چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
بۇ تېما 11562 قېتىم كۆرۈلدى
ilkan
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29096
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 109 نۇمۇر
پۇل: 460 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىستان( 1 )

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن (2008-11-21)دە نادىرلاندى

2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىستان( 1 )

بايمىرزا ھېيىت

تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمە قىلغان

بايمىرزا ھايىت ئإزبەك تۈركلىرىدىن يىتىشىپ چىققان مەشھۇر ئالىم ۋە سوۋيېتولوگ.
ئۇ 1917-يىلى 12- ئاينىڭ 17-كۈنى ئإزبەكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى نەمەنگان ۋىلايىتىنىڭ يارقورغان يېزىسىدا تۇغۇلغان.  ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ھايىت مىرزا مەھمۇت مىرزائوغلى، ئانىسىنىڭ ئىسمى رابىيە. شۇ يىلى بۇ ئائىلە  كىۋەزدىن مول ھۇسۇل ئالغاچقا، بۇنى ھايىتنىڭ  خاسىيىتى دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا باي، مۈلۈكدار دېگەن مەنىدە بايمىرزا دەپ ئىسىم قويغان.
بايمىرزىنىڭ  بالىلىق چاغلىرى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ۋە بىخەتەرلىك ساقلىغۇچى كۈچلىرىنىڭ قانلىق ھەرىكەتلىرى تولغان مەزگىللەر ئىدى.  بايمىرزا تۇغۇلۇشتىن بەش كۈن بۇرۇن قوقان ۋىلايىتى تۈركىستان مۇختارىيات جۇمھۇرىيىتى ئىلان قىلىنغان ئىدى. لېكىن، بايمىرزا 57 كۈنلۈك بولغاندا تاشكەنتىكى  سوۋېت رۇس ئارمىيىسى ياش تۈركىستان مۇختارىيات جۇمھۇرىيىتىنى يۇقاتتى. رۇسلار ۋە ئەرمەنلەردىن تەشكىل تاپقان  رۇسىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى پەرغانە ۋادىسىدا مىسلى كإرۈلمىگەن تىز سۈرۈتتە ھۇجۇمغا ئإتۈپ قىرغىنچىلىق قىلغاندا بايمىرزىنىڭ ئائىلىسى لەھمىدە يۇشۇرۇنۇپ جېنىنى ساقلىغان.
بايمىرزىنىڭ باشلانغۇچ  ئۇقۇش باسقۇچى 1923-يىلى مەھەللە مەكتەپلىرىدىكى دىنىي تەربىيە بىلەن باشلانغان. بىر يىلدىن كېيىن جەدىت مەكتىپىگە كىرگەن بايمىرزا بۇ مەكتەپنىڭ 4- سىنىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1928- يىلى نەمەنگان ۋىلايىتىدىكى مەركىزى تەلىم -- تەربىيە تېخنىك مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇ مەكتەپنىڭ جەمىئىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا باشلىغان ۋە ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان <<بىزنىڭ پىكىر>> دېگەن تام گېزىتىنىڭ تەھرىرىلىكىنى قىلىش بىرلىكتە بۇ گېزىت ئۈچۈن مەخسۇس ماقالىلارنى يازغان. 1932-1933 - يىللاردا يەر ئاستى مىللەتچى زىيالىلاردىن سۇلايمان چولپان، غاپۇر غۇلام، سافىزادە ۋە رافىق مإمىن قاتارلىق مەشھۇر شائىرلار بىلەن تۇنۇشقان. بولۇپمۇ چولپان بىلەن بولغان ئالاقىسى ئالاھىدە كۈچلۈك ئىدى. بۇ شائىرلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن شېئىر كىچىلىكىگە، يەنى چىنار ئاستى قەھۋەخانا يىغىلىشىغا بايمىرزامۇ تەكلىپ قىلىنغان. بۇ يىغىلىش بايمىرزىدا تارىخ ۋە مىللەت ئېڭى شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرلىكتە يەنە  مەسلەك، غۇرۇر، مېتود ۋە  تەدبىر يىتىلدۈرۈش رولىنى ئوينىغان.
1933-يىلى بايمىرزا ھايىتنىڭ ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش دەۋرىدۇر. مۇشۇ يىلى ستالىن <<خەلق دۈشمىنى>> دېگەن نامدا ئېلىپ بارغان تازىلاش ھەرىكىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ۋە ئىلغار زىيالىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىللىرىنىمۇ تەل تۈركۈس يوقاتقان ئىدى.   1934-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بايمىرزا ھايىت ئاۋۋال ئەندجان ۋىلايىتىدىكى سۇغۇرىش) دېھقانچىلىق( مەكتىپىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن قوقان ۋىلايىتىدە تىببىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن روھىنى  قىزىتمىغان بۇ مەكتەپلەرنى  تاشلاپ، 1920-1921- يىللاردا تۈركىستان سوۋېت مۇختار جۇمھۇرىيەتىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان ئۇستابايېفنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن  تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈنۋېرسېتىتىنىڭ تارىخ فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۈنۋېرسىتىت سىكرېتارىياتىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىدە ھايىتوۋىچ ماھمۇدوف دېگەن  فەمىلە قوللىنىلغان. رۇس مەدەنىيەت زوراۋانلىقىنىڭ سېسىق ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان بۇ فەمىلە بايمىرزىنىڭ   ۋۇجۇدىدا  قاتتىق يىرگىنچ ۋە نەپرەت تۇيغۇسى پەيدا قىلغان. بۇ فامىلىدىن 1939-يىلى قىزىل ئارمىيىگە  قوبۇل قىلىنغان چاغدا قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن فامىلىسى يەنە ھايىتوف قىلىپ ئإزگەرتىلگەن. ھايىتوف دېگەن فامىلىدىن 1942  - يىلى تۈركىستان قىسمى)تۈركىستان لېژيونى( غا قاتناشقاندىن كېيىن ئاندىن خالاس بولغان.
بايمىرزا ھايىت 1937-يىلى تاشكەنت ئۈنۋېرسېتىتىنىڭ تارىخ بإلۈمىنى تاماملىغان. شۇ چاغلاردا بايمىرزىنىڭ يىتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئإزبەكىستان مىللىي ئىتتىخات پارتىيىسىنىڭ باشلىقى فەيزۇللاھ خوجايېف، ئإزبەكىستان كومېنستىك پارتىيىسىنىڭ سېكرېتارى ئەكمەل ئىكرام ۋە داڭلىق شائىرلاردىن ئابدۇلرائىف فېترات ۋە سۇلايمان چولپان قاتارلىق كىشىلەر ئاللىقاچان يوقىتىلغان، ھەتتا مەكتەپلەردە دەرس ئۈتىدىغان مۇئەللىملەرمۇ قالمىغان ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا سوۋېت ھإكۈمىتى  ئالى مەكتەپلەردە تىز سۈرەتلىك ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى نىزامى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئۈچ ئايلىق بىر كۇرۇسقا قاتناشتۇرۇپ، ئاندىن ئۇلارنى مەكتەپلەرگە  ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن.  بايمىرزا ھايىتمۇ ئاۋۋال تۇروقورغان رايۇنىدا، كېيىن سېر دەرياسى بويىدىكى جاماجوي ۋە سايرام يېزىلىرىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئاخىرىدا رايونلۇق مائارىپ مودىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن. بۇ جەرىياندا تاشكەنتكە بېرىپ ئۈنۋېرسېتىتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بإلۈملىرىنىڭ ئىمتىھانىسىغا قاتناشقان. 1939-يىلى تاشكەنت ئۈنۋېرسېتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بإلۈمىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن  قىزىل ئارمىيىگە چاقىرىتىلغان. بايمىرزا ھايىت قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقاندىن كېيىن  مايور ئۈنۋانى بىلەن ۋەزىپىگە قويۇلغان. 1940-يىلى يازدا بايمىرزا ھايىت قوماندانلىقىدىكى تانكا قىسمى پولشانىڭ بيۇلاستۇك شەھرىگە كىرگەن. شۇ يىلى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى بايمىرزا ھايىت ئۇرۇشتا يارىلانغان. 1941-يىلى 7- ئاينىڭ 2-كۈنى  گېرمانلارنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشكەن.   شۇ يىلى 7- ئايدىن تاكى 10- ئايغىچە سوۋېت ئەسىرلىرى پولشانىڭ سلۇتسكتىن   چنېستاخوف شەھرىگە يإتكەپ ئاپىرىلغان. چنېستاخوف  ئەسىرلەر لاگىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈركلەردىن)ئەزەرى، تۈركمەن، ئإزبەك، تاتار، باشقىرىت، ئۇيغۇر، قىرغىز ۋە قازاق قاتارلىقلار( 360 مىڭ ئەتراپىدا ئەسىر توپلانغان. سوغۇق، ئاچلىق ۋە كىسەللىك تۈپەيلىدىن ئەسىرلەردىن ھەر كۈنى بىر قانچە يۈز ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. نەتىجىىدە بۇ يەردە ئإلگەنلەرنىڭ سانى   330 مىڭغا يەتكەن.  1941- يىلى 12- ئايدا چنېستاخوف ئەسىرلەر لاگىرىغا رۇس بولمىغان مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ھەيئەت كەلگەن. بۇ ھەيئەتنىڭ مەقسىتى ئەسىرلەرنى تىزىملاپ چىقىپ ئۇلارنى كېيىنكى كۈنلەردىكى ئىشلار ئۈچۈن خىزمەتكە سېلىش ئىدى. شۇ ئايدا بايمىرزا ھايىت گېرمانىيىدە تۇرىۋاتقان تۈركىستان مۇختارىيات جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى مۇستاپا چوقاي بىلەن كإرۈشكەن.  مۇستاپا  چوقاينىڭ  ياردىمى بىلەن بايمىرزا ھايىت 1942-يىلى 3- ئاينىڭ 15-كۈنى ئەسىرلەر لاگىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان.  گېرمانىيە تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن تۈركىستان  قىسمىنىڭ مەركىزى ۋارشاۋا شەھرىگە يېقىن بىر يەردىكى لېگىنونوۋا شەھرىدە ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىدىن بايمىرزا ھايىت قاتارلىق  254 كىشى قىسىمنىڭ 2- باتالىئونىنى تەشكىل قىلغان. بېرلىندىن ۋەلى قەييۇمخان كېلىپ ئۇلارنىڭ تۈركىستان پېدائىلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. گېرمانىيە قۇماندانلىرى بولسا  ئۇلارنى ھەر كۈنى  ئون سائەت ھەربىي مەشققە سالغان تەربىيىلىگەن. ئۇلارغا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىن دەرس ئإتۈلگەن.  1942-يىلى 8- ئايدا ۋەلى قەييۇمخان مىللىي تۈركىستان بىرلىك كومېتىتىنىڭ تەشكىل تاپقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغاندىن كېيىن، بايمىرزا ھايىت مۇشۇ كومىتېتتە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بېرلىنگە چاقىرتىلغان ۋە شۇ يىلى 1- نۇيابىردىن باشلاپ بۇ كإمىتېتتە ئىشلىگەن. 1943-يىلىنىڭ باشلىرىدا  ئۈنۋانى پولكوۋنىڭ  دەرىجىسىگە كإتۈرۈلۈپ ھەربىي مەسىلىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشقا باشلىغان. 1944-يىلى بۇ كومىتېتنىڭ ھەربىي بإلۈم باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، ھەم ئاشۇ كومىتېتنىڭ ھەم گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىغا قاراشلىق تۈركىستان ئارمىيىسىنىڭ ۋەكىلى بولغان. 1945-يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان مەزگىللەردە ئۇ چېخسلوۋاكىينىڭ مارىئېنباد دېگەن شەھرىدە شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە ئوخشاپ كىتىدىغان شەھەر قوغداش قىسىملىرىنىڭ  قوماندانلىقىنى ئإتىگەن ئىدى. ماينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر پولكى ۋەلى قەييۇمخان بىلەن بايمىرزا ھايىتنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى مارىئېنباد شەھىرىنىڭ تۈرمىسىگە ئەۋەتىپ بەرگەن. بىر ھەپتىدىن كېيىن بايمىرزا ھايىت ئەركىنلىككە قۇيۇپ بىرىلگەن، ۋەلى قەييۇمخان بولسا نۈرنبېرگ سوتىغا تاپشۇرۇپ بىرىلگەن.
ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىدە يەرلىشىپ قالغان بايمىرزا ھايىت 1947-يىلى مۈنستېر-- ۋېسفالېن ئۈنۋېرسېتىتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا ئۇقۇشقا كىرگەن. 1950- يىلى <<تۈركىستان مىللىي ھإكۈمەتلىرى>> دېگەن ئەسىرى بىلەن پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىلمىي ھاياتى باشلانغان. تەتقىقاتى ئاساسەن سوۋېتلەر  ئىتتىپاقىدىكى تۈركلەرنىڭ سىياسىي، تارىخى ۋە دىنى مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بايمىرزا ھايىت <<20- ئەسىردىكى تۈركىستان>>،  <<سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ تۈركىستان  مىسالىندىكى شەرق سىياسىتى>>، <<تۈركىستاندا سوۋېت رۇس ئمپېريالىزمى ۋە  كولونىيالىزمى>>، <<تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى>>، <<ئەسىر تۈركلەر>>، <<كومىنېست كولونىيالىزمى ئالدىدىكى تۈركىستان>>، <<ياۋرو -- ئاسىيا مەركىزىدىكى تۈركىستان>>، <<تۈركىستان رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا>>، <<رۇس ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى تۈركىستان ۋە ئىسلام>> ۋە <<تۈرك دۇنياسىدا رۇس ئىمپېرىيالىزمىنىڭ ئىزلىرى>> ۋە <<باسمىچىلار>> قاتارلىق سەككىز كىتاپ، 13  كىتاپچە ۋە 260 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئىلان قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنى يورىتىش ئۈچۈن بۈيۈك تإھپە قوشقان. بايمىرزا ھايىتنىڭ ئەسەرلىرى ئومۇمەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاشنى تېما قىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر رۇس – تۈرك مۇناسىۋىتىنى،  شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىيالدۇر. بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ 1971- يىلى گېرمانىيىدە نېمىسچە، 1975- يىلى تۈركىيىدە تۈركچە نەشىر قىلىنغان <<تۈركىستان رۇسىيە بىلەن جوڭگو ئوتتۇرىسىدا>> دېگەن ئەسىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇر تەرىپىدىن قايتا تولۇقلىنىپ ئىشلەنگەن نۇسخىسى 1995- يىلى تۈركىيە تارىخ قۇرۇمى تەرىپىدىن <<تۈركىستان دإلەتلىرىنىڭ مىللىي ئىنقىلاپ تارىخى>> دېگەن نامدا  نەشىر قىلىنغان. ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغان <<2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە  تۈركىستان>> دېگەن ماقالە ئۇنىڭ 1987 – يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدىكى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى فوندى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان <<سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى تۈركلۈكنىڭ ۋە ئىسلامنىڭ بەزى مەسىلىلىرى>>)ماقالىلار توپلىمى(دېگەن كىتابىدىن  تەرجىمە قىلىندى. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قۇيىدىغان بىر مەسىلە باركى، بۇ ماقالىدىكى <<تۈركىستان>> ئىبارىسى سوۋېت ھإكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى،  <<تۈركىستانلىقلار>> ئىبارىسى بولسا يەنە سوۋېت ھإكۈمرانلىقىدىكى تاتار، ئەزەرى، تۈركمەن، ئإزبەك، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈرك قەۋملىرىنى كإرسىتىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇنىڭدىن ۋاقىپ بولۇشىنى سورايمىز.
بايمىرزا ھايىت كإپ قېتىم چەتئەللەردىمۇ مۇھىم لېكسىيىلەرگە، دەرس ئإتۈشكە ۋە ئىلمىي زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ 1986- يىلى نۇيابىردا ۋە 1987-يىلى ئاۋغۇستتا ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۈنۋېرسېتىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن پەن- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا <<تۈركىستان تارىخىغا كىرىش>> دېگەن تېمىدا دەرس ئإتۈشكە  چاقىرىلغان. يەنە ئەنقەرەدىكى ھاجە تەپە ئۈنۋېرسىتىتىدە، ئىستانبۇل ئۈنۋېرسىتىتىدە، ئەنگلىيىدىكى لوندۇن ئۈنۋېرسىتىتىدە، ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۈنۋېرسىتىتىدە دەرس ئإتكەن. 1988-يىلى 12- ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە غەربىي ئاسىيا تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ تەكلىۋى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان قاتارلىق شەھەرلەردە ئىلمىي زىيارەتتە بولغان. دۇنيادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بايمىرزا ھايىتنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە نەچچە مىڭ بەتلىك ماقالىلار، نۇرغۇن  ماگىستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇق دېسىرتاتسىيىلىرى يېزىلغان. تۈرك ئالىمى ئەرول جىھانگېر ئۇنىڭغا ئاتاپ << يېقىنقى دەۋر تۈركىستان تارىخى مەنبەلىرى ۋە بايمىرزا ھايىت >> دېگەن تېمىدا بىر كىتاپ يازدى. بايمىرزا ھايىت  دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىلمى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى ئىدى.
1991-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئإزبەكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بايمىرزا ھايىت ئإزبەكىستان پارلامېنتى مەدەنىيەت كومېسيونى ۋە تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور، دوكتۇر ئاخمادئالى ئاسقاروفنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئإزبەكىستانغا تەكلىپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1992- يىلى 7- ئاينىڭ 12- كۈنى ئإزبەكىستان ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق ئايرىلغىنىغا 52 يىل بولغان ئانا ۋەتىنىگە كەلگەندە، ناھايىتى داغدۇغىلىق قارشى ئېلىنغان، بولۇپمۇ پەرغانە ۋادىسىدا كىشىلەر  <<خۇش كەلدىڭىز باتۇر يىگىتىمىز، ئاتىمىز>> دېگەن ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىپ ھېيىت تەنتەنىسىگە چإمگەن. بىر ئإمۈر رۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنى تەتقىق قىلغان بايمىرزا ھايىت ئإزبەكىستاندا سإزلىگەن نۇتۇقلىرىدا ئإزبەكىستاننىڭ مۇستەقىل  بولغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ يەنىلا سابىق سوۋېتلەر روھىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت بىر خىل ئاتالمىش مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى، ئإزبەكىستاننىڭ ھەقىقىي مۇستەقىل بولۇشى ئۈچۈن سوۋېتلەرنىڭ نامى ئإزگەرگەن بۇ سىياسىي جەندىسىنى  كىيمىگەن  يېڭى بىر ئەۋلاتلارنىڭ ھوقۇق بېشىغا چىقىش كىرەكلىكىنى تەكىتلىكەنلىكى ئۈچۈن  زۇڭتۇڭ كېرىموفنىڭ بۇيرىقى بىلەن 7- ئاينىڭ 25- كۈنى مەجبۇرىي ھالدا چېگىردىن چىقىرىۋىتىلگەن.
ئەللىك يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىنتايىن قىممەتلىك ئىلمىي ئەسەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ۋە دۇنيا تۈركولوگىيە ۋە سوۋيېتولوگىيە ساھەسىدە بۈيۈك بىر نۇپۇز ئىگىسىگە ئايلانغان بايمىرزا ھايىت 2006-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى گېرمانىيىنىڭ كإلىن شەھرىدە 89 يېشىدا ۋاپات بولدى.

-- تەرجىماندىن

       1935-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر تۈركىستان تۈركلىرى سوۋېت ئارمىيىسىگە سەپەرۋەر قىلىنمىغان ئىدى. 1935-يىلى قوبۇل قىلىنغان <<سوۋېت ئارمىيىسىگە سەپەرۋەر قىلىش>> قانۇنى بىلەن 1935-1938- يىللار ئارىسىدا ئاز ساندىكى  تۈركىستانلىقلار قىزىل ئارمىيىدە خىزمەتكە ئېلىندى. 1939-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن فىنلاندىيە ئوتتۇرىسىدا پارتلغان ئۇرۇش سەۋەبىدىن  تۈركىستانلىقلاردىن قىزىل ئارمىيىگە ئەسكەر سەپەرۋەر قىلىش پائالىيىتى كۈچەيدى. 1941-يىلى ئىيۇندا گېرمانىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان ئۇرۇشنىڭ دەستلەپكى يىللىرىدا)1941-1943( قىزىل ئارمىيىدە  تۈركىستانلىقلاردىن تەخمىنەن تإت مىليۇن 874 مىڭ 775  كىشى بار ئىدى. 18 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان  تۈركىستانلىقلار فرۇنت خىزمىتىگە سەپەرۋەر قىلىندى. تۈركىستانلىقلار 1939-1945-يىللاردا داۋاملىق ھالدا قىزىل ئارمىيە خىزمىتىگە سەپەرۋەر قىلىنىشتىن بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقى تۈزۈمى  تۈركىستاندىكى ئاپەتلىك سىياسىتىنىڭ ئېچىنىشلىق دەردىنى تارتىۋاتاتتى. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى كومېنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن ستالىننىڭ كإرسەتمىلىرنى ئۇرۇنداش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان <<دإلەت ۋە كومېنىستىك پارتىيە ئورگانلىرىنى خەلق دۈشمەنلىرىدىن ۋە مىللەتچىلەردىن تازىلاش>> ھەققىدىكى قارارى نەتىجىسىدە 1937-1939-يىللار ئارىسىدا  تۈركىستاندىن تەخمىنەن ئىككى مىليۇن كىشى قولغا ئېلىندى. بۇنداق بىر تېرورلۇق يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا قورقۇنچلىق يىللارنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى  تۈركىستانلىقلار قىزىل ئارمىيە خىزمىتىگە سېلىندى.
2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قىزىل ئارمىيىگە سەپەرۋەر قىلىنغان تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ سانى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات يوق. لېكىن، مىللىي تۈركىستان بىرلىك كومىتېتىنىڭ 1942-1943-يىللاردا گېرمانىيە تەرەپتىكى فرۇنتتا  قۇرۇلغان تۈركىستان    قىسمى)تۈركىستان لېژيونى(نىڭ  ئەسكەرلەردىن سورىغان  سۇئاللىرىغا  بىرىلگەن جاۋاپلاردىن ئۇرۇش مەزگىلىدە قىزىل ئارمىيىدىكى تۈركىستانلىقلارنىڭ سانى ھەققىدە ھەقىقەتكە يېقىن بىر جاۋاپقا ئىرىشىش مۇمكىن بولغان. توپلانغان مەلۇماتلارغا كإرە 1943-يىلى قىزىل ئارمىيىنىڭ ئالتە ھەربىي رايونى ئىچىدە مىنسك ۋە كيېۋ رايونلىرىدا 997مىڭ 802نەپەر، موسكۋا، لېنىنگراد، يىراق شەرق ۋە شىمالىي كاۋكازدا بىر مىليۇن 175 مىڭ 802 نەپەر  تۈركىستانلىق ئەسكەر بار ئىدى. سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ھەربىي رايونلىرىدىكى تۈركىستانلىقلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىرىشكىلى بولمىغان. گېرمانىيە ئۇرۇش دائىرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا كإرە سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ دەستلەپكى  يىللىرىدا سوۋېتلەرنىڭ غەربىي فرۇنتىدا تەخمىنەن ئىككى مىليۇنغا يېقىن  تۈركىستانلىق  ئەسكەر بار ئىدى. تورگائۇ شەھرىگە ئۇرۇنلاشقان گېرمانىيە ئۇرۇش ئەسىرلىرى رەھبەرلىكىنىڭ 1943-يىلى بەرگەن مەلۇماتىغا كإرە ئۇرۇشنىڭ دەستلەپكى يىللىرىدا سوۋېت ئارمىيىسىدىن بىر مىليۇن 700مىڭگە يېقىن  تۈركىستانلىق گېرمانلار تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان.
گېرمان – سوۋېت  ئۇرۇشىدىن بۇرۇن سوۋېت ئامىيىسىگە چاقىرىلغان  تۈركىستانلىقلارنىڭ كإپ قىسمى ئۇكراينا ۋە پولشادا تۇرغۇزۇلغان. فىنلاندىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا مەنىۋى ۋە ماددى كۈچىنى يوقاتقان قىزىل ئارمىيە گېرمانىيىنىڭ پولشادىكى ئىشغال قىلىنغان چېگرا رايونلىرىغا ئەۋەتكەن ئەسكەرلىرىنى يا قۇرال-- ياراغ جەھەتتىن ياكى مەنىۋى جەھەتتىن ھېمايە قىلغان ئەمەس. گېرمان ئارمىيىسىنىڭ قارشىسىدا تۇرىۋاتقان تۈركىستانلىق سوۋېت ئەسكەرلىرىنىڭ كإپ قىسمىنىڭ قوللىرىدا مىلتىققا ئوخشايدىغان بىر ياغاچ پارچىلىرى بار ئىدى. گېرمانلار تۇنجى بولۇپ چېگرادا تۇرىۋاتقان سوۋېت ئەسكەرلىرىدىن  تۈركىستانلىقلارغا قاتتىق زەربە بەردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە  تۈركىستانلىقلارنىڭ بىر قىسمى ئإلدى، كإپ قىسمى بولسا گېرمانلارغا تەسلىم بولدى ياكى ئۇلاردىن پاناھلىق تىلىدى. سوۋېت ئارمىيىسىدە چېگرادا تۇرىۋاتقان تۈركىستانلىقلارنىڭ پەقەت بىر قىسمى چېكىندى. لېكىن، بۇلارمۇ گېرمان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىندى ياكى ئإلتۈرۈلدى.
2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئارمىيىسىدىكى تۈركىستانلىق ئەسكەرلەرنىڭ سوۋېت ۋەتىنى  دېيىلىدىغان، ئەسلىدە رۇسىيە ۋەتەنپەرۋەرلىك رۇھىنى ئىپادىلەيدىغان سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ غەربى تەرەپلىرىدىكى توپراقنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن مەنىۋىي كۈچى يوق ئىدى. ھېچكىم 1937-1939-يىللاردىكى ستالىنىزم -- بولشىۋىزم تېرورلىقىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىدى.  تۈركىستانلىق ئەسكەرلەرنىڭ كإپچىلىكى رۇس تىلىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا <<ئىككىنجى دەرىجىلىك ئەسكەر>> نەزىرى بىلەن قارىلاتتى. شۇنداقتىمۇ تۈركىستانلىقلار ئإز ۋەتىنىدىن يىراقتىكى فرۇنتتا ۋەزىپە ئإتەيتتى. ھەر بىر تۈركىستانلىق سوۋېت ئەسكەرلىرىنىڭ كاللىسىدا <<مەن نىمىشقا بۇ يەردە تۇرىمەن>> دەيدىغان سۇئال بار ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ سوۋېت ئارمىيىسىدىكى تۈركىستان مىللىي قۇتۇلۇشى ئۈچۈن رۇسىيىگە قارشى گېنېرال مىر شېكەر رەھبەرلىكىدە تەشكىل قىلىنغان مەخپىي بىر تەشكىلات مىنسىك شەھرىدە ئۇرۇنلىشىپ، تۈركىستانلىق سوۋېت ئەسكەرلىرىنىڭ گېرمانىيىگە قارشى مۇھىم ئۇرۇشلارغا قاتناشماسلىقىنى تەشۋىق قىلدى. قىزىل ئارمىيە قوماندانلىق شتابى پەقەت 1944-1945يىللاردا تۈركىستانلىق ئەسكەرلەرنى  كونترول ئاستىغا ئالالىدى. سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ فرۇنتلىرىدا تۈركىستانلىق ئەسكەرلەرنىڭ سانى ئازىيىپ كەتتى. فرۇنت گېنولوگىيە مەسىلىلىرىدىكى بۇ روھ مىراسلىرىنى كۈنىمىزدە غەرپتە ئىپادىلىگەنلەر بار.
2- دۇنيا ئۇرۇشى يىللىرىدا تۈركىستان بىر تەرەپتىن سوۋېتلەر ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي يۇشۇرۇن كۈچىدە ئەھمىيەتلىك بىر رول ئوينىغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلىرى بىلەن سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئىقتىسادىغا ئائىت ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا مەجبۇر قىلىنغان. بۇمۇ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشىنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە  تۈركىستان مىللىي مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
گېرمان – سوۋېت ئۇرۇشى باشلانغان يىللاردا گېرمانىيىدە تۇرىۋاتقان تۈركىستانلىق زىيالىلار 1939- يىلى پولشا گېرمانىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا بإلۈشىۋېلىنغاندىن كېيىن تۈركىيىگە كەلدى. ئاشۇ يىللاردا فارىژدا ياشاۋاتقان مۇستاپا چوقاي ۋە بېرلىندە تۇرىۋاتقان ۋەلى قەييۇمخان قاتارلىق تۈركىستانلىق ئىككى زىيالى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان تۈرك قەۋملىرىنىڭ مۇھاجىر زىيالىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ مەملىكەتلىرىدىن كەلگەن ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ تېزىملىكىنى تەييارلاش بىلەن مەشغۇل بولدى. 1941-يىلى دېكابىردا مۇستاپا چوقاي ئالەمدىن ئإتتى.  يازما بولمىغان مەلۇماتلارغا كإرە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى تۈرك قەۋملىرىنىڭ گېرمانىيىدىكى مۇھاجىر رەھبەرلىرى ئەسىرلەرنى ئىشلىتىش ئۈچۈن تىزىملىك تەييارلىغان. 1942-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئەھۋالدا ئإزگىرىش بولدى. سوۋېت رۇس ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى غەيرى رۇس مىللەتلىرىنىڭ ۋە گېرمانىيىدىكى رۇس بولمىغان مىللەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ھەربىي قىسمغا قوبۇل قىلىش قارار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى يەرلەردە ئەرمەنى، گۈرجۈ، شىمالىي كاۋكاز، ئەزەربەيجان، ئىدىل-- ئۇرال ۋە تۈركىستان قىسىملىرى قۇرۇلدى. تۈركىستان قىسمىنىڭ 1- باتالىئونى 1942-يىلى 5-ئاينىڭ 2- كۈنى بىريانسك ئورمانلىقىدا سوۋېت ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا كىردى. 1942-يىلى ئاۋغۇستتا ۋەلى قەييۇمخان باشچىلىقىدا تۈركىستان مىللىي بىرلىك كومىتېتى قۇرۇلدى، يەنە <<مىللىي تۈركىستان>> ژورنىلى چىقىرىلدى. ژورنالنىڭ 1- سانى <<بىزنىڭ يول>> دېگەن نام بىلەن بېسىلدى. ئۇنىڭدا <<بىزنىڭ يول ئەجدادلار يولىدۇر، مۇستەقىللىق يولىدۇر>> دېگەن بايانات بىرىلدى. گېرمانىيە دإلىتى مىللىي كومىتېتنىڭ بۇ سىياسىي تەرىپىدىن خەۋەر تاپتى. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ سىياسىي مەقسىتىگە قارشى ھەرىكەتتە بولمىدى.
تۈركىستان قىسمىنىڭ فرۇنتتىكى ئەسكەر ۋە قوماندانلىرىنىڭ سانى 1944-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا 181مىڭ 402 كىشى ئىدى. بۇنىڭغا  قوشۇمچە قىلىنىپ ھەربىي فورما كىيگەن ۋە قىسىمغا تەۋە بولغا ئىشچى قىسىملىرىمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ سانى  85  مىڭدىن كإپرەك ئىدى. 1944-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا بولسا تۈركىستان قىسمىدا 267 مىڭدىن ئارتۇق تۈركىستانلىق خىزمەت قىلغان. ھەربىي قوماندانلىق ۋەزىپىسى گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تەيىنلىنەتتى. تۈركىستانلىقلاردىن باتالىئون، پولك قوماندانلىرى ۋە ئىزۋوت كاماندىرلىرىنىڭ سانى ناھايىتى  كإپ ئىدى. تۈركىستان قىسمىنىڭ سىياسىي ۋە مىللىي ئىشلىرى مىللىي تۈركىستان بىرلىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىناتتى. ھەر بىر ئەسكەر ۋە قومانداننىڭ)ئاشۇ قىسىمدا خىزمەت قىلىدىغان گېرمان ئەسكەرلىرى ۋە قوماندانلىرىنىڭمۇ( سول قولىدا <<تۈركىستان، ئاللاھ بىز بىلەن بىللە>> دېگەن تامغا بار ئىدى. ھەربىي قەسەم سۈپىتىدە تۈركىستان بايرىقىغا <<قۇرئان كەرىم>> بىلەن ئۇنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە بىربىرىگە كىرىشتۈرۈلگەن ئىككى قىلىچنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئىدى.  
گېرمانىيىدە تەشكىل قىلىنغان ئەزەربەيجان، شىمالىي كاۋكاز، ئىدىل-- ئۇرال ۈە تۈركىستان قىسىملىرىنىڭ تارىخى بۈگۈنگە قەدەر يېزىلمىدى. لېكىن بۇلارنى ئىلان قىلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ)ئەسكەر سانى( ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيىتى مەسىلىسىدە مەلۇمات  ئومۇمەن يوق دىيەرلىك.
تۈركىستان قىسمى سوۋېت رۇس ئارمىيىسىگە قارشى مۇھىم ئۇرۇشلارغا قاتناشتى. رۇسلار تۈركىستان مىللىي ئەسكەرلىرىنى ئەسىر ئالمايتى، ئۇلارنى قارا فاشىسىت دەپ ئاتايتى. ئۇلار  قەيەردە ئەسىرگە ئېلىنسا شۇ يەردە ئإلتۈرۋېتىلدى، ھەتتا يارىلانغان مىللىي ئەسكەرلەرمۇ ئإلتۈرۈلدى. تۈركىستان قىسمىدىن 1944-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر تەخمىنەن 65 مىڭ كىشى قۇربان بولدى. 900 غا يېقىن ئەسكەر سوۋېت پارتىزان قىسىملىرىغا قېچىپ كەتتى. ئەسكەرلەر گېرمان ئەسكەر ۋە قوماندانلىرى بىلەن ياخشى ماسلاستى، بەزىدە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىلىشمەسلىكمۇ بولدى. تۈركىستان قىسمى ئإزبەك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن ۋە تاجىك قەۋملىرىدىن )بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىمۇ بىلىنمەكتە -- ت( قۇرۇلغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ تۈركىستانلىقلار  سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈپ كىلىۋاتقان پارچىلاش سىياسىتى ئالدىدىمۇ <<تۈرك بىرلىكى>>نى كإرسىتىشكە قادىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. تەبىئىيكى، سوۋېت تەشۋىقاتى تۈركىستان قىسمىنى  ئىچىدىن بۇزۇشقا كإپ تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىستان مىللىي بىرلىكىنى بۇزالمىدى.
گېرمان دإلىتى 1945-يىلى 3- ئاينىڭ 24-كۈنى تۈركىستان قىسمىنى <<تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى>>، تۈركىستان مىللىي بىرلىك كومىتېتىنى <<تۈركىستان مىللىي ھإكۈمىتى>> سۈپىتىدە رەسمىي بىر ھإججەت چىقىرىپ ئىتىراپ قىلدى. مىللىي ھإكۈمەتكە گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭغا دوست دإلەتلەر بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتتە بولۇش ھوقۇقىمۇ بىرىلدى. گېرمانىيىنىڭ بۇ تەدبىرى بىراز كىچىكىپ قالغان بولسىمۇ، تارىخىي بىر ۋەقە سۈپىتىدە مۇشۇنداق بىر ئىتىراپ قىلىش قارارىنىڭ ھإججىتى دەۋرنىڭ تۈركىستان مىللىي مەسىلىسىگە بىر نەزەر سېلىش نوقتىسىدىن ئەھمىيەتلىكتۇر.
2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيىنىڭ ھېمايىسى ئاستىدا تۇتۇلغان تۈركىستانلىق ئەسىرلەرنىڭ  ۋە تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەر ۋە قوماندانلىرىنىڭ ھاياتىدا پاجىئەلىك بىر دەۋر باشلاندى. ئىتتىپاقداش دإلەتلەرنىڭ 1945- فېۋرالدا يالتا شەھرىدە تۈزگەن كېلىشىمىگە كإرە ھەر بىر دإلەت ئۇرۇشتىن كېيىن ئإزىنىڭ ۋەتەنداشلىرىنى قايتۇرىۋالاتتى. بۇ، مۇشۇنداق كىلىشم ھإرىيىتى بولغان بىر دإلەتنىڭ ۋەتەندىشى  ئۈچۈن ناھايىتى تەبىئىي بىر مەسىلە ئىدى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر قارارنىڭ تەدبىقلىنىشى كإپ كىشىنىڭ ئإلىمىگە سەۋەپ بۇلاتتى. يالتا كىلىشىمى ئىمزالانغان مەزگىلدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىشغال قىلغان رايونلىرىدا تۇرىۋاتقان تۈركىستانلىق ئەسىرلەر ۋە مىللىي ئەسكەرلەر مەجبۇرىي ھالدا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا  ئإتكۈزۈپ بىرىلدى.

داۋامى بار.


تېما تەستىقلىغۇچى : Diyarim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-21, 08:25
سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-21 04:24 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
0990palta
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31897
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 145 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

داۋامىنى كۈتىمىز
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 04:59 PM |
Adil Mijit Bilan sohbat
kunkiz
بەختىمىزگە كۆز  تەگمىسۇن!!!
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 6499
شۆھرەت: 3607 نۇمۇر
پۇل: 42250 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 150 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 625(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

تىمىڭىزنىڭ داۋامنى تولۇقى بىلەن كۆرۈپ بوپ  ئاندىن  تىمغا ئىنكاس قالدۇراي ، مۇنبەردە سىز ھەم ئايچىۋەر ھەدەم مۇشۇنداق  تارىخى تىملارنىڭ سەر خىلنى مۇنبەرگە بىرسىلە .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 06:50 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
xorpixana
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 31442
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 116 نۇمۇر
پۇل: 524 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 800(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

داۋامىغا تەشنا مىز!
Okyan
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 06:52 PM |
Adil Mijit Bilan sohbat
abo123
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 33525
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-21

 

ساقلىۋېلىپ كىيىنچە ئوقۇي
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 07:04 PM |
Yurtum Elani
yaxar1
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26433
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 79
شۆھرەت: 79 نۇمۇر
پۇل: 291 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-18

 

رەھمەت !
Okyan
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 09:14 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
0991sumruh
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 27057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 181
شۆھرەت: 191 نۇمۇر
پۇل: 758 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 7 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 487(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان تارىخ
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 09:28 PM |
Yurtum Elani
天山
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29264
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 77
شۆھرەت: 109 نۇمۇر
پۇل: 285 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 200 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

تارىخ سىنى ياراتقۇچىلاردىن پەخىرلىنىمەن ، سېنى يازغۇچىلاردىن نەپرەتلىنىمەن
مەنبە: شىنجاڭ مەدەنيىتى
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 10:21 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
kirim
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22791
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 66
شۆھرەت: 116 نۇمۇر
پۇل: 732 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-01

 

بو بىرياخشى تىما ئىكەن. تىما يوللىغىچىغا رەخىمەت.داۋامىنى كۇتىمز.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 11:13 PM |
Yurtum Elani
jorji
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 33297
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 97
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 368 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

داۋامىنى تېزراق يوللاپ بىرەرسىز  ئۇقۇغىلى شۇنداق ئالدىراپ كەتتىم   رەخمەت
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 12:40 AM |
Zulpikar Barat Ozbax
elbilge
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23465
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 59 نۇمۇر
پۇل: 637 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

 

ما ئاخىرى قېنى؟؟؟؟؟؟؟؟؟
قاچانغىچە ساقلايمىز؟؟؟؟؟؟؟
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 02:35 AM |
Yurtum Elani
kirimjan
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 5844
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2677
شۆھرەت: 1380 نۇمۇر
پۇل: 6722 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 544(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-05

 

رەخمەت ھارمىغايسىز........
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 09:57 AM |
Zulpikar Barat Ozbax
hiyal20
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 33368
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
پۇل: 178 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-30

 

داۋامىگە،قارايمىز،
داۋام لاشسۇن،جۇما
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 01:13 PM |
Yurtum Elani
hiyal20
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 33368
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
پۇل: 178 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-30

 

ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 01:14 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
a.lilla
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6709
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 63 نۇمۇر
پۇل: 631 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

داۋامىغا قارايمىز
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 03:01 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
دىيارىم مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى ۋە مەشھۇر شەخسلەر


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.063916(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:12
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号