ . شۇ جۇملىدىن « جۇلا » نىڭ يەنە « جۇلا ئۇسۇلى » ، « جۇلا مۇقامى » ( دولان مۇقامىنىڭ توققوزىنچى مۇقامى ) دېگەن ناملىرى مەۋجۇت ئادەتتە جۇلانىڭ ئۇدارى 4/4 بولۇپ ، مۇزىكا سۈرىتى ئاستا ، ئۇسۇللۇق ناخشا ئاساس قىلىنىدۇ .
6. سەنەم (سەنىم ) SANAM ئەرەبچە سۆز بولۇپ ئەسلى مەنىسى تاش ياكى لايدىن ياسالغان بۇت ۋە سۈرەتلەرنى كۆرسەتسە ، كۆچمە مەنىسى سۆيگۈنى ، گۈزەل مەھبۇبە ، مۇشۇقە ، يار دىگەن مەنىلەردە كەلگەن . مۇقامدا سەنەم شۆبىسى شوخ ، يىنىك ناخشىلاردىن قۇرۇلغان بولۇپ ، مۇقامدىكى مەخسۇس ئۇسسۇل پەدىسى ھېساب قىلىنىدۇ . ئادەتتە سەنەم ئۇسسۇللىرىنىڭ قول ۋە پۇت ھەركەتلىرى جۇلا ، سەلىقە ، شادىيانە ئۇسسۇللىرىدىن روشەن پەرق قىلىدۇ . سەنەمنىڭ ئۇدارى ئادەتتە 4/2 بولۇپ ، مۇزىكا سۇرىتى بولسا ئولتۇرا ھال ئۇسسۇللۇق ناخشا ئاساس قىلىنىدۇ .
7. چوڭ سەلىقە (چونك ساليقە) QONG SALIKA ئەرەبچە سوز بولۇپ « بۇزۇق » « مەيىل » ، « ئۇسلۇپ » ، « ئىستەك، » « قابىلىيەت» ، « تەبىئەت » دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . سەلىقە مۇقامىدا ۋە سوپى - ئىشانلارنىڭ ناخشىلىرىدا بولسا جىددىي كەيپىياتنى ۋە سېغىنىشنى ئىپادىلەيدىغان ناخشا ئاھاڭلىرىغا قارىتىلغان بولىدۇ . بۇ شۆبىنىڭ كۈيلىرى بولسا كىچىك سەلىقىغە قارىغاندا تېخىمۇ جىددىيرەك ،شوخراق ئورۇندىلىدىغان بولۇپ ، بۇ شۆبىنىڭ ئۇسسۇلىمۇ شۇ نام بىلەن « سەلىقە» دەپ ئاتىلىدۇ . سەلىقىسىز بىرمۇ مۇقام بولمايدۇ . چوڭ سەلىقە بىلەن كىچىك سەلىقىنىڭ مۇزىكا رىتىمى پەرىقلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە يەنە ئۇلارنىڭ شېئىرى ۋەزنى مۇڭ بىر - بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ . چوڭ سەلىقىلەر تولاراق يەتتە بوغۇملۇق خەلق قوشاقلىرى تېكىست قىلىنىپ ئېيتىلسا كىچىك سەلىقىلەردە تولاراق ئۇيغۇر كىلاستىكلىرىنىڭ غەزەللىرى تېكىست قىلىنىپ ئېيتىلىدۇ . چوڭ سەلىقىنىڭ ئۇدارى 8/5 بولۇپ مۇزىكىلىق سۈرىتى ئوتتۇراھال ئۇسسۇللۇق ناخشا ئاساس قىلىنىدۇ .
8. سەلىقە ( كىچىك سىلىقە )
KIQIK SALIKA مۇقام ۋە سوفى ، ئىشانلار ناخشىلىرىدا جىددىي كەيپىياتنى ۋە سېغىنىشنى ئىپادىلەيدىغان ناخشا ئاھاڭلىرىغا قارىتىلغان . بۇ شۆبە چوڭ سەلىقىگە قارىغاندا نىسبەتەن جىددىي شوخ ئېيتىلىدۇ . ئادەتتە كىچىك سەلىقىنىڭ ئۇدارى 4/2 بولۇپ مۇزىكىلىق سۈرىتى ئاستا بولىدۇ . بايان ناخشىسى ئاساس قىلىنىدۇ .
9. پىشرەۋ (پيشرو) PIXRAM پارسچە سۆز بولۇپ ، « ئالدىغا يۈرۈش » ، « يۈقۇرلاش» دېگەن مەنىدە مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . ئادەتتە ئۇسسۇل پەدىلىرى تۈگىگەندىن كېيىن - پىشرەۋ باشلىنىدۇ يەنى بۇ باسقۇچتا مۇقامنىڭ كۈي رىتىمى خۇشال - خۇراملىقتىن چاققان - تېتىقلىكتىن مۈڭلۈقلۇققا ۋە ئاستىلىققا ئۆتۈپ باش پەتىگە قايتىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شۆبە « قايتىدىن باشلاش » ، « ئالدىغا ئۆتۈش » دىگەن مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ . ئادەتتە بۇ شۆبىنىڭ ئۇدارى ،4/2 4/5 ياكى ئالتە پۇتۇن ئىككىدەن بىر \4 بولىدۇ . مۇزىكىلىق سۈرىتى ئوتتوراھال بايان ناخشىسى ئاساس قىلىنىدۇ .
10. تەئىكىد ( تاكيد) TAKID ئەرەبچە سۆز بولۇپ ، « ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتمەك » ، « بەلگىلىمەك» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . مۇقام شۆبىسىدە بولسا تاۋۇش قاتارلىرىنىڭ قايتىلىنىشىغا نىسبەت قىلىنىدۇ . يەنى تەئىكىد ناخشىلىرى ، ئالدىنقى شۆبىدىكى پىشرەۋ گە ئوخشاش ۋەزمىنلىك ، ئۇزۇن ئۆلچەملىك ۋە مۇڭلۇق تۇزۇلگەن بولىدۇ . مۇقامنىڭ چوڭ نەغمە قىسمىنىڭ ئاخىرىدا « تەئىكىد » بولىدۇ تەئىكىد بىرىنچى سوتۇقتىن ئىككىنچى سوتۇققا - داستان قىسمىغا ئۆتۈشنىڭ كۆۋرۈكى . تەئىكىد ( تاكىد ) نىڭ ئۇدار شەكلى 8/6مۇزىكا سۈرئىتى ئوتتوراھال تېز بولۇپ ئاساسەن ئۇسسۇللۇق ناخشا ئاساس قىلىنىدۇ .
11. يارىم ساقى (ياريىم ساقى)
YARIM SAKI بۇ ساقىغا ( مەي كۈيغۇچى ) بېغىشلانغان شۆبە بولۇپ كىلاسسىك 12 مۇقام بىلەن شەش مۇقام سېستىمىسىدىكى ھەممە مۇقاملاردا « ساقىنامە » ( ساقى نەزمىسى ) سەكىلدە مەۋجۇت . يارىم ساقى شۆبىسى تۇرداخۇن ئاكا ۋە قاسىماخۇن ئەلنەغمىلەر ئىجراسىدىكى مۇقام نۇسخىلىرىنىڭ پەقەت ئۇششاق مۇقامدىلا يارىم ساقىنىڭ ئۇدارى 8/7 بولۇپ مۇزىكىلىق سۈرىتى ئوتتوراھال بايان ناخشىسى ئاساس قىلىنىدۇ .
12. ئابۇ چەشمە (اب چىشمە ) ABUQAXMA پارىسچە سۆز بولۇپ ، « بۇلاق سۈيى » ، « سۈ بۇلىقى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . ئابۇ چەشمە ھەر بىر مۇقامنىڭ شۆبىسى بولۇپ قاسىماخۇن ئېيتقان مۇقام نۇسخىسىدا بۇ شۆبە توققوز مۇقامدا ئېيتىلغان بولسا تۇداخۇن ئاكا ئورۇنلىغان مۇقام نۇسخىسىدا بۇ شۆبە 12 مۇقامنىڭ ھەممىسىدە ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئايرىم بىر بۆلۈم قاتارىدا ئيتىلغان شۇ سەۋەبلىك بەزى مۇقام شۇناسلار ئابۇ چەشمىنى مۇقامنىڭ چوڭ نەغمىسنىنىڭ بىر شۆبىسى ئەمەس بەلكى مۇقامنىڭ بىر سوتۇقى دەپ قاراپ مۇقامنىڭ تۆت سوتۇققا بۆلگۈچىلەرمۇ يوق ئەمەس لېكىن بۇ قىسمەن ئەھۋال
13. داستان (دستان) DASTAN
پارىسچە سۆز بولۇپ « تارىخ » « ھېكايە» ، « قسىسە » ، « داستان » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . ئۇنىڭ ئىستىمال مەنىسى : ① شېئىر بىلەن يېزىلغان چوڭ تىپتىكى ( پوئىما ) ② خەلق قەھرىمانلىرى ۋە ئاشىق - مەشۇقلار ھەققىدىكى ئېغىزدىن ئېگىزغا كۆچۈرۈپ يۈرگەن ئىپىك ئەسەر داستانلار دىگەنلەردىن ئىبارەت : « غېرىپ -سەنەم » « تاھىر - زۆھرە » « يۈسۈپ - ئەخمەد» دېگەندەك . مۇقامشۇناسلىقتا بولسا داستان دېگىنىمىز خەلق داستانلىرىدىن تاللاپ ئېلىنغان پارچىلار ئېيتىلغان ئىپىكلىق ( سىيۇژىتلىق ) ناخشىلار سىكىلىدىن ئىبارەت .ئۇ ئىلى مۇقاملىرىدا ئادەتتە مۇقامنىڭ بىرىنچى بۆلىمى ھېسابلىنىدۇ .
مۇقامنىڭ داستان قسىمىدىكى مىلودىيىلىك قۇرۇلما چوڭ نەغمىدىكى مىلودىيىنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتىدۇر . بۇ سوتۇقتا مۇقامدىكى ئاساسلىق تېما بىلەن قوشۇمچە مۇزىكىلىق تېمىلار يېڭىچە تۇستە راۋاجلىنىدۇ . داستان قىسمىدىكى كۈيلەر قەھرىمانلىق ،ئىنسان پەرۋەرلىك ئىشقى - مۇھەببەت ، ئەخلاق - پەزىلەت ، ئىلىم - مەرىپەت ۋە تۈرلۈك شىكايەتلەر ئىپادىلىنىدىغان قىسسە ، داستان ياكى ۋەقەلىك شېئىرلارغا ئۇيغۇن بولۇپ ، ئادەتتە ھەر بىر مۇقامدا ئۈچتىن - بەشكىچە داستان ئېيتىلىدۇ . داستانلارنىڭ ئايرىم ئاھاڭلىرى كىلاسسىك شائىرلارنىڭ غەزەللىرىگىمۇ باغلانغان بولىدۇ . ھەربىر داستاننىڭ بىردىن مەرغۇلى بولىدۇ . مەرغۇللارنىڭ رېتىم ۋە شەكلى مەرغۇللارنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان داستاننىڭ رېتىم ۋە ئۇدارلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ مۇزىكىلىق سۈرئەت جەھەتتە داستاندىن بىر ئاز تېزرەك بولىدۇ . مۇقامنىڭ ئىككىنچى سوتۇقىنى ئادەتتە ئىپىكىلىق قىسىم دىسىمۇ بولىدۇ
بىرىنچى داستاننىڭ ئۇدار شەكلى 4 /2 بولۇپ ، مۇزىكىلىق سۈرىتى ئاستا داستان ناخشىسى ئېيتىىدۇ . ئىككىنچى داستاننىڭ ئۇدار شەكلى 8/7 بولۇپ مۇزىكىلىق سۈرئىتى ئولتوراھال داستان ناخشىسى ئېيتىلىدۇ . ئۈچىنچى داستاننىڭ ئۇدار شەكلىرى
8 /9 بولۇپ مۇزىكىلىق سۈرئىتى ئولتۇراھال بايان ناخشىسى ئېيتىلىدۇ . تۆتىنچى داستاننىڭ ئۇدار شەكلى 8 /6 بولۇپ مۇزىكىلىق سۈرئتى ئولتۇراھال تېز ، داستان ناخشىسى ئېيتىلىدۇ .
Ⅲ . مەشرەپ ( مىشرب) MAXRAB
مەشرەپ ئەرەبچە سۆز بولۇپ لۇغەت مەنسى : ① خۇلىق ، خاراكتېر ئادەت ، تەبىئەت ② ئىچىملىك ئىچىلىدىغان جاي دېگەندىن ئىبارەت . مەشرەپنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىمال مەنىسى بولسا كىىشلەر بىر يەرگە توپلىشىپ قىلىدىغان ناخشا - ئۇسسۇللۇق ئولتۇرۇش ، يىغىلىش ، بەزمە قىلىش دىگەندىن ئىبارەت شۇنداقلا ئادەم ئىشمىگىمۇ قارىتىلىدۇ .
مەشرەپ ( تۇشۇرۇم ) - مۇقامنىڭ ئۈچىنچى سوتۇقى بولۇپ ئادەتتە نەقىش بەندىلەردىن ئېلىنغان بىر يۈرۈش ناخشىلارنىڭ 12 مۇقام پەدىلىرىدىكى ئىجرا قىلىنىشىغا قارىتىلغان بولىدۇ . مەشرەپ - مۇقامنىڭ مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى ۋە مۇقام راۋاجىنىڭ خۇلاسە قىسمى . مەشرەپلەر ئۆزى تەۋە بولغان مۇقامنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە يىغىنچاقلىغان بولۇپ ئۆمۈمىي جەھەتتتىن بىر پۈتۈن مۇزىكىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . مەشرەپ ناخشىلىرىنىڭ رىتىمى سەلىقىغە ئوخشاش 4- 5 مۇرەككەپ تاۋۇش قاتارلىرىدىن تۇزۇلگەن . بولۇپ ئادەتتە ، شوخ ، قىزغىن ، ئەركىن ، ئىخچام ، ناخشا - ئۇسسۇل كۈيلىرىدىن تەركىپ تاپقان . شۇڭا كىشى ۋۇجۇدىدا بىرخىل خۇشال- خۇراملىق قىزغىن شادىيانە كۈچلۈك ، يۇقىرى دولقۇنلۇق كەيپىياتنى پەيدا قىلىدۇ .
مۇقامنىڭ مەشرەپ قىسمى خەلق ئارسىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان دراماتىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قسىمى ھېسابلىنىدۇ . ئۇيغۇر « ئون ئىككى مۇقام » نىڭ ئىلى نۇسخىسىدا بولسا ، مەشرەپ مۇقامىنىڭ ئىككىنچى بۆلىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ھەربىر مۇقامدا ئىككىدىن تۆتكىچە مەشرەپ بولىدۇ . بىرىنچى مەشرەپنىڭ ئۇدرى 8/7 ، مۇزىكا سۈرىتى بولسا ئولتۇراھال ، ئۇسسۇللۇق ناخشا ئاساس قىلىنىدۇ . ئىككىنچى مەشرەپنىڭ ئۇدرى 8/7 ، مۇزىكا سۈرىتى ئولتۇراھال تېز ، ئۇسسۇللۇق ناخشا ئاساس قىلىنىدۇ . تۆتىنچى مەشرەپنىڭ ئۇدارى بولسا 4/2 ، مۇزىكا سۈرئىتى تېز ئۇسسۇللۇق ناخشا ئاساس قىلىنىدۇ .
مەرغۇل ( مرغول ① ) MARGUL
ئەرەبچە سۆز بولۇپ ، « چىرمالغان » ، « ئورۈلگەن » ، « چىگىش » ، « چىڭگىلەك چاچ» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . ئۇيغۇر مۇزىكا ئاتالغۇلىرىدا ئادەتتە مۇقامنىڭ ھەر بىر شۆبىسىنىڭ ھەر بىر داستانىنىڭ چالغۇ قسىمى مەرغۇل دېيىلىدۇ . مەرغۇل ناخشا ئاھاڭىنىڭ چالغۇ شەكىلدىكى بولماستىن شۇ ناخشىسىنىڭ چالغۇ قىسمىدا تۇرلەنگەن ، بېيتىلغان ۋە ۋارىئاتسىيە ( كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ تەكرارلايدىغان كۈي فومىسى ) قىلىنغان بىر شەكلى . شۇنداقلا مەرغۇل بىرەر كۈي سىزىق ئاھاڭنى تېز ۋە ماھارەت بىلەن يورغىلىتىپ چېلىشنىمۇ بىلدۈرىدۇ .
ئىككىنچى تۇرلۈك قىلىپ ئېيقاندا مەرغۇل - نەغمە بىلەن نەغمە ئارىسىدا ئوينىلىدىغان « تۇتاشتۇرغۇچى » « ئوتكۇزگۈچى » مۇزىكا ، ئىنساننى شېئىرى مىسرالار بىلەنمۇ ئىپادىلەپ بېرىش مۇمكىنچىلىقكى بولمىغان ئەڭ نازۇق ، ئەڭ مۇرەككەپ مول ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان قىسىم دىيىشكە بولىدۇ . مەرغۇللار ئۆزلىرى تۈسلىنىپ چىققان كۈي ئانا ئاھاڭ ) دىن ئۈزۈپ ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كۈي بولالايدۇ .
چۈشۈرگە ( چوشورگە ) QUXURGA
ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ مۇنداق ئىككى مەنىدە :
1) ئېرىق - ئۆستەڭ ۋە كۆللەرنىڭ سۈيىنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن قويۇلغان ئېغىز ؛
2) مۇزىكىنىڭ ئاخىرلىشىدىن قىسمى ، ئاخىرى ، مەسىلەن : نۇسخە مەرغۇلىنىڭ چۈشۈرگۈسى ، سەلىقەنىڭ چۈشۈرگۈسى ، دىگەندەك مۇقامدا چۈشۈرگە ئالدىنقى ناخشا مەرغۇلىدىن كېيىن كېلىدىغان يەنى كېيىنكى ناخشىغا چېلىنىدىغان مۇزىكىلىق پارچىنىڭ نامىدۇر . ئۇ ئادەتتە شۆبىلەرنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ بۇ خۇددى ئەدەبىي ماقالىلەردە ئابزاس بىلەن ئابزاسنى قاتلام بىلەن قاتلامنى باغلاشتا رول ئوينايدىغان ھالقىلىق سۆز ياكى ئابزاستەك رول ئوينايدۇ . چۈشۈرگە ئادەتتە چوڭ نەغمىنىڭ مەرغۇلىدىن كېيىن ، ئالدىنقى ناخشىنىڭ ئاخىرقى كۈبلىتىنى تەكرارلاش كېيىنكى ناخشىغا ئۆتتۈش ئۇسۇلى قوللانسا ، داستاندا مەرغۇلدىن كېيىن ، كېيىنكى ناخشىنىڭ بىرىنچى كۈبلىتىغا ناخۇن قىلىش ئارقىلىق ئۇلىنىدۇ .
پايدىلانغان ماتېرىياللار

1. باتۇر ئەرشىدىنۇف « ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە » ئالمۇتا 2002 - يىل نەشىرى
2. « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى » جۇڭگو قامۇس نەشىرياتى 1997- يىل نەشىرى
3. ئاپدۇرەئوپ تەكلىماكانىي « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىسى مۇقامى » ، مىللەتلەر نەشىرياتى ، بېيجىڭ 2005- يىل نەشىرى
4. «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەتقىقاتى » مىللەتلەر نەشىرياتى 1995- يىل نەشىرى
5. ش ئۇ ئار مەدەنىيەت نازارىتى تۇزگەن « جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى » ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2006- يىل نەشىرى
6. دولقۇن سەپەر « ئون ئىككى مۇقامنىڭ مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى توغرىسىدا ئىزدىنىش» ، « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» 1999- يىل 1- سانى
7. م تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار تۇزگەن « چاغاتاي تىلىنىڭ ئىززاھلىق لۇغىتى » ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2002- يىلى نەشىرى
8. « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىززاھلىق لۇغىتى » ( قسىقارتىلمىسى ) شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1998- يىلى نەشىرى


( ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى ! شىنجاڭ ئۇنۋېرسېتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى )
مەسئۇل مۇھەررى : ئۆمەرجان ئىمىن
[ ajrim تەرپىدىن 2008-06-18 21:19 قايتا تەھرىرلەنگەن ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(totem) ئەجىر
  • مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    مىللەت تۈزەلمىگىچە ،
                  ئىللەت تۇزەلمەس !
    | ۋاقتى : 2008-06-18 19:36 [باش يازما]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
    sertlan
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25991
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 669
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە669دانە
    شۆھرەت: 674 نۇمۇر
    پۇل: 2393 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :234(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:(ئەجرىم)ئون ئىككى مۇقامنىڭ سوتۇق ۋە شۆبە ناملىرنىڭ شەرھى

    قىرىندىشىم  رەھمەت  جۇمۇ
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-06-18 19:51 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    sapar007
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31841
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 68
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە68دانە
    شۆھرەت: 68 نۇمۇر
    پۇل: 318 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-18
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:(ئەجرىم)ئون ئىككى مۇقامنىڭ سوتۇق ۋە شۆبە ناملىرنىڭ شەرھى

    ئەجرىڭىزگە  تەشەككۈر...
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-18 20:14 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    salkinxah
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28504
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 102
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە102دانە
    شۆھرەت: 132 نۇمۇر
    پۇل: 425 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :54(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:(ئەجرىم)ئون ئىككى مۇقامنىڭ سوتۇق ۋە شۆبە ناملىرنىڭ  شەرھى




    نادىر سۇرەتلەردىن پارچىلەر

























    غازى ئەھمەت ئاكىنىڭ رەسىملىرىكەن ، ئۇچراپ قالدى شۇنىڭ بىلەن تېمىغا ئىنكاس شەكلىدىلا يوللىۋەتتىم ~ كەچۇرۇڭلەر ~ تېما چىقارغۇم كەلمەيدىغان بىر مىجەزىم بار مېنىڭ ....


    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    ئىززەتلىسە ئىززەتلە ، ئىززەتلىمىسە تېزەكلە !
    ئادەمنى تىلىڭدا ئەمەس ، دىلىڭدا سۆيگىن !
    | ۋاقتى : 2008-06-18 20:22 3 -قەۋەت
    guldildar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26151
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    پۇل: 182 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:(ئەجرىم)ئون ئىككى مۇقامنىڭ سوتۇق ۋە شۆبە ناملىرنىڭ شەرھى

    تىكىست ، رەسىم ، مۇزىكا ... ۋاھ ئەجىپ  ياخشى  چىقىپتۇ بۇ تېما  ھەممىڭلارغا رەھمەت 
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    | ۋاقتى : 2008-06-18 20:29 4 -قەۋەت
    tektek
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20203
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 340
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە340دانە
    شۆھرەت: 365 نۇمۇر
    پۇل: 1339 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :94(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋاھ ~ بۈگۈن  ئېسل تېمىدىن يەنە بىرنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپتىمەن . ئاۋۇ رەسىملەر نېمانداق ئېسىل . ھەممىنى ساقلىۋالدىم ، رەھمەت ئەجرىم خانقىز ، رەھمەت سالقىنشاش ئەپەندىم .
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-18 21:06 5 -قەۋەت
    kaxkar.ogli
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26513
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 606
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە606دانە
    شۆھرەت: 606 نۇمۇر
    پۇل: 2002 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    راسلام بەك ئىسىل تىما ئىكەن،رەخمەت سىزگە.
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-06-18 21:21 6 -قەۋەت
    salkinxah
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28504
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 102
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە102دانە
    شۆھرەت: 132 نۇمۇر
    پۇل: 425 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :54(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىtektekنىڭ2008-06-18 21:06دە يوللىغان يازمىسى  :
    ۋاھ ~ بۈگۈن  ئېسل تېمىدىن يەنە بىرنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپتىمەن . ئاۋۇ رەسىملەر نېمانداق ئېسىل . ھەممىنى ساقلىۋالدىم ، رەھمەت ئەجرىم خانقىز ، رەھمەت سالقىنشاش ئەپەندىم .

    ئىسىمنى توغرا ئاتسىڭىز مانداق سەلكىنشاھ دەپ ~~
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ئىززەتلىسە ئىززەتلە ، ئىززەتلىمىسە تېزەكلە !
    ئادەمنى تىلىڭدا ئەمەس ، دىلىڭدا سۆيگىن !
    | ۋاقتى : 2008-06-18 22:00 7 -قەۋەت
    90uygur
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 31208
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 93
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە93دانە
    شۆھرەت: 93 نۇمۇر
    پۇل: 379 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :54(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت،راستىنلا بىر ياخشى تىما ئىكەن.
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    مەن ھاياتنى سۈيىمەن .
    | ۋاقتى : 2008-06-18 22:21 8 -قەۋەت
    gooogle
    دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


    UID نۇمۇرى : 32770
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
    شۆھرەت: 12 نۇمۇر
    پۇل: 136 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-19
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-19 00:56 9 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » 12ﻣﯘﻗﺎﻡ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﮬﺎﯕﻠﯩﺮﻯ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-21 16:54
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation