داۋامى:
ئابدۇللانىڭ ئامىنەگە ئۆيلىنىشى ۋە ئامىنەنىڭ ھامىلدار بولىشى
ئابدۇللا ئاتىسى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئامراق بالىسى ئىدى . ئابدۇللا ئون سەككىز ياشقا كىرگەندە، ئاتىسى ئۇنىڭغا ۋەھىبنىڭ قىزى ئامىنەنى ئېلىپ بەردى . ۋەھىب ئابدۇمانافنىڭ ئوغلى ، ئابدۇماناف زوھرەنىڭ ئوغلى ، زوھرە كىلابنىڭ ئوغلى ئىدى . بۇ چاغدا ئامىنە نەسەپ ۋە قەبىلە جەھەتتىن قۇرەيش ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئېسىلى ئىدى . ئۇ ئابدۇللانىڭ نىكاھىغا ئۆتۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن بىر تەكىگە باش قويغاندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھامىلدار بولدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىسىنىڭ قوسىغىدا ئىككى ئايلىق بولغاندا ئاتىسى ئابدۇللا ۋاپات بولۇپ ، ئەدى ئىبنى نەججارنىڭ ئەۋلادى بولغان تاغىلىرىنىڭ قېشىدا مەدىنىدە دەپنە قىلىندى . ئابدۇللا شام (سۈرىيە)غا سودا ئۈچۈن بېرىپ قايتىپ كېلىۋىتىپ ، مەدىنىگە كەلگەندە قازا تاپقان ئىدى . ئامىنەنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ ، بالىسى تۇغۇلدى . دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە مەرىپەت روھىنى تاراتقان ، گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرگەن بۇ ئۇلۇغ بوۋاق بىلەن جاھان ئۈمۈتۋارلاندى . مەرھۇم ئاسترونۇم مەھمۇد پاشا (مىسىرلىق ئاسترونۇم، 1885-يىلى ۋاپات بولغان-ت) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەبىئول ئەۋۋەل (ھىجرىيىنىڭ3-ئېيى) نىڭ 9-كۈنى دۈشەنبە ئەتىگەندە تۇغۇلغانلىقىنى ، بۇ ۋاقىتنىڭ مىلادىنىڭ 571-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىگە يەنى پىل ۋەقەسى( مەككىدە يۈز بەرگەن مەشھۇر ۋەقە. ئەرەپلەر ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ مۇھىم ۋەقەلەرنى تارىخ بېشى قىلىپ ھېسابلاش ئادەتلىرىگە ئوخشاش، ئەرەپلەرمۇ بۇ ۋەقەنى تارىخ بېشى قىلىۋالغان . قۇرئانداپىل سۈرىسىدىمۇ بۇ ۋەقە تىلغا ئېلىنغان . بۇ ۋەقەنىڭ خۇلاسىسى شۇكى ، مىسىردىن كىيىن يەمەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەبەش پادىشاھلىرىدىن بىرى مەككىگە ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ كەئىبنى بۇزماقچى بولىدۇ . ئۇ چوڭ بىر پىلنى ئېلىپ كەلگەن، ئەرەپلەر مۇنداق پىلنى كۆرمىگەن ئىدى . كېلىش ئالدىدا تۇرغان پەيغەمبىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئۇلۇغ كەئىبنى ساقلاش يۈزىسىدىن ئاللا دۈشمەنلەرنىڭ سۈيقەستىنى بەربات قىلدى . ئۇلارغا بىر تۈركۈم قۇشنى ئەۋەتىپ ، شېغىل تاشلارنى ئاتقۇزۇپ ، ئۇلارنى چاينىۋىتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى ، قۇرەيشلەرنى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش مۇشەۋقىتىدىن قۇتقۇزدى) نىڭ بىرىنجى يىلىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنى ھاشىم كوچىسىدا ئەبۇتالىبنىڭ قورۇسىدا تۇغۇلدى . ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋۋىنىڭ ئانىسى شەففا تۇغۇت ئانىسى بولدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئامىنە پەيغەمبىرىمىزنىڭ چوڭ دادىسىغا خوش خەۋەر يەتكۈزۈشكە كىشى ئەۋەتتى . چوڭ دادىسى خۇشال ھالدا كېلىپ ، ئۇنىڭغا مۇھەممەد دەپ ئات قويدى. بۇ ئىسىم بۇرۇن ئەرەپلەر ئىچىدە قوللىنىلمىغان . ئاللا ئۆز ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى . پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان تەۋرات (يەھۇدىلارنىڭ مۇقەدداس كىتاۋى-ت) ئىنجىل (خىرىستىيانلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى-ت) غا ئوخشاش كىتابلاردا بۇئىسىم زىكرى قىلىنغان . ئاللا ئۆز ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈزىسىدىن رەسۇلۇللانى شۇنداق ئاتاشنى چوڭ دادىسىنىڭ دىلىغا سالغان . ئاتىسى ئابدۇللانىڭ دېدىكى ، ھەبەشلەردىن بولغان ئۇممەئەيمەن بەرەكە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەربىيە ئانىسى بولدى . ئۇنى بىرىنجى قېتىم ئىمىتكەن ئايال تاغىسى ئەبۇلەھەبنىڭ دىدىكى سۇۋەيبە ئىدى.
ئېمىتىش
بالىنىڭ زېرەك بولۇشى ئۈچۈن سەھرادىن ئىنىكئانا تېپىپ كېلىپ بالىلىرىنى ئەمگۈزۈش ئەرەپلەرنىڭ ئادىتى ئىدى . شەھەرلەردە تەربىيلەنگەن بالا گالۋاڭ ، بوشاڭ بولىدۇ ، دېيىشەتتى . سەئىد ئىبنى بەكرى قەبىلىسىدىن بىر تۈركۈم ئاياللار ئەمگۈزىدىغان بالا ئىزلەپ كېلىدۇ ، ماختاشقا لايىق بوۋاق مۇھەممەد بەنى سەئىد قەبىلىسىدىن ئەبۇ زو ئەيىبنىڭ قىزى ھەلىمىگە توغرا كېلىدۇ . ھەلىمىنىڭ ئېرىنىڭ ئىسمى ئەبۇكەبشە ئىدى . قۇرەيش خەلقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلغان چاغدا، ئۇنى ئەبۇكەبشىگە مەنسۇپ قىلغان ، ئەبۇكەبشەنىڭ ئوغلى ئاسماندىن سۆزلەيدۇ ، دېيىشكەن . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەمگۈزگەن تۆت يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋامىدا ، ھەلىمەنىڭ ئائىلىسىگە بەركەت ياققان . رەسۇلۇللانىڭ كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەسى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەلىمەنىڭ تەربىيىسىدىكى ۋاقتىدا مۇھىم ۋەقە يۈز بەردى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكى يېرىلىپ ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى چىقىرىپ تاشلاندى . بۇ ۋەقەدىن قورقۇنچ ئىچىدە قالغان ھەلىمە ئۇنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ھەلىمە ۋەقەنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:<< ئۇ قېرىنداشلىرى (ھەلىمەنىڭ بالىلىرى) بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدا قوزىلار ئارىسىدا ئويناۋاتاتتى . ئۇنىڭ قېرىندىشىنى (ھەلىمەنىڭ بالىسى) يۈگۈرۈپ كىرىپ ، ماڭا ۋە دادىسىغا : ھېلىقى قۇرەيشلىك قېرىندىشىمنى ئاق كىيىملىك ئىككى كىشى تۇتۇۋىلىپ ياتقۇرۇپ، قوسىغىنى يېرىپ قامچا بىلەن قوچىۋاتىدۇ، دېدى . ئاتىسى بىلەن ئىككىمىز چىقىپ قارىساق، ئۇنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىپتۇ . ئىككىمىز ئۇنى قۇچاقلاپ: نېمە بولدۇڭ ئوغلۇم؟ دەپ سورىساق، ئۇ : ئاق كىيملىك ئىككى كىشى كېلىپ ، بىرسى ھەمرىيىغا مېنى كۆرسۈتۈپ : مۇشۇمۇ؟ دېۋىدى، ھەمرىيى: شۇ! دەپ جاۋاب بەردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا ئېتىلدى ۋە مېنى ياتقۇزۇپ قوسىغىمنى يېرىپ، بىر نەرسىنى ئاختۇرۇپ ئېلىپ تاشلىۋەتتى ، ئۇنىڭ نىمىلىكىنى ئۇقمايمەن ، دېدى.>>
رەسۇلۇللانىڭ ئامىنە ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ قولىغا قېلىشى ، ئابدۇلمۇتتەلىب ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئابۇتالىبقا قېلىشى
ئانىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھەلىمەدىن تاپشۇرۋىلىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەي سەپەر قىلىپ قايتىپ كېلىشىدە قازا قىلدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇممۇ ئەيمەن باقتى ، چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتتەلىب ئۆز تەربىيىسىگە ئالدى . ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگۈسىدە بۈيۈك ئادەم بولىدىغانلىقىنى ئۇنىڭدا كۆرۈلگەن ئالامەتلەردىن بايقىغانلىقى ئۈچۈن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بالىسىدىنمۇ ئارتۇق كۆيىنەتتى ، ئۇنى بەكمۇ ئەتىۋارلايتتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەككىز ياشقا كىرگەندە ئابدۇلمۇتتەلىب ۋاپات بولدى ، شۇنىڭ بىلەن دادىسىنىڭ قېرىندىشى ئەبۇتالىبنىڭ قولىغا قالدى . ئەبۇتالىب ئۇنىڭغا كۆيۈمچان ۋە ھامى ئىدى. ئەبۇتالىبنىڭ قولى قىسقا ئىدى ، ئاللا ئۇنىڭ ئاز مېلىنى بەركەتلىك قىلدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغىسى ئەبۇتالىبنىڭ تەربىيىسىدە بولغان مۇددەتتە قانائەتچانلىقتا، ئادەتتە ئۇششاق بالىلار شۇغۇنلىنىدىغان مەنىسىز ئىشلاردىن يىراق بولۇشتا نەمۇنە ئىدى . تەربىيە ئانىسى ئۇممۇ ئەيمەننىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، تاماق ۋاقتىدا بالىلار كېلىپ تالىشىپ كەتسىمۇ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللانىڭ بېرىدىغىنىغا قانائەتلىنىپ تۇراتتى.
رەسۇلۇللانىڭ شامغا قىلغان تۇنجى سەپىرى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 12 ياشقا كىرگەندە، تاغىسى ۋە باشقىلار بىلەن شامغا سودىغا باردى ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شامغا قىلغان تۇنجى سەپىرى بولدى. ئۇلار شامدا ئۇزاق تۇرمىدى . كارۋاندىكىلەر بۇسرا( سۈرىيە بىلەن ئەرەبىستان ئارىسىدا چىگرىغا جايلاشقان كەنت) ئەتراپىدا راھىپ (يەھۇدىلارنىڭ دىنىي باشلىقى) بەھىرا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى . بەھىرا ئۇلاردىن يەھۇدىلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋىدا بايان قىلىنغان، مۇشۇ زاماندا ئەرەپلەر ئىچىدىن مەيدانغا كېلىدىغان پەيغەمبەر توغرىلىق سورىدى . كارۋاندىكىلەر ئۇنداق كىشىنىڭ تېخى مەيدانغا كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى . يەھۇدى، ناسارالاردىن ئىبارەت ئەھلى كىتاب (تەۋرات،ئىنجىلغا ئىتىقاد قىلىدىغان خەلقلەر) پەيغەمبەر كېلىشتىن بۇرۇن ئاشۇنداق سۆزلەرنى كۆپ قىلىشاتتى. <<ئۇلار بۇرۇن ئىتىراب قىلغان پەيغەمبەر مەيدانغا كەلگەندە ، ئۇنى ئىنكار قىلىشتى ، ئاللا كاپىرلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ.>> (سۈرە بەقەرە ، 89-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
خەيرىيەت ئۇيۇشمىسى
رەسۇلۇللا 20 ياشقا كىرگەندە فۇججار ئۇرۇشىغا قاتناشتى، بۇ ئۇرۇش كىنانە ۋە قۇرەيش قەبىلىسى بىلەن قەيس قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا بولدى . ئۇرۇش ئاخىرىدا كېڭىشىش ئارقىلىق قۇرەيش قەبىلىسى تۆلەم تۆلەيدىغان بولۇپ ئاياقلاشتى . ئەرەپلەرنىڭ ئارىسىدا ئىسلام نۇرى تارىلىش بىلەن ئاللا ئۇلارنىڭ دىللىرىنى دوستلاشتۇردى، ناھەق ئۇرۇشلارنى تۈگەتتى .
قۇرەيشلەر فۇججار ئۇرۇشىدىن قايتىپ كېلىپ، خەيرىيەت ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇشقا چاقىرىق چىقاردى . قۇرەيش باشلىقلىرىدىن ئابدۇللا ئىبنى جۇدئان تىمنىڭ قورۇسىدا خەيرىيەت ئۇيۇشمىسىنى تەشكىل قىلدى . بۇنىڭغا ئابدۇماناف ئەۋلادىدىن ھاشىم جەمەتى ، مۇتتەلىب جەمەتى ، ئەسەد ئىبنى ئابدۇلئۇززا جەمەتى ، زوھرە ئىبنى كىلاب جەمەتى ۋە تىم ئىبنى مۇررە جەمەتى قاتناشتى . ئۇلار ئىتتىپاق تۈزۈپ ، مەككىلىكلەردىن ياكى چەتتىن كەلگەن كىشىلەردىن بىرەرسى مەككىدە زۇلۇمغا ئۇچرىسا،ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ھەقنى جايىغا قارار تاپقۇزۇشقا ۋەدىلەشتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ تاغىلىرى بىلەن بۇ ئۇيۇشمىغا قاتناشتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈزەل ئەخلاقلارنى تەشەببۇس قىلىشقا ئەۋەتىلگەن ، بۇ ئۇيۇشمىنىڭ ئىشلىرىمۇ گۈزەل ئەخلاق جۈملىسىگە كىرىدۇ. ئىسلام دىنى مۇشۇنداق نۇرغۇن ئىشلارنى ئېتىراپ قىلغان . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈ ئەۋەتىلدىم ، دېگەن سۆزىمۇ مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . مەزكۇر ئۇيۇشمىغا نۇرغۇن كىشىلەر قاتنىشىپ ھەققانى ئادەملەردىن بولغان.
رەسۇلۇللانىڭ شامغا قىلغان ئىككىنجى قېتىملىق سەپىرى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 25 ياشقا كىرگەندە ، شامغا ئىككىنجى قېتىم سەپەر قىلدى . ئەسەد جەمەتىدىن خۇۋەتلىدنىڭ قىزى خەدىچە ئېسىل ، باي سودىگەر خانىم ئىدى ، كىشىلەرنى ياللاپ تىجارەتكە سالاتتى ، شىرىك تىجارەت قىلاتتى. ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېچ كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدىن تېپىلمايدىغان سەمىمىي، راستچىل ئىكەنلىكىنى،ھەتتا خەلقى ئۇنى ئەمىن(ئىشەنچىلىك) دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ، ئۇنى ياللاپ تىجارەت ئۈچۈن شامغا ئەۋەتتى . ئۇنىڭغا باشقىلاردىن كۆرە ماللارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى بەردى . خىزمەتچىسى مەيسەرەنى ئۇنىڭغا قوشۇپ ئەۋەتتى . ئۇلار بېرىپ سودا قىلىپ زور پايدا ئالدى . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سەپىرىدە تۈرلۈك بەركەتلەر كۆرۈلدى . بۇنىڭ بىلەن خەدىچەنىڭ خىزمەتچىسى مەيسەرە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئامراق بولۇپ قالدى.
رەسۇلۇللانىڭ خەدىچىگە ئۆيلىنىشى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن مەيسەرە مەككىگە قايتىپ كەلدى . خەدىچە ئۇلارنىڭ زور پايدا ئالغانلىقىنى كۆرۈپ ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن خۇرسەن بولدى ، ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشنى بىلدۈرۈپ ئەلچى ئەۋەتتى: بۇ چاغدا خەدىچە قىرىق ياش ئۆپچۆرىسىدە ئىدى ، ئۇ قۇرەيش قەبىلىسى ئىچىدە ئوتتۇرا نەسەبلىك ، پۇل-مېلى كۆپ ئايال ئىدى . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تاغىسى بىلەن خەدىچەنىڭ تاغىسى بىلەن تاغىسى ئەمىرئىبنى ئەسەدنىڭ قېشىغا كىردى، تاغىسى ئەبۇتالىب ئارقىلىق خەدىچىنى خوتۇنلۇققا سورىدى. خەدىچىنىڭ تاغىسى ماقۇللۇق كۆرۈپ ، ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەردى . ئەبۇتالىب شۇ كۈنى مۇنداق خۇتبە ئوقۇپ نىكاھ قىلدى:<< ئاللاغا شۈكرىكى، ئاللا بىزنى ئىبراھىم ، ئىمائىللارنىڭ نەسلىدىن قىلدى؛مەئەد ۋە مۇزەرنىڭ ئەۋلادى قىلدى؛ بىزنى بەيتۇللاغا قارايدىغان ، ھەرەمنى باشقۇرىدىغان قىلدى؛ ھەرەمنى ھەج قىلىنىدىغان بەيتۇللا قىلدى ۋە قان تۆكۈش مەنئى قىلىنغان ، ھۆرمىتىنى ساقلاشقا تېگىشلىك جاي قىلدى؛ بىزنى كىشىلەر ئۈستىدە ھۆكۈمران قىلدى . مېنىڭ قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا ئېسىللىكتە ، ئالىجانابلىقتا ۋە پەزىلەتتە تەڭداشسىزدۇر . ئۇنىڭ مال-مۈلۈكى ئاز بولسىمۇ ، مال دېگەن داۋامى يوق سايىگە ئوخشاش تۈگەيدىغان نەرسە ۋە قايتۇرۇلىدىغان ئارىيەت . ئاللاغا قەسەمكى ، مۇھەممەد كەلگۈسىدە بۈيۈك نامغا ئىگە بولىدۇ ، چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ ، سىلەرنىڭ قىزىڭلار خەدىچىنى ياقتۇرۇپ ئالماقچى بولدى . خەدىچىگە(مۇنچىلىك) مەھرى (ھەق) بەردى.
شۇنىڭ بىلەن نىكاھ پۈتتى . خەدىچە ئىلگىرى ئەبۇھالە دېگەن كىشىنىڭ نىكاھىدا ئىدى . ئەبۇھالە ۋاپات بولغاندا ، خەدىچە ئۇنىڭدىن ھالە(ئەرەپلەردە بىر كىشىنى پالانىنىڭ دادىسى دەپ ئاتاش ئادىتى بار ، ئەبۇھالە دېگىنى ھالەنىڭ دادىسى دېگەن بولىدۇ ) ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن قالغان ئىدى ، ھالە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆگەي ئوغلى ئىدى.
داۋامى بار..........
[ بۇ يازما nurkalib تەرپىدىن2008-12-15 02:58 AMدە قا ]