داۋامى...
سىرىئۇس يۇلتۇزى ۋە 49
كېچىلېرى ئاسماندا ئەڭ پارلاق يۇلتۇز بولغان سىرىئۇس يۇلتۇزى قۇرئاندا نەجىم (يۇلتۇز)سۈرىسىنىڭ 49-ئايىتىدە ئۇچرايدۇ : (ئاللاھ شىئىرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر).نەجىم سۈرىسى_49-ئايەت. ئەرەبچە مەنىسى '' شىئرا '' بولغان سىرىئۇس يۇلتۇزىنىڭ پەقەت 49- ئايەتتە ئۇچرىشى ھەقىقەتەن قىزىقارلىق بىر ئەھۋالدۇر .چۈنكى ئالىملار سىرىئۇس يۇلتۇزىنىڭ ھەركەتلېرىدىكى تەرتىپسىزلىكلەرنى چىقىش قىلىپ ئۇنىڭ بىر جۈپ يۇلتۇز ئىكەنلىكىنى بايقىدى ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان يەنە بىر يۇلتۇزغا سىرىئۇس B نامىنى بەردى.تېلېسكوبسىز كۆرەلمەيدىغان سىرىئۇس B يۇلتۇزىنىڭ سىرىئۇس A ئەتراپىدىكى ئايلىنىش ۋاقتىمۇ 49 يىل ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. سىرىئۇس يۇلتۇزىنىڭ پەقەت 49- ئايەتتە بولۇشى بۇ يۇلتۇزلارنىڭ ئايلىنىش ۋاقتىنىڭ 49 يىل ئىكەنلىكىگە ئىشارەتتۇر.تېخى سىرىئۇس B يۇلتۇزى تېلېسكوبسىز كۆرەلمەيدىغان قۇرۇقلۇق.
تۆمۈرنىڭ ئاتوم نومۇرى قۇرئاندىكى '' ھەدىد '' (تۆمۈر )ناملىق سۈرىسىدە ناھايىتى قىزىقارلىق بىر چۈشەنچەبار بۈ سۇرىدە تۆمۈرنىڭ ئەرشتىن چۈشۇرۇلگەنلىكى تەكىتلىنىدۈ .ئاۋال بۈ ئايەتنى تەھلىل قىلايلى:{.....بىز تۆمۈرنىمۇ چۈشۇردۇقكى،ئۇنىڭدا بۈيۈك بىر قۇۋەت ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلەر بار....}(« ھەدىد »سۈرىسى ،25-ئايەت )بۇ ئايەتتە قوللىنىلغان (ئەفزەل) '' چۈشۈرمەك '' سۆزى تۆمۈرنىڭ دۇنيا سىرتىدىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. قۇرئاننىڭ دىگىنىدەك بۈگۈنكى ئاستورنومىيە بىلىمىمۇ تۆمۈر ماددىلېرىنىڭ ئالەمدىكى چوڭ يۇلتۇزلاردىن كەلگەنلىكىنى يەكۈنلىدى.
'' سۇپەرنوۋا'' دەپ نام بېرىلگەن بۇ يۇلتۇزلاردا مەيدانغا كەلگەن پارتىلاشلار نەتىجىسىدە تۆمۈر پارچىلېرى ئالەمگە چېچىلىپ دۇنياغا چۈشكەن.
شۇنداقلا ھەدىد،يەنى تۆمۈر سۈرىسى تۆمۈر ئېلىنتىنىڭ خىمىيىلىك بەلگىسىمۇ ئىشارەت بەرمەكتە.چۈنكى بۇ سۈرىنىڭ دەل ئوتتۇرسىدىكى ئايەتنىڭ ئەرەبچە ئوقۇلىشى'' فە ''ھەربلېرى بىلەن باشلىنىدۇ. تۆمۈر ئېلىمنتىمۇ خمىيىدە Fe ھەرىبى بىلەن كۆرسىتىلمەكتە.
شۇنىڭدەك ھەدىد يەنى تۆمۈر سۆزىنىڭ ئەرەبچىدىكى سانلىق قىممىتى 26، تۆمۈرنىڭ ئاتوم نومۇرىمۇ يەنە 26، ئاتوم نومۇرى تۆمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئېلىمنتلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئۇقۇمدۇر.ئېلىمنتلارمۇ ھەقىقەتەن ئاتوم نومۇرلىرىغا ئاساسەن رەتكە تۇرغۇزۇلغان.
365 كۈن « قۇرئان كەرىم»دە '' بىر كۈن (يەۋم)'' سۆزى 365 قېتىم ئۇچۇرايدۇ.بىلگىنىمىزدەك يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتىراپىدا تولۇق بىر قېتىم ئايلىنىشىغا 365 كۈن كېتىدۇ. يەر شارى قۇياش ئەتىراپىدا ئايلانغاندا ئوخشاشلا ئۆز ئوقىدىمۇ دەل 365 قېتىم ئايلىنىدۇ.
قۇرئاندا '' بىر كۈن (يەۋم)'' سۆزىنىڭ 365 قېتىم ئۇچۇرىشى ناھايىتى مۇھىم بىر بايقاشتۇر. چۈنكى بۇ يەر شارى ئوربىتىسى ھەققىدە بىزگە ئەسىرلەر ئاۋال ئۇچۇر بەرمەكتە. يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىسىدىكى 365 كۈنلۈك ئاستورنومىيىلىك ئايلىنىش قۇرئاندا ئوچۇق بىلدۈرمەكتە .
نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى ۋە 44- ئۇزۇنلۇق زامانىمىز ئالىملېرى ھازىرغىچە نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمىسىنىڭ قەيەردىلىكىنى تولۇق جەزىملەشتۈرەلمىدى. پەقەت بەزى ئالىملار ئۇ كېمىنىڭ ئاغرى تېغىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئوخشاشلا تەۋراتتا كېمىنىڭ تۇرۇپ قالغان يېرىنىڭ ئارارات (ئاغرى تېغى )ۋە ئەتىراپى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە.....'' ۋە كېمە 7- ئايدا ،ئاينىڭ 17-كۈنىدە ئارارات تاغلىرى (ئاغرى)ئۈستىگە جايلاشتى'' («تەۋرات » تەكۋىن __4|8 ).
«قۇرئان كەرىم»دە بولسا نۇھ كېمىسى جايلاشقان يەر '' ھۇد '' سۈرىسىنىڭ 44- ئايىتىدە ئۇچۇرايدۇ.{''ئى زېمىن سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت ،تارقىغىن'' دىيىلدى، سۇ سۇغۇلدى ،ئاللاھنىڭ (كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت )ھۆكىمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى (تېغى ؟ )ئۈستىدە توختىدى،'' زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن '' دىيىلدى} .«ھۇد »سۈرىسى ، 44- ئايەت.بۇ يەردە كېمىنىڭ جايلاشقان يېرى سۈپىتىدە جۇدى قىسمى كۆرسىتىلمەكتە. پەقەت بەزى تەرجىمىلەردە '' جۇدى '' ئورنىغا '' جۇدى تېغى'' دەپ تەرجىمە قىلىنغان .ھالبۇكى قۇرئاندا '' جۇدى تېغى '' ئەمەس بەلكى ''جۇدى '' ئىسمىلا ئۇچۇرايدۇ.
قۇرئاندا نۇھ كېمىسىنىڭ جايلاشقان يېرىنىڭ 44- ئايەتتە تىلغا ئېلىنىشى ناھايىتى قىزىقارلىق بىر ئەھۋال.چۈنكى تەۋراتتا كېمىنىڭ جايلاشقان يېرى دەپ كۆرسىتىلگەن ئاغرى تېغى ۋە ئەتىراپى 44-ئۇزۇنلۇقتا.بىلگىنىمزدەك يەر يۈزىدىكى ھەر قانداق بىر جاي كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇق رەقەملىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.19- ئەسىردە ،لوندوندىكى گرېنۋچ نۇقتىسى خەلقئارا باشلانغۇچ مېردىئان سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى.خەرىتىلەردە جەمئىي 360 ئۇزۇنلۇق ۋە 180 كەڭلىك بار .
ھەج ۋە 22- كەڭلىك ئەسىرلەردىن بېرى مۇسۇلمانلار ھەج ئىبادەتلېرىنى ئورۇنلىماق ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن مەككىگە سەپەر قىلماقتا .ئوخشاشلا ناماز ئوقۇغاندا بىز يۈزلىنىدىغان قىبلىمۇ يەنە مەككىدىكى كەئبەدۇر.
مۇسۇلمانلارنىڭ داۋاملىق يۈزلىنىدىغان بۇ مۇھىم مەركەزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى « قۇرئان كەرىم » دە ئۆزىنى يوشۇرماقتا .ھەر يىلى مىليونلارچە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئورۇنلىماقچى ئۈچۈن بارىدىغان يېرى __ مەككە 22- كەڭلىكتە .«قۇرئان كەرىم»دىكى «ھەج »سۈرىسىمۇ دەل 22- سۈرىدۇر.
خەرىتىلەردە جەمئىي 360 ئۇزۇنلۇق ،180 كەڭلىك بارلىقىنى ۋە خەلقئارا باشلانغۇچ مېرىدىئاننىڭ گرېنۋىچ ئىكەنلىكىنى بايا سۆزلىگەنىدۇق.
مانا بۇ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە كۆرە ، ھەج مەركىزىنىڭ يېرى قۇرئان بىلەن خەۋەر بېرىلمەكتە.
33- كەڭلىك،35- ئۇزۇنلۇق : ئىسرائىل «قۇرئان كەرىم»دە ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ قايسى يىلىدا قۇرۇلىدىغانلىقى يوشۇرۇن بىر شەكىلدە خەۋەر بېرىلمەكتە .كىتابنىڭ كېيىنكى بۆلۈملېرىدە بۇ تېمىنى تۇتىمىز. ئاۋۋال پەقەت بۇ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا كېلىمىز.
ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئەسىرلەر بويى مەۋجۇتلۇقنى يوقاتماي كەلگەن بىر قەۋمدۇر. ۋاھالەنكى رەسمىي بىر دۆلىتى پەقەت 20- ئەسىردە قۇرۇلغان.
قۇرئاندىكى «ئال ئىمران»سۈرىسى ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ قايسى كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇقتا قۇرۇلۇدىغانلىقىغا بىشارەت بەرمەكتە. ئايەتلىرىدە ''ئال ئىمران '' تىلىمىزدا '' ئىمران ئائىلىسى '' مەنىسىدە.
ئىمران ئائىلىسى ئىسرائىل ئوغۇللىرى نەسلىدىن ، شۇنداقلا «ئال ئىمران » سۈرىسىنىڭ پەقەت 33- ۋە 35- ئايەتلىرىدە '' ئىمران '' سۆزى ئۇچۇرايدۇ. دىققەت قىلىنسا ، بۈگۈنكى ئىسرائىل دۆلىتىمۇ 33- كەڭلىك ۋە 35- ئۇزۇنلۇقتا.
«ئال ئىمران » سۈرىسىدە دىققەتنى تارتىدىغان يەنە بىر نۇقتا بار.ھەقىقىي ئىسمى يەئقۇپ بولغاب پەيغەمبەرنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىسرائىلدۇر ۋە بۇ يەردە '' ئىسرائىل '' دەپ ئۇچۇرايدۇ :'' تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ،ئىسرائىل (يەنى يەئقۇپ ئەلەيھىسسالام ) ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەر (يەنى تۆگىنىڭ قۇشى ۋە سۈتى )دىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى.... («ئال ئىمران » سۈرىسى ،93-ئايەت).ئادەتتە '' ئىسرائىل ئوغۇللىرى '' سۆزى قۇرئاندا پات-پات ئۇچرايدۇ،ۋاھالەنكى بۈگۈنكى دۆلەت ئىسمى بولغان '' ئىسرائىل '' سۆزى بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغان.
داۋامى بار.... [ بۇ يازما atirgul627 تەرپىدىن2008-12-04 12:44 AMدە ]