Quote:
引用第5楼baxtogragh于2008-10-18 17:27发表的 :
راست دەيسىز گۇل بەرگى خېنىم . سەنئەتچىلىرىمىز بەزى بىر ئەخلاقسىز ياشلىرىمىزنى ( سەھنىلەردە ) قامچىلاش مەقسىتىدە بۇ خىلدىكى ئېپىزوتلارنى سەھنىلەشتۇرۇشى مومكىن .
بۇ قامچىلار كوپىنچە ھاللاردا سەلبى رول ئويناۋاتقېنىنى ھىس قىلمىدىڭىزمۇ ؟ بىز خەلىققە ياخشى بولسۇن دەپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنىڭ ، ئەمىليەتتە بىز ئويلىغاندەك ئۈنداق ياخشى تەرەپكە باقماي ، يامان تەرەپكە سېرغىۋاتقىنىنىمۇ ھىس قىلمىدىڭىزمۇ ؟ مەسلەن : ئادىل مىجىت ، خالمۇرات .... قاتارلىق ئەرتىسلىرىمىزنىڭ جەميەتتىكى بىرقىسىم ئائېىلىسى تۇرۇپ ( قۇشقاشلار ) ئاشنا سورۇنى تۇزۇش ئۇچۇن تەردۇت قىلىدىغان ئېپىزوتلىرى ،( شۇنداقلام نۇرغۇن ياخشى تەربىيۋى ئەھمىيتى زور ئېپىزوتلار ئىشلەندى ). ئەمما بىز ئۇلارنى قامچىلاش ئورنىغا ، تېخىمۇ كوپ ( قۇشقاش ) سورۇنىنىڭ ھازىر جەميەتتە كوپلەپ كەتكىننى ھىس قىلمىدىڭىزمۇ؟ .
بىز بۇ يېڭىدىن كەشىپ قىلىنغان ( ئۇرۇمچى ) شىۋىسىنى ، بىزگە ! ئۇرۇمچى ياشلىرىغا تېڭىش ئارقېلىق ، بىزنىڭ باشقا ئەلدىكى بىزنى چۇشەنمىگەن قېرىنداشلارغا يىغلاڭغۇ -ئۈششۈق ، بىشەم كورسېتىش ئارقىلىق ئىبرەت ئالغۇزامدۇق ؟
سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىمۇ ئەلۋەتتەچۈشىنىمىز . بىراق ئەشۇ سەنئەتچىلىرىمىز ئەكس ئەتتۈرىۋاتقان يامان ئىللەتلەر ئارىمىزدا راستىنلا مەۋجۇد بىر ئىش . ئەگەر ئۇلارنى تىگىشلىك قامچىلاپ تۇرمىغاندا ئىنسانچىلىقتا كىم ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ دەيسىز ؟ ...مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم سەنئەتچىلەرنىڭ مەقسىدى مۇبالىغىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەشۇنداق ئۆزىنى بىلەلمىگەنلەرگە تەربىيە بېرىش ،ئۆزى -ئۆزىدىن سەسكەندۈرۈش ئارقىلىق مۇشۇنداق خاتا ،يامان ئىللەتلەرنى ياشلىرىمىز ياكى مىللىتىمىز ئارسىدىن يوقۇتۇشتىن ئىبارەت .
ئەلۋەتتە سىز دىگەندەك سەلبىي تەسىرىمۇ ھەقىقەتەن مەۋجۇد ، «قولنى كەسمىگۈچە قان چىقمايدۇ »، سىزدەكلەرنى ئازاپلاش ھىسابىغا ئۇيغۇر جەم.ىيىتىمىزدىكى يامان ئىللەتلەر ئازدۇر - كۆپتۇر يوقالسسا مىنىڭچە ئەرزىيىدۇ . شۇنداق ئەمەسمۇ ؟...
(كەچۈرۈڭ ، مىنى خانىم دىسىڭىز سەل كۆنەلمەي قالدىم
....)