ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك ،ئەجەپ غەلىتە تېمىغۇ بۇ دەيدىغانسىلەر ھە ؟نۇرغۇن تورداشلار تورغا چىقسا ئاساسەن ۋاختىنى كۆڭۈل ئېچىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ .ئەھىمىيەتلىك ئىشلارنى قىلاي دەيدۇ -يۇ بىرەر ئېنىق نىشان بولمىغاچقا نىمە ئۈچۈن تىرىشىشنى بىلمەي ۋاقىتنى زايا ئۆتكۈزىدۇ .
مەن مەلۇم بىر ھۆكۈمەت سېستىمىسىدا ئىشلەيمەن ،كۈندە خىزمەت ۋاختىم تور ئارلاش تېما كۆرۈش بىلەن ئۆتىدۇ .بەزىدە توردىكى ۋاقىتلىرىمنى مەنىسىز ئۆتكۈزىۋاتقاندەك ھىسياتقا كېلىپ قالىمەن .قانداق قىلغاندا يەنىمۇ مەنىلىك ئۆتكەزگىلى بولىدۇ ؟بۇ سۇئال دائىم كۆز قارچۇغۇمدا ئەكىس ئىتىپ تۇرۇدۇ .
بىر كۈنى ماڭا تۇيۇقسىز مۇنداق بىر ئوي كەلدى .مىللىتىم ئويغۇرۇم دەپمۇ قاخشاپمۇ باقتىم .ئەنچە مۇنچە ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلغاندىن باشقا مىللىتىمگە ھىچنىمە قىلىپ بىرەلمىدىم .بولۇپمۇ توردا شۇنداق قىلالمىدىم .قانداق قىلىش كىرەك؟مەن ئەگەر ئۇلىنىش تورىغا كىرىپ گىيوگىلدىن ئېلان ئالغان پەقەتلا 20 بىكەتنىڭ ئېلانىنى يېرىم مىنوت ۋاقىت چىقىرىپ چىكىپ قويسام ئۇيغۇرۇمنىڭ يانچۇقىغا ئاز دىگەندە 10يۈەن چۈشىدىكەن .گەرچە بۇ پۇل ماڭا تەۋە بولمىسىمۇ لېكىن ئۇيغۇر تور بىكەتلەرنىڭ ئىقتىسادى گۇللەنسە تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەر ۋە قۇراللار مەيدانغا كىلىدۇ بۇ كۆزگە كۆرۈكلۈك .شۇ ئوي بىلەن مەن بۇگۇندىن باشلاپ ئۇيغۇرۇمغا ھەقىقى تۆھپە قوشۇشنى باشلىۋەتتىم .يەنى دىيارىم ۋەكىللىكىدىكى 30دەك بىكەتنىڭ گىيوگىل ئېلانىنى پەقەت 2مىنوت ئىچىدىلا چىكىپ بولدۇم .
قەدىرلىك قېرىنداشلار سىلەرچە مېنىڭ بۇ توھپە قوشۇش ئۇسولۇم بولامدىكەن ؟توغراپ تاپساڭلار سىلەرمۇ شۇنداق قىلمامسىلەر؟
مەنبەسى:ئاگاھ
ئەسكەرتىش :سىز چوقۇم بىر كۇندە پەقەت بىرلا قېتىم چىكىڭ ،كۆپ چىكىۋەتسىڭىز شۇ تور بىكەتكە پۇل تېپىپ بىرەلمەيلا قالماستىن بەلكى ھىساۋاتنى توڭلىتىۋېتىسىز.....
[ agah تەرپىدىن 2008-06-19 23:07 قايتا تەھرىرلەنگەن ]